ئاللاھ پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى قەيەرگە ئورنىتىشنى ئوبدان بىلىدۇ

گۇناھكارلار ئۆزلىرى ئىشلەتكەن ھىيلە ـ مىكىرلەر تۈپەيلىدىن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا خورلۇققا ۋە قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ.

1190932
ئاللاھ پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى قەيەرگە ئورنىتىشنى ئوبدان بىلىدۇ

ئاللاھ پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى قەيەرگە ئورنىتىشنى ئوبدان بىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئەنئام سۈرىسى، 119 – 124 – ئايەتلەر. زۆرۈرىيەت بولمىغۇچە يېيىش ھارام قىلىنغان نەرسىلەرنى ئاللاھ سىلەرگە ئوچۇق بايان قىلغان تۇرسا، ئاللاھنىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھايۋانلارنى نېمىشقا يېمەيسىلەر؟ نۇرغۇن كىشىلەر نەپسى خاھىشىغا ئەگىشىپ، بىلمەستىن، (باشقىلارنى) ھەقىقەتەن ئازدۇرىدۇ، شۈبھىسىزكى، سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ (شەرئى دەلىلسىز ھالال، ھارام دەپ) ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنى ئوبدان بىلىدۇ[119]. ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن گۇناھلارنى تەرك ئېتىڭلار، شۈبھىسىزكى، گۇناھ قىلغۇچىلار ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن (ئاخىرەتتە) جازاغا تارتىلىدۇ[120]. (ئى مۆمىنلەر!) ئاللاھنىڭ ئىسمى ئېيتىلماي بوغۇزلانغان (يەنى بىسمىللاھ دەپ زەبھى قىلىنمىغان) ھايۋانلارنى يېمەڭلار، ئۇنى يېيىش ئەلۋەتتە گۇناھتۇر. شۈبھىسىزكى، شەيتانلار ئۆز دوستلىرىنى (يەنى مۇشرىكلارنى) سىلەر بىلەن دەتالاش قىلىشقا ۋەسۋەسە قىلىدۇ، ئەگەر ئۇلارغا ئىتائەت قىلساڭلار، سىلەر چوقۇم مۇشرىك بولۇپ قالىسىلەر[121]. ئەسلىدە ئۆلۈك (يەنى كاپىر) بولۇپ، بىز ئۇنى (يەنى ئۇنىڭ قەلبىنى ئىمان بىلەن) تىرىلدۈرگەن، بىز ئۇنىڭغا كىشىلەر ئارىسىدا ھىدايەت تېپىشقا نۇر بەرگەن بىر ئادەم زۇلمەتتە (يەنى كۇفرىنىڭ قاراڭغۇلۇقىدا) قالغان ۋە ئۇنىڭدىن قۇتۇلالمىغان بىر ئادەم بىلەن ئوخشاشمۇ؟ كاپىرلارغا ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ئەنە شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى[122]. ھىيلە ـ مىكىر ئىشلىتىشلىرى ئۈچۈن (مەككىدە قۇرەيشنىڭ چوڭلىرىنى باش گۇناھكار قىلغىنىمىزدەك)، ھەربىر شەھەرنىڭ چوڭلىرىنى باش گۇناھكار قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ئىشلەتكەن ھىيلە ـ مىكىرلىرى ئۆزلىرىگە يانىدۇ (يەنى ئۇلار شۇ ھىيلە ـ مىكىرلەرنىڭ ۋابالىغا قالىدۇ)، ئۇلار (بۇنى) سەزمەيدۇ[123]. ئۇلارغا (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ راست پەيغەمبەرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) بىرەر مۆجىزە كەلگەن چاغدا، (ئۇلار) بىزگە پەيغەمبەرلەرگە بېرىلگەن مۆجىزە بېرىلمىگۈچە (ئۇنىڭغا) ھەرگىز ئىشەنمەيمىز، دەيدۇ. ئاللاھ پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى قەيەرگە ئورنىتىشنى (يەنى كىمنىڭ ئۇنىڭ ئەھلى بولىدىغانلىقىنى) ئوبدان بىلىدۇ، (بۇ) گۇناھكارلار ئۆزلىرى ئىشلەتكەن ھىيلە ـ مىكىرلەر تۈپەيلىدىن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا خورلۇققا ۋە قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[124].



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر