ئىلىم ئەربابى، يازغۇچى، شائىر، سىياسىيون ۋە دۆلەت ئەربابى مەھمەت فۇئات كۆپرۈلۈ

نازگۈل قادىروۋا تەرىپىدىن تەييارلانغان «ھاياتىنى تۈرك دۇنياسىغا بېغىشلىغانلار» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىدىكى سانىدا، تۈرك ئەدەبىياتى تارىخچىلىقىنىڭ ئىلمىي ئاساسچىسى، يازغۇچى، شائىر ۋە دۆلەت ئەربابى مەھمەت فۇئات كۆپرۈلۈ ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

2140340
ئىلىم ئەربابى، يازغۇچى، شائىر، سىياسىيون ۋە دۆلەت ئەربابى مەھمەت فۇئات كۆپرۈلۈ

ئىلىم ئەربابى، يازغۇچى، شائىر، سىياسىيون ۋە دۆلەت ئەربابى مەھمەت فۇئات كۆپرۈلۈ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى : «قايتا دۇنياغا كەلسەم، ئىككىلەنمەستىن ئوخشاش يولدا ماڭاتتىم» دېگەن فۇئات كۆپرۈلۈ، تۈرك خەلق ئەدەبىياتى ساھەسىدىكى تەتقىقاتلىرى ئارقىلىق تۈركولوگىيە ساھەسىدە يېڭى ئۇپۇقلارنى ئاچقان نوپۇزلۇق ئىلىم ئەربابى. ئاپتور 1890-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى ئىستانبۇلدا تونۇلغان بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، دادىسى ئىسمائىل فائىز ئەپەندى بەيئوغلۇدىكى ئىككىنچى جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى باش كاتىپلىقىدىن پېنسىيەگە چىققان مەمۇر، بوۋىسى ئەھمەد زىيا ئەپەندى بۇخارېست ئەلچىخانىسىدا باش ئەلچى بولغان كىشى ئىدى. بوۋىسىنىڭ ئاتىسى تەنزىمات ئەربابلىرىدىن بولۇپ، دىۋانى ھۇمايۇن مۇدىرى ئىسمائىل ئافىف ئەپەندى ئىدى. ئاپىسى خەدىچە خانىم بولسا، ئىسلىمىيە ئۆلىمالىرىدىن ئارىف ھېكمەت ئەپەندىنىڭ قىزى ئىدى. بۇ ئائىلىنىڭ شەجەرىسى ئونىنچى ئەۋلادقا بارغاندا سەدرى ئەزەم كۆپرۈلۈ مەھمەت پاشاغا تۇتىشىدۇ.

ئۆزىنىڭ تەبىرىگە قارىغاندا، ئاياسوفيا رۇشدىيەسىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، مەرجان ئىدادىسى (باشلانغۇچ مەكتىپى)گە كىرگەن كۆپرۈلۈ، ئىدادىگە كىرگەندىن كېيىن كېيىن، چەت ئەل تىلى ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، بۇ نۇقتىدىكى يېتەرسىزلىكلىرىنى تولۇقلاشقا تىرىشقان. رۇشدىيەدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە پارسچە ئۆگەنگەن كۆپرۈلۈ، ئىدادىدىكى يىللىرىدا ئەرەب ۋە فىرانسۇز تىللىرىنى ياخشىلاشقا بەل باغلىغان. ئارىدىن بىر نەچچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن، «Les Nouvelles Litteraires» ژۇرنىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى ئەمدىلا پۈتتۈرگەن 18 ياشلىق بىر بالا بولۇش سۈپىتى بىلەن، فىرانسۇز كىلاسسىكلىرىنى، بولۇپمۇ 19-ئەسىر ئەدەبىياتىدىن يېتەرلىك دەرىجىدە خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. 1907-يىلى مەكتەبى ھوقۇق (قانۇن ئىنستىتۇتى)قا ئوقۇشقا كىرگەن كۆپرۈلۈ، ئۇ يەردە ئۆزى ئىنتىلىۋاتقان نەرسىنى تاپالمىغاندىن كېيىن، ئۈچىنچى سىنىپتىكى چېغىدا مەكتەپتىن چىقىپ كېتىپ، كۆپرۈلۈ ئائىلە كۇتۇپخانىسىدا ئۆزلۈكىدىن تەربىيەلىنىشكە باشلىغان. مەرجان، قاباتاش، گالاتاساراي ۋە ئىستانبۇل تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان كۆپرۈلۈ، 1913-يىلى ئىستانبۇل دارۇلفۇنۇنىدا «تۈرك ئەدەبىيات تارىخى» ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. تەتقىقات ئىشلىرىغىمۇ سەل قارىمىغان كۆپرۈلۈ، 1913-يىلى بىلگى مەجمۇئەسى (ژۇرنىلى)دە ئېلان قىلىنغان «تۈرك ئەدەبىيات تارىخىدا ئۇسۇل (مېتود)» ناملىق ماقالىسى بىلەن، تۈركولوگىيە ساھەسىدىكى شۆھرىتىنىڭ دەسلەپكى قەدىمىنى باسقان. ئۆز دەۋرىدىكى تۈركچىلىك ئىدىيەلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان كۆپرۈلۈ، ئۈزلۈكسىز ھالدا ئۆزىنى يېتىشتۈرۈپ، تەتقىقات ساھەسىدە زور  ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. ئۇ تۈرك دۇنياسىنىڭ تارىختىن بۈگۈنگىچە بولغان نۇرغۇن تېمىلىرىدا تەتقىقاتلەرنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۆز دەۋرىگە ۋە كېيىنكى ئەۋلادلارغا زور تۆھپىلەرنى قوشقان. ئۇنىڭ ئەدەبىياتنى تەتقىق قىلىش مېتودى ھەققىدىكى ئەسەرلىرى تۈركىيەدىكىلا ئەمەس، بەلكى تۈرك دۇنياسىدىكى زىيالىيلارغىمۇ زور تەسىر كۆرسەتكەن. ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخشۇناسلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى سۈپىتىدە نامىنى تارىخ سەھىپىلىرىگە يازدۇرغان كۆپرۈلۈ، ئەدەبىيات، جەمئىيەتشۇناسلىق، كۈلتۈر، مەدەنىيەت، دىن، تەسەۋۋۇپ، تىل، قانۇن، ئىقتىساد، مۇزىكا ۋە سىياسەت قاتارلىق ساھەلەردە ئەسەرلەرنى يازغان. كۆپرۈلۈنىڭ «تۈرك يۇردۇ»، «سەرۋەتى فۇنۇن»، «مىللىي تەتەببۇلار مەجمۇئەسى»، «يەنى (يېڭى) مەجمۇئە» ۋە كۈندىلىك گېزىتلەردىكى ماقالىلىرى، ئۇنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتلىرىنىڭ يوللىرىنى داغداملاشتۇرغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتىدىن باشقا، سىياسىي پائالىيەتلىرى بىلەنمۇ كۈنتەرتىپتە ئىدى. فۇئات كۆپرۈلۈ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان مەزگىلىدە، تۈركىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتوغا ئەزا بولۇشى، بالقان شەرتنامىسى ۋە باغداد شەرتنامىسىگە تەرەپ بولۇشى، جەنۇبىي كورېيەگە ئەسكەر ئەۋەتىش قاتارلىق نۇرغۇن ئىشلاردا مۇھىم رول ئوينىغان. 1958-يىلى خارۋارد ئۇنۋېرسىتىتىدا بىر يىل بويىچە تۈرك تارىخى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىش ئۈچۈن ئامېرىكاغا تەكلىپ قىلىنغان ۋە 1959-يىلى تەتقىقاتىنى تاماملاپ، تۈركىيەگە قايتىپ كەلگەن. كۆپرۈلۈ 1966-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى ئەنقەرەدە قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ قازا قىلغاندىن كېيىن، ئىستانبۇلغا دەپنە قىلىنغان.

ئۆمۈر بويى توختىماستىن ۋەتىنىگە خىزمەت قىلغان كۆپرۈلۈ، 1500 دىن ئارتۇق كىتاب ۋە ماقالىنى قالدۇرۇپ كەتكەن بولۇپ، ئەسەرلىرى، ئەسەرلىرىدىكى ئەستايىدىللىقى ۋە مېتودقا پەۋقۇلئاددە ئەھمىيەت بېرىدىغان خىزمەت ئۇسۇلى بىلەن، تۈركىيەدە «زامانىۋى تارىخشۇناسلىقنىڭ ئاتىسى» دەپ تەرىپلەنگەن.

XX ئەسىر تۈركىيەسىدە يېتىشكەن ناھايىتى ئاز ساندىكى قىممەتلىك زاتلارنىڭ بىرى بولغان پىروفېسسور دوكتور فۇئات كۆپرۈلۈنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتى ھەققىدە نۇرغۇن تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلدى. ھازىرمۇ ئۇنىڭ ھاياتى، يازمىلىرى ۋە ماقالىلىرى ئۈستىدە تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلماقتا.

 

مەنبەلەر:

1. Kapucu, D. (2020). MEHMET FUAD KÖPRÜLÜ’NÜN İLMÎ VE SİYASÎ HAYATI. Dünya   İnsan Bilimleri Dergisi, 2020(2), 205-227.

2. "Fuad Köprülü, Sosyal Tarih Perspektifi ve Günümüz Türkiye'sinde Din ve Tasavvuf Tarihi Araştırmalarında 'Tarihin Saptırılması' Problemi", Türkiyat Araştırmalar Dergisi, sayı 3, Konya 1997.

3. https://islamansiklopedisi.org.tr/mehmed-fuad-koprulu



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر