ئاللاھ كىمنى ھىدايەت قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭ كۆكسىنى ئىسلام ئۈچۈن ئاچىدۇ

ئاللاھ كىمنى ئازدۇرماقچى بولسا، ئۇنىڭ كۆكسىنى شۇنچە تارايتىۋېتىدۇكى، (ئىمان ئېيتىش) ئۇنىڭغا گويا ئاسمانغا چىقىشتىنمۇ قىيىن تۇيۇلىدۇ، ئىمان ئېيتمىغانلارنى ئاللاھ مۇشۇنداق ئازابلايدۇ.

1211278
ئاللاھ كىمنى ھىدايەت قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭ كۆكسىنى ئىسلام ئۈچۈن ئاچىدۇ

ئاللاھ كىمنى ھىدايەت قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭ كۆكسىنى ئىسلام ئۈچۈن ئاچىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئەنئام سۈرىسى، 125 – 130 – ئايەتلەر. ئاللاھ كىمنى ھىدايەت قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭ كۆكسىنى ئىسلام ئۈچۈن ئاچىدۇ (يەنى ئۇنىڭ قەلبىنى ئىمانغا كېڭەيتىپ بېرىدۇ)، ئاللاھ كىمنى ئازدۇرماقچى بولسا، ئۇنىڭ كۆكسىنى شۇنچە تارايتىۋېتىدۇكى، (ئىمان ئېيتىش) ئۇنىڭغا گويا ئاسمانغا چىقىشتىنمۇ قىيىن تۇيۇلىدۇ، ئىمان ئېيتمىغانلارنى ئاللاھ مۇشۇنداق ئازابلايدۇ[125]. بۇ (يەنى ئىسلام دىنى) پەرۋەردىگارىڭنىڭ توغرا يولىدۇر، ئىبرەت ئالىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى مۇشۇنداق تەپسىلىي بايان قىلدۇق[126]. پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ئۇلارغا دارۇسالام (يەنى جەننەت) بار، ئۇلارنىڭ قىلغان (ياخشى) ئەمەللىرى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلارغا مەدەتكاردۇر[127]. ئاللاھ (ئىنسانلارنى، جىنلارنى ھېساب ئۈچۈن) تولۇق يىغىدىغان كۈننى ئەسلىگىن، (بۇ كۈندە ئاللاھ ئېيتىدۇكى) «ئى جىنلار جامائەسى! سىلەر نۇرغۇن ئادەملەرنى ئازدۇردۇڭلار». ئۇلارنىڭ ئىنسانلاردىن بولغان دوستلىرى: «ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىز بىر ـ بىرىمىزدىن پايدىلاندۇق، بىز ئەمدى سەن بەلگىلىگەن ۋاقىتقا (يەنى قىيامەت كۈنىگە) يەتتۇق» دەيدۇ، ئاللاھ: «دوزاخ سىلەرنىڭ جايىڭلاردۇر، سىلەر ئاللاھنىڭ خاھىشىغا باغلىق ھالدا ئۇ يەردە مەڭگۈ قالىسىلەر» دەيدۇ. شۈبھىسىزكى، سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر[128]. شۇنىڭغا (يەنى ئىنسانلار بىلەن جىنلارنى ئۆزئارا پايدىلاندۇرغىنىمىزغا) ئوخشاش، قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن زالىملارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىگە مۇسەللەت قىلىمىز[129]. «ئى جىنلار ۋە ئىنسانلار جامائەسى! سىلەرگە ئۆز ئىچىڭلاردىن مېنىڭ ئايەتلىرىمنى بايان قىلىپ بېرىدىغان، بۇ كۈنۈڭلاردىكى ئۇچرىشىشتىن سىلەرنى ئاگاھلاندۇرىدىغان پەيغەمبەرلەر كەلمىدىمۇ؟» ئۇلار: «گۇناھلىرىمىزنى ئېتىراپ قىلدۇق» دەيدۇ. ئۇلارنى دۇنيا تىرىكچىلىكى ئالدىغان، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقەتەن كاپىر بولغانلىقلىرىنى ئېتىراپ قىلىدۇ[130].



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر