ئادانا كاۋىپى

بىلىۋېلىڭ (66)

2074576
ئادانا كاۋىپى

ئادانا كاۋىپى

تۈركىيەدىكى ئاشخانىلاردا ئەڭ كۆپ پىشۇرۇلىغان ۋە ئىستېمال قىلىنىدىغان تائاملاردىن بىرىنىڭ «ئادانا كاۋىپى» ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

ئادانا كاۋىپى تۈرك ئاشخانىلىرىنىڭ ئەڭ داڭلىق تائاملىرىنىڭ بىرى بولۇپ، تۈركىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ئادانا شەھىرىنىڭ نامى بىلەن تونۇلغان. داڭقى تۈركىيەدىن ھالقىپ كەتكەن بۇ كاۋاپ، بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن دۆلەتلەردە ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىنىدۇ.

ئەرەبچىدىن تۈركچەگە كىرگەن «كاۋاپ» ئىبارىسى، «قاچىدا ياكى ئوتتا سۇسىز پىشۇرۇلىدىغان گۆش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

ئادانانىڭ مەركىزىگە جايلاشقان چۇقورئوۋا رايونىدا ئۇزۇندىن بۇيان كاۋاپ قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن تەخمىنەن 4000 يىل ئىلگىرىكى دەۋرگە ئائىت بەزى ئارخېئولوگىيەلىك بايقاشلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا بۇ رايوندا زىخ كاۋىپى قىلىنغان. بۈگۈنكى كۈندىكى ئادانا كاۋىپى بولسا 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، ئادانانىڭ تارىخىي «قازانچىلار بازىرى» دا ئوتتۇرىغا چىققان.

ئادانا كاۋىپىنى باشقا كاۋاپلاردىن پەرقلەندۈرىدىغان ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىك بولسا ئىشلىتىلىدىغان گۆشتۇر. ئادانا كاۋىپى ئۆزىگە خاس  ئۆسۈملۈكلەرگە ئىگە رايون يايلاقلىرىدا بېقىلىدىغان قوچقار گۆشىدىن قىلىنىدۇ. ئەگەر گۆش قوچقارنىڭ بولمىسا، كاۋاپنىڭ تەمى لەززەتلىك بولمايدۇ. ئادانا كاۋىپىدا ئىشلىتىلىدىغان گۆش ئاداناغا خاس بولغان ناھايىتى ئىتتىك پىچاق بىلەن توغرىلىنىدۇ. توغرالغان گۆشكە پاقلاننىڭ قۇيرۇق يېغى، قىزىلمۇچ ۋە تۇز ئىلاۋە قىلىنىدۇ، باشقا تېتىتقۇلار ئىشلىتىلمەيدۇ. توغرالغان گۆش زىختىن ئۆتكۈزۈلۈپ، ئوتۇن ئوتىدا پىشۇرۇلىدۇ. ئادانا كاۋىپى ھەمىشە سىر دەرىخى ئەزمىسى بىلەن پىياز قوشۇلغان سالات ۋە يېشىل سالات بىلەن بىللە ئىستېمال قىلىنىدۇ.

ئوخشىمىغان رايونلارغا كەڭ تارقالغان ئادانا كاۋىپى، ئالاھىدىلىكىنىڭ قوغداپ قېلىنىشى ئۈچۈن، تۈركىيە پاتېنت قانۇنى ۋە تاۋار ماركىسى ئىدارىسى تەرىپىدىن «رايونغا خاس تائام» تەرىقىسىدە تىزىمغا ئېلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر