بايدىن خىتايغا قارشى ھەربىي كۈچ ئىشلىتىشنى نەزەردىن ساقىت قىلمىغانلىقلىرىنى ئېيتتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن خىتاينىڭ تەيۋەننى ئىشغال قىلىش ئېھتىمالىغا قارشى «ھەربىي كۈچ ئىشلىتىشنى نەزەردىن ساقىت قىلمىغانلىقلىرى» نى ئېيتتى.

2149174
بايدىن خىتايغا قارشى ھەربىي كۈچ ئىشلىتىشنى نەزەردىن ساقىت قىلمىغانلىقلىرىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت  جو بايدىن «دەۋر» (Time) ژۇرنىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللاشتىن ساقلىنىدىغان ئامېرىكا سىياسىتىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا «ئېنىق» ئەسكەرتكەنلىكلىرىنى بايان قىلدى.

ئۇ «ئەگەر خىتاي تەيۋەننىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئۆز ئالدىغا بىر تەرەپلىمىلىك بىلەن ئۆزگەرتمەكچى بولسا، ئامېرىكا ئۇ ئارالنى قوغدامدۇ-قوغدىمامدۇ؟» دېگەن سوئالغا: «بۇ ئەھۋال شارائىتلارغا باغلىق بولىدۇ. شۇڭا، ئىقتىدارىمىزنى كۈچەيتىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز. رايوندىكى ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن مەسلىھەتلىشىۋاتىمىز» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ «تاجاۋۇزچىلىق يۈز بەرگەندە ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى تەيۋەنگە ئورۇنلاشتۇرۇش ئېھتىماللىقىنى يوققا چىقارغان بولمامسىز؟» دېگەن سوئالغا: «ياق، قۇرۇقلۇقتا ئورۇنلىشىش، ھاۋا ئارمىيەسى ۋە دېڭىز ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدا پەرق بار» دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇ تەيۋەننى قوغداشتا ئامېرىكانىڭ ياپونىيە بىلەن فىلىپپىندىكى ھەربىي بازىلىرىدىن ھۇجۇم قىلىپ-قىلمايدىغانلىقى توغرىسىدا بىر نەرسە دېيىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ مۇنداق دېدى:

«مەن بۇ مەسىلە توغرىسىدا بىر نەرسە دېيەلمەيمەن، ئەگەر بىر نەرسە دېسەم تەنقىد قىلسىڭىز توغرا بولغان بولىدۇ» دېدى.

خىتاي ئۆزىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايدىغان تەيۋەن، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 1949-يىلدىن بۇيان ئەمەلىيەتتە مۇستەقىل دۆلەت سۈپىتىدە مەۋجۇت بولماقتا. ئىچكى ئۇرۇشتىن كېيىن بارلىققا كەلگەن خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن تەيۋەننىڭ ئايرىلىپ تۇرۇشى داۋاملاشماقتا.

خىتاي «بىر خىتاي» پىرىنسىپىنى تەكىتلەپ، تەيۋەننىڭ دۇنيا دۆلەتلىرى بىلەن مۇستەقىل دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشىغا، ب د ت (بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى) ۋە باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردا ۋەكىل تۇرغۇزۇشىغا قارشى چىقىپ، ئۆزىنى ئېتىراپ قىلغان دۆلەتلەردىن تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشنى تەلەپ قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر