19-ماي ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش، ياشلىق ۋە تەنتەربىيە بايرىمى
بۈگۈن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى «مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش، ياشلىق ۋە تەنتەربىيە بايرىمى» نى تەبرىكلىمەكتىمىز.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: بۈگۈن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى «مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش، ياشلىق ۋە تەنتەربىيە بايرىمى» نى تەبرىكلىمەكتىمىز. ئازادلىق ئۇرۇشىنى غەلبە بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان ئاتاتۈرك جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن تۇنجى جۇمھۇر رەئىس بولدى. زامانىۋى خەلق بولۇش يولىدا ياشلارنىڭ ساغلام ۋە چېنىققان كىشىلەر بولۇپ يېتىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس بىر كۈن ئۈستىدە باش قاتۇرۇلۇپ، 19-ماي كۈنىنى دۆلەت بايرىمى سۈپىتىدە بېكىتكەن ئىدى.
بۈگۈن دۆلىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ۋە دۆلىتىمىزنىڭ چەت ئەللەردىكى ئەلچىخانا، كونسۇلخانىلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىملار بىلەن ئاتاتۈرك ئەسلەنمەكتە ھەمدە ياشلىق ۋە تەنتەربىيە بايرىمى تەبرىكلەنمەكتە.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشقان يالغانچىنى ھىدايەت قىلمايدۇ
ئەگەر بىزگە ئاللاھنىڭ ئازابى كەلسە، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشقا بىزگە كىم ياردەم بېرىدۇ؟