مۇز تاغلىرىنىڭ ئېرىشى تۈركىيەنىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىزلارنىڭ يۈزىنى ئۆرلەتمەكتە

كۆزنەك (46)

2012596
مۇز تاغلىرىنىڭ ئېرىشى تۈركىيەنىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىزلارنىڭ يۈزىنى ئۆرلەتمەكتە

مۇز تاغلىرىنىڭ ئېرىشى تۈركىيەنىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىزلارنىڭ يۈزىنى ئۆرلەتمەكتە

مۇتەخەسسىسلەر شىمالىي قۇتۇپتىكى مۇز تاغلىرىنىڭ ئېرىشىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىزلارنىڭ يۈزىنىڭ يىلىغا 4 مىللىمېتىر ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە، شۇنداقلا بۇ ئەھۋالنىڭ مەۋجۇت ئۇل ئەسلىھەلەرگە زىيان يەتكۈزۈش ئېھتىماللىقغا قارشى ئۇل ئەسلىھەلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلىمەكتە.

شىمالىي قۇتۇپتىكى مۇز تاغلىرى قۇياش نۇرىنىڭ تەخمىنەن % 80 ىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئارقىلىق دۇنيانىڭ  ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە ئىسسىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. دەرۋەقە شىمالىي قۇتۇپتىكى مۇز تاغلىرى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن باشلاپ % 50 ئازايدى.

بۈگۈنكى كۈندە، شىمالىي قۇتۇپتا مۇز تاغلىرى يىل بويى مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. ھەر يىلى بۇ مۇز تاغلىرى ياز پەسلىدە ئازىيىدۇ، قىش پەسلىدە بولسا كۆپىيىدۇ. ئەمما تەتقىقاتچىلار بۇ ھەقتە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: ھەر 10 يىلدا شىمالىي قۇتۇپتىكى مۇز تاغلىرىنىڭ % 13 يوقاپ كەتمەكتە. شۇڭا 2050-يىلىغىچە ياز پەسلىدە شىمالىي قۇتۇپتىكى مۇز تاغلىرى پۈتۈنلەي يوقاپ كېتىشى مۇمكىن.

بۇنداق ئەھۋال ئانتاراكتىكا قەتئەسىدىكى مۇز تاغلىرىدىمۇ كۆرۈلمەكتە. ئانتاراكتىكا قەتئەسىدىن 1992-يىلدىن ھازىرغىچە تارتىلغان سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، كۆككە تاقاشقان مۇز تاغلىرى ھەر يىلى 7 مېتىر پەسەيمەكتە ئىكەن، شۇنداقلا ھەر يىلى 120 - 140 مىليارد توننا مۇز تاغلىرى دېڭىز - ئوكيانلارغا قوشۇلۇپ كەتمەكتە ئىكەن.

كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىرىدە، شىمالىي قۇتۇپ مۇز تاغلىرىنىڭ ئېرىشى دۇنيادىكى دېڭىز - ئوكيانلارغا تەسىر كۆرسەتمەكتە. شۇنداقلا  دېڭىز يۈزىنىڭ ئۆرلىشى ۋە پەۋقۇلئاددە ھاۋارايى ھادىسىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.

9 – سېنتەبىر  ئۇنىۋېرسىتىتى دېڭىز - ئوكيان پەنلىرى ۋە تېخنولوگىيەسى ئىنىستىتۇتى دېڭىز - ئوكيان پەنلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى پىروفېسسور دوكتور  شۈكرۈ تۇران بەشىكتەپە ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ شىمالىي قۇتۇپتىكى مۇز تاغلىرىنىڭ ئېرىپ كېتىشىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىزلارغا كۆرسىتىۋاتقان تەسىرى توغرىسىدا سورىغان سوئاللىرىغا بەرگەن جاۋابىدا، مۇز تاغلىرىنىڭ ئېرىشىگە ئەگىشىپ، دېڭىزلاردىكى سۇنىڭ مىقدارى ۋە بارلىق دېڭىزلاردىكى ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان ئۆلچەشلەر داۋامىدا، تۈركىيەنىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىزلارنىڭ يۈزىنىڭ يىلىغا 4 مىللىمېتىر ئۆرلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. بۇ قارىماققا ناھايىتى كىچىك ئىشتەك قىلسىمۇ، ئەمما بۇنداق كېتىۋەرسە تۈركىيەنىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىزلارنىڭ يۈزى ئون يىلدا 4 سانتىمېتىر، يۈز يىلدا 40 سانتىمېتىرغا ئۆرلەپ كېتىدۇ،  دېگەن گەپ. دېڭىزلاردا سۇ ئىسسىپ كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈۋاتىدۇ. دەرۋەقە، ئىسسىپ كەتكەن سۇ كېڭىيىدۇ ۋە سۇ يۈزى ئۆرلەپ كېتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا دېڭىزلارنىڭ يۈزى ھەر يىلى 4 مىللىمېتىر يۇقىرى ئۆرلەشكە باشلايدۇ ۋە بۇ ئۆرلەش تېخىمۇ زورىيىدۇ. دېڭىز بويى رايونلىرىمىزدىكى دېڭىزلارنىڭ يۈزى تېخىمۇ ئۆرلەپ كېتىدۇ. كەلگۈسى 20 يىلدا بۇ مەسىلىلەرنى باشتىن كەچۈرۈشكە باشلايمىز.»

مۇز تاغلىرىنىڭ ئېرىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقان يەنە بىر ئامىل يۈسۈنلەرنىڭ پارتلىشى

يىلدىز تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتىتى خىمىيىە - مېتاللورگىيە فاكۇلتېتى بىيوئىنژېنېرلىق بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور دىدەم بالقانلى ئۆزچىمەننىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، يەرشارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشى ئاتموسفېرا ۋە دېڭىز سۈيىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئۆرلىتىپ، مۇز تاغلىرىنىڭ ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ تېز ئېرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا ئىكەن.

پىروفېسسور ئۆزچىمەن دوكلاتىدا، مۇز تاغلىرىنىڭ قوغداش قاپقىقى رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى ۋە ئاتموسفېراغا ھەددىدىن زىيادە ئىسسىقلىقنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دەيدۇ: «قۇتۇپلاردىكى مۇز تاغلىرى دۇنيا كىلىمات سىستېمىسى، دېڭىز يۈزى ۋە تېمپېراتۇرىسى، ئوكيان ئېقىملىرى، تاتلىق سۇ مەنبەلىرى ھەم پۈتكۈل ياشاش ساھەلىرىنى  قوغداش ۋە تەڭپۇڭلاشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. مۇز تاغلىرى ئېرىگەنسېرى، دېڭىز – ئوكيانلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەپ كەتكەنسېرى ئوكيان ئېقىملىرى دۇنيانىڭ ھاۋارايى سىستېمىلىرىنى  قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتمەكتە.»

ئۆزچىمەننىڭ تەكىتلىشىچە، ئانتاراكتىكا يېرىم ئارىلىدا ھاۋارايى ۋە تېمپېراتۇرىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە ئۆرلەپ كېتىشى ئېكولوگىيىلىك سىستېما ۋە تۆۋەن تېمپېراتۇرا باسقۇچلىرىدا بىرقاتار ئۆزگىرىشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا ئىكەن. شۇنداقلا يېقىنقى يىللاردا زور دەرىجىدە مۇز ماسسىسى يوقاپ كېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمەكتە ئىكەن.

مۇز تاغلىرىنىڭ ئېرىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقان يەنە بىر ئامىل يۈسۈنلەرنىڭ پارتلىشى بولۇپ، ھەم يەر شارى خاراكتېرلىك ئىسسىپ كېتىش ھەم يۈسۈنلەرنىڭ پارتلىشى مۇز تاغلىرىنىڭ ئېرىش سۈرئىتىنى تېخىمۇ تېزلەتمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر