جېف مونسون تۇنجى جۈمە نامىزىنى تۈركىيە پارلامېنتىدا ئوقۇدى
دۇنياغا داڭلىق ئامېرىكالىق تەنھەرىكەتچى جېف مونسون مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن تۇنجى جۈمە نامىزىنى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) دىكى مەسچىتتە ئوقۇدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنگە قاراتقان ھۇجۇملىرىدا پەلەستىنلىكلەرنىڭ شەرەپلىك مەيدانىدىن تەسىرلىنىپ، ئىسلام دىنىغا كىرگەن مونسون، مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن، تۇنجى جۈمە نامىزىنى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدىكى مەسچىتتە ئوقۇدى، ھەمدە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى رەئىسى نۇمان قۇرتۇلمۇش بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.
ئۇ، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىدىكى مەيدانىغا يۇقىرى باھا بېرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى، ھەمدە تۇنجى جۈمە نامىزىنى تۈركىيەدە ئوقۇغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال بولغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«مېنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىمغا سەۋەب بولغان ئامىللاردىن بىرى قېرىنداشلىقتۇر.»
مونسون، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە تۈركىيەنىڭ پەلەستىن خەلقىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىپ، مۇنداق دېدى:
«مېنىڭچە ھەر بىر دۆلەت تۈركىيەنى ئۈلگە قىلسا، بىز بۇ ئىنسانىي تىراگېدىيە جىددىيچىلىكىنى پەسەيتەلەيمىز.»
ئۇ يەنە، مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن، سەلبىي ئىنكاسلارنى تاپشۇرۇۋالغاندىن باشقا، دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىن قوللاش ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشكەنلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىزمىر ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 102-يىللىقى تەبرىكلەندى
ئىزمىرنىڭ دۈشمەن ئىشغالىيىتىدىن ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 102-يىللىقى مۇراسىملار بىلەن تەبرىكلەندى.