ئەردوغان مىدالغا ئېرىشكەن تەنتەربىيەچىلەرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى

مىللىي تەنتەربىيەچىلەر «ئالغان مېداليونلىرىمىزنى قەھرىمان شېھىتلىرىمىزغا بېغىشلايمىز» دېدى ۋە باشقا يېڭى ئۇتۇقلارنىمۇ قولغا  كەلتۈرۈشكە ۋەدە بەردى.

567428
ئەردوغان مىدالغا ئېرىشكەن تەنتەربىيەچىلەرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رىئو 2016 – يىللىق ئولېمپىك مۇسابىقىلىرىدا مىدالغا ئېرىشكەن 8 نەپەر تۈرك تەنتەربىيەچىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

جۇمھۇر رەئىسلىك كۈللىيەسىدە ئاخباراتچىلارغا يېپىق شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشقا باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، ياشلار ۋە تەنتەربىيە ئىشلىرى مىنىستىرى ئاكىف چاغاتاي قىلىچ ھەمدە جۇمھۇر رەئىس باش مەسلىھەتچىلىرىدىن ھىدايەت تۈرك ئوغلۇ ۋە ھەمزە يەرلىكايامۇ ئىشتىراك قىلدى.

ئۇچرىشىشقا ئولېمپىك مۇساپىقىسىدا ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن تاھا ئاقگۈلمۇ قاتناشتى.

مىللىي تەنتەربىيەچىلەر «ئالغان مېداليونلىرىمىزنى قەھرىمان شېھىتلىرىمىزغا بېغىشلايمىز» دېدى ۋە باشقا يېڭى ئۇتۇقلارنىمۇ قولغا  كەلتۈرۈشكە ۋەدە بەردى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مېداليونغا ئېرىشكەن تەنتەربىيەچىلەرنى ئايرىم ئايرىم تەبرىكلەپ، ھەدىيە تەقدىم قىلدى. 

تەنتەربىيەچىلەر جۇمھۇر رەئىس بىلەن خاتىرە رەسىمگە چۈشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر