تارىختىكى بۈگۈن: 2019 - يىلى7 - يانۋار
فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...
1120526
- 1961 – يىلى ئىتالىيەلىك ئاسترونوم گالىلو گالىلې يۇپىتېرنىڭ ئۈچ سۈنئىي ھەمراھى بارلىقىنى ئېنىقلاپ چىقتى. بۇ سۈنئىي ھەمراھلارغا ئەپسانىلەردىن قوبۇل قىلىنغان « Io »، « Europa » ۋە « Ganymede » ئىسىملىرى قويۇلدى.
- 1789 – يىلى 7 – يانۋار كۈنى تۇنجى قېتىملىق ئامېرىكا پىرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى. سايلىغۇچىلار ھەيئەتلەرنى، ھەيئەتلەر بولسا دۆلەتنىڭ تۇنجى پىرېزىدېنتى جورج ۋاشىنگتوننى پىرېزىدېنتلىققا سايلاپ چىقتى.
- 1927 – يىلى ئوكيانلاردىن ھالقىغان تۇنجى تېلېفون ئارقىلىق كۆرۈشۈش نىيۇ يوركتىن لوندونغا ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
- 1946 – يىلى 7 – يانۋار كۈنى دېموكرات پارتىيەسى قۇرۇلدى. جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىدىن ئايرىلغان جەلال بايار بىلەن ئادنان مەندەرەس، فۇئاد كۆپرۈلۈ ۋە رەفىق كورالتان دېموكرات پارتىيەنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئىلتىماس سۇندى.
- 1953 – يىلى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى ھاررى ترۇمىن دۆلىتىنىڭ ھىدروگېن بومبىسى ياسىغانلىقىنى جاكارلىدى.
- 1946 – يىلى « Eniac » ناملىق تۇنجى ئىلغار تېخنىكىلىق ئېلېكترونلۇق كومپىيۇتېر ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا دۇنياغا كەلدى ھەمدە ئېلېكترونلۇق – دىجىتال كومپىيۇتېر مەنزىلگاھىغا ئېلىپ بارىدىغان يولدا تاشلانغان چوڭ قەدەملەردىن بىرى سۈپىتىدە 1955 – يىلغىچە قوللىنىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تارىختىكى بۈگۈن: 31 – دېكابىر
ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...