يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشى سەۋەبىدىن تۈركىيەنىڭ قۇرۇقلۇق مۇز قاپلىمى يوقىلىش خەۋىپىگە دۇچ كەلمەكتە

كۆزنەك (48)

2021125
يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشى سەۋەبىدىن تۈركىيەنىڭ قۇرۇقلۇق مۇز قاپلىمى يوقىلىش خەۋىپىگە دۇچ كەلمەكتە

يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشى سەۋەبىدىن تۈركىيەنىڭ قۇرۇقلۇق مۇز قاپلىمى يوقىلىش خەۋىپىگە دۇچ كەلمەكتە

مۇتەخەسسىسلەر  كىلىمات ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن قۇتۇپ مۇز قاتلاملىرىنىڭ ئېرىپ كېتىشىنىڭ يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىنى تېخىمۇ كۆپەيتىۋېتىدىغانلىقى، پەۋقۇلئاددە ھاۋارايى ھادىسىلىرى ۋە قۇرغاقچىلىقنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئورمان ئوت ئاپەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى توغرىلىق ئاگاھلاندۇرۇش بەرمەكتە.

قۇياش نۇرىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئارقىلىق يەر شارىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئىسسىپ كېتىشىنى توسۇپ قالىدىغان قۇتۇپلاردىكى مۇز قاتلاملىرى 1970-يىللاردىن باشلاپ يېرىمغا يېقىن ئازايدى. كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بۇ ھادىسە پەقەت قۇتۇپ مۇز قاتلاملىرى بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ، ئەلۋەتتە. سۇ بايلىقى جەھەتتە مۇھىتنى ئوزۇقلاندۇرىدىغان تاغلاردىكى قۇرۇقلۇق مۇز قاتلاملىرىمۇ ئېرىمەكتە.

ئىستانبۇل تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتىتى ياۋروئاسىيا يەر شارى پەنلىرى ئىنستىتۇتى يەر شارى پەنلىرى فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور مەھمەت ئاكىف سارىقايا قۇتۇپ مۇز قاتلاملىرىنىڭ كۆلىمىنىڭ چوڭ، تاغ مۇز قاتلاملىرىنىڭ  كۆلىمىنىڭ بولسا كىچىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ، ھەمدە كىلىمات كىرىزىسى سەۋەبىدىن ھەر ئىككى مۇز قاپلىمىنىڭ تېخىمۇ زور دەرىجىدە ئېرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئىككىسىنى بىر-بىرىدىن ئايرىش مۇمكىن ئەمەس. قۇتۇپ مۇز قاتلاملىرىنىڭ كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ بولغاچقا، ئېرىشى قۇرۇقلۇق مۇز قاتلاملىرىدەك تېز بولمايدۇ. بىزگە ئوخشاش ئوتتۇرا كەڭلىك رايونلىرىدىكى مۇز قاتلاملىرىنىڭ ئېرىپ كېتىشى تېخىمۇ تېز بولماقتا.»

ئۇ دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغا سېلىشتۇرغاندا ئانادولۇدا ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە چوڭ مۇز قاتلاملىرىنىڭ يوقلۇقىنى، شۇڭا مەۋجۇت مۇز قاتلاملىرىنىڭ ئېرىپ كېتىشىنىڭ تەسىرىنىڭ ئانچە چوڭ بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دەيدۇ: «تۈركىيەنىڭ 12 رايونىدا 51 مۇز قاپلىمى ساھەسى بار بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 10 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. <ئاغرى تېغى چوققىسى> دىكى ئەڭ چوڭ مۇز قاپلىمىمىز 1976-يىلى تەخمىنەن 8 كىۋادرات كىلومېتىر كېلەتتى. بۈگۈنكى كۈندە بولسا 5 كىۋادرات كىلومېتىرغا ئازايدى. بىزنىڭ بارلىق مۇز قاتلاملىرىمىز تەخمىنەن  30-35پىرسەنت ئازايدى. يېقىنقى 100 يىل ئىچىدە ھاققارى ۋىلايىتىگە جايلاشقان جىلو تېغىدىكى مۇز قاتلاملىرىمىز % 50-60 كىچىكلەپ كەتتى. بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان تەتقىقاتىمىزغا ئاساسلانغاندا، ئەگەر ئىسسىپ كېتىش مۇشۇ سۈرئەت بىلەن داۋاملاشسا، ئەرجىيەس تېغىدىكى مۇز قاتلاملىرى پۈتۈنلەي يوقاپ كېتىشى مۇمكىن. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يەر شارىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە ئىسسىپ كېتىش ھادىسىلىرى ۋە ئىنسانلارنىڭ پائالىيەتلىرى مۇز قاتلاملىرىنىڭ ئېرىش سۈرئىتىنى تېزلىتىۋاتىدۇ. مەسىلەن، ئىنسانلارنىڭ جىلو تېغىدىكى ساياھەت پائالىيەتلىرى بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ. يەر شارىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە ئىسسىپ كېتىش ھادىسىلىرىگە  ئىنسانلارنىڭ پائالىيەتلىرى قوشۇلماقتا. بۇنىڭ نەتىجىسىدە مۇز قاتلاملىرىنىڭ ئېرىشى تېزلىشىپ، سۇ مەنبەلىرىگە سەلبىي تەسىر كۆرسەتمەكتە.»

50 يىل ئىچىدە تاغ- جىلغىلاردىكى بارلىق مۇز قالاملىرىنىڭ ئېرىپ كېتىشى ئېھتىماللىقى يۇقىرى

بوغازئىچى ئۇنىۋېرسىتىتى كىلىمات ئۆزگىرىشى تەتقىقات مەركىزى مۇدىرىيىتىنىڭ ئەزاسى دوكتور مۇرات تۈركەش تۈركىيەدىكى مۇز قاتلاملىرى ۋە ئاغرى تېغىدىكى مۇز قاپلىمىنىڭ يېقىنقى 50 يىل ئىچىدە تېز سۈرئەتتە ئېرىپ، چېكىنگەنلىكى ۋە كىچىكلىگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ««ئەگەر مۇشۇنداق داۋاملاشسا، كەلگۈسى 50 يىلدا تاغ-جىلغىلاردىكى بارلىق مۇز قاتلاملىرىنىڭ ھەممىسى  ئېرىپ كېتىشى  مۇمكىن. بۇ تۈركىيە ئۈچۈنمۇ شۇنداق. چۈنكى تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، تۈركىيەنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىكى تاغلارنىڭ ئۈستىدىكى مۇز قاتلاملىرى تېز سۈرئەتتە ئېرىپ، كىچىكلىمەكتە ۋە يوقاپ كەتمەكتە.»

ئۇ مۇز قاتلاملىرىنىڭ قار قاتلىمى بىلەن بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئەتراپىدىكى جۇغراپىيە، ئېكولوگىيە سىستېمىلىرى، سۇ بايلىقلىرى ۋە كۈندىلىك ھاياتنى ئوزۇقلاندۇرىدىغان مۇھىم سۇ مەنبەلىرى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ: «قار يېتەرلىك بولسا، ئېرىش - ئوزۇقلىنىش تەڭپۇڭلۇقى مۇۋاپىق بولسا، دەۋرىيلىك داۋاملىشىدۇ. ئەمما ھازىر بۇ تەڭپۇڭلۇق بوزۇلدى. چۈنكى يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشى سەۋەبلىك مۇز قاتلاملىرى ناھايىتى تېز ئېرىمەكتە، قار يېغىشى ئاستا-ئاستا ئازايماقتا، قار ياغقان تەقدىردىمۇ، تېز ئېرىپ، مەۋجۇدىيىتىنى يوقاتماقتا.»

« ئىزولياتسىيەلىك تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلماقتا»

تۈركەش تاغ مۇز قاتلاملىرىنىڭ ئازىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۇلار ئەتراپىدىكى ئېكىلوگىيەلىك سىستېمىلاردا شەكىللەندۈرگەن ئالاھىدە كىلىمات ۋە ئۇزۇقلاندۇرۇۋاتقان پۈتكۈل جۇغراپىيەدە بۇنىڭدىن كېيىن يېتەرلىك سۇ بايلىقىنىڭ قالمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ: «بولۇپمۇ ھىمالايا تاغلىرى، ئانت تاغلىرىدىكى قار-مۇزلارنىڭ پات – پات تۇيۇقسىزلا ئېرىشى كەلكۈن، تاشقىن ۋە يەر كۆچۈش ئاپەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. بۇنىڭ نەتىجىسىدە مۇز قاتلاملىرى ئېرىگەندە تاغلىق رايونلار تېخىمۇ كۆپ بۇزۇلماقتا؛ بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئاستا- ئاستا ئىزولياتسىيەلىك تەڭپۇڭلۇقمۇ بۇزۇلماقتا. بۇنى يەش شارىۋى تەسىرى ئەڭ كەڭ دائىرىلىك ھادىسە دېيىشكە بولىدۇ. ئەگەر مۇز قاتلاملىرى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ پۈتۈنلەي يوقالسا، بۇ سۇ مەنبەلىرىنىڭ ئازىيىدىغانلىقىدىن، ئورمانلارنىڭ ئەتراپىدىكى يايلاقلارنىڭ قۇرۇپ كېتىدىغانلىقىدىن، ئۇ يەردىكى ياشاش مۇھىتىنىڭ بۇزۇلىدىغانلىقىدىن، نەچچە ئەسىردىن بۇيان چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان كۆچمەن چارۋىچىلارنىڭ قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر