مۇھەممەد ئەلى دوختۇرخانىغا كىرىپ قالدى
دۇنياغا داڭلىق بوكسىيورچى مۇھەممەد ئەلى نەپەس يولى كېسەللىكى بىلەن دوختۇرخانىغا ئاپىرىلدى.
503327
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 74 ياشلىق مۇھەممەد ئەلىنىڭ مەخسۇس دوختۇرلىرى تەرىپىدىن تەرىپىدىن داۋالانغانلىقى بىلدۈرۈلدى. دوختۇرلار مەھەممەد ئەلىنىڭ ئەھۋالىنىڭ تۇراقلىق ئىكەنلىكىنى ۋە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دوختۇرخانىدىن چىقىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
دۇنيادا ھازىرغىچە ئۆتكەن داڭلىق تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ بىرى بولغان مۇھەممەد ئەلىنىڭ ئائىلىسىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئۇنىڭ قايسى دوختۇرخانىدا داۋالانغانلىقى ۋە كېسەللىك ئەھۋالى ھەققىدىكى تەپسىلىي ئۇچۇرلار مەخپىي تۇتۇلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيە-ئىسلاندىيە مۇسابىقىسى ئىزمىردە ئۆتكۈزۈلىدۇ
تۈركىيە پۇتبول كوماندىسى ئىزمىردە ئىسلاندىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ.