فىدان قەشقەردە ئۇيغۇر مومايدىن دۇئا قىلىشنى ئۆتۈندى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان قەشقەر شەھىرىدىكى يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەقبەرىسى بىلەن ھېيتگاھ جامەسىنى زىيارەت قىلدى.

2149468
فىدان قەشقەردە ئۇيغۇر مومايدىن دۇئا قىلىشنى ئۆتۈندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېكس (X) بېتىدە، خاقان فىداننىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى زىيارەتلىرى توغرىسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرلىدى.

خاقان فىدان قەشقەردىكى تارىخىي ماكانلاردىن يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەقبەرىسى بىلەن ھېيتگاھ جامەسىنى زىيارەت قىلدى.

ئۇ ئۈرۈمچى ۋە قەشقەر شەھەرلىرىنى زىيارەت قىلغاندا، كوچىلارنى ئايلىنىپ، كىشىلەر بىلەن سۆھبەتلەشتى.

ئۇ قەشقەردە بىر ئۇيغۇر موماي بىلەن كۆرۈشكەندە، موماينىڭ قولىنى سۆيۈپ سۆھبەتلەشتى. ئۇ ئۇيغۇر موماينىڭ ئىسمىنىڭ ئامىنە ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۆزىگە دۇئا قىلىشنى ئۆتۈندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر