ۋان بېلىقى

بىلىۋېلىڭ (55)

2041285
ۋان بېلىقى

ۋان بېلىقى

تۈركىيەنىڭ يەرلىك بېلىق تۈرلىرىنىڭ ناھايىتى مول ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

گەرچە تۈركىيەنىڭ يەر كۆلىمى دۇنيا يەر ئۆلچىمىنىڭ مىڭدىن بەشىچىلىك كەلسىمۇ، ئەمما دۇنيادىكى بېلىق تۈرلىرىنىڭ % 2.9 ى تۈركىيەدە ياشايدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا، بېلىق تۈرلىرى جەھەتتە تۈركىيەنىڭ بېلىق تۈرلىرى دۇنيانىڭ يەر ئۆلچىمى ئۈلۈشىدىن ئالتە ھەسسە كۆپ.

تۈركىيەنىڭ يەرلىك بېلىقلىرىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ئادەتتە كۆللەر ۋە ئېقىنلاردا ياشايدۇ. تۈركىيەنىڭ ئەڭ داڭلىق يەرلىك بېلىقى بولسا ۋان بېلىقى ھېسابلىنىدۇ. يېپىق ئويمانلىق بولغان ۋان كۆلىدە ھەر يىلى 15 مىڭ توننا ئەتراپىدا بېلىق تۇتۇلىدۇ. ۋان كۆلى ئەتراپىدا ياشايدىغان تەخمىنەن 14 مىڭ كىشى بۇ بېلىقچىلىق كەسپىيگە تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىدۇ.

ۋان كۆلىدە ياشايدىغان مىلياردلىغان بېلىقلار ھەر يىلى ئەتىيازلىق كۆچۈش مەزگىلىدە پەۋقۇلئاددە كۆرۈنۈشلەرنى ھاسىل قىلىدۇ. ۋان كۆلىنىڭ سۈيىدە ياشايدىغان ۋە 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تۇخۇملىرىنى قالدۇرۇش ئۈچۈن سەپەرگە ئاتلىنىدىغان بۇ بېلىقلار، جاپالىق سەپەردىن كېيىن ۋان كۆلىگە قويۇلىدىغان ئېقىنلاردا تۇخۇملايدۇ. تۇخۇم قالدۇرۇش ئۈچۈن ئېقىنغا قارشى گويا ئۇچقاندەك تاتلىق سۇلارغا ئاقىدىغان بېلىقلارنىڭ بۇ كۈرىشى، تاماشىبىنلار ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە كۆرۈنۈشلەرنى ھاسىل قىلىدۇ. ھەر بىر بېلىقنىڭ قورسىقىدا 10 مىڭ تۇخۇم بار بولۇپ، تۇخۇملاشتىن بۇرۇن تۇتۇلغان ھەر بىر بېلىق دۇنياغا كەلگۈسى 10 مىڭ يېڭى بېلىقنىڭ يوق قىلىنغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بېلىقلار تۇخۇملىغان ۋە  75 كۈنلۈك سەپەردىن كېيىن كۆلگە قايتىپ كېلىدۇ.

1996-يىلدىن بۇيان ۋان بېلىقىنى قوغداش توغرىسىدا مۇھىم خىزمەتلەر ئىشلەنمەكتە. مىڭلىغان كىشىلەر ئەرجىش-دەلىچاي بېلىق بازىسىدىكى بۇ يەرلىك بېلىقلارنى كۆزىتىش ئۈچۈن قۇرۇلغان كۆزىتىش ساھەسىگە يىغىلىپ، ۋان بېلىقلىرىنىڭ كۆچۈش سەپىرىنى كۆزىتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئەرجىش بېلىقچىلىق بازىسىدا خەلقئارا ۋان بېلىقلىرىنىڭ كۆچۈش سەپىرىنى كۆزىتىش مەدەنىيەت-سەنئەت فېستىۋالىمۇ ئۆتكۈزۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر