تۈركىيەنىڭ بىيولوگىيەلىك قوغداش رايونى  جامىلى

بىلىۋېلىڭ (32)

1976926
تۈركىيەنىڭ بىيولوگىيەلىك قوغداش رايونى  جامىلى

تۈركىيەنىڭ بىيولوگىيەلىك قوغداش رايونى  جامىلى

تۈركىيەدە ب د ت مائارىپ، ئىلىم – پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى «UNESCO» نىڭ  قوغدىشى ئاستىدىكى بىر بىيولوگىيەلىك قوغداش رايونىنىڭ بارلىقىنى بىلەمسىز؟

بىيولوگىيەلىك قوغداش رايونلىرى - ئىنسانلار بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى ئېكولوگىيەلىك، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي جەھەتتىن تەڭپۇڭ ۋە سىجىل مۇناسىۋەتلەر ئورنىتىلىدىغان قۇرۇقلۇق  ياكى دېڭىز بويىدىكى ئېكولوگىيەلىك سىستېمىلىرىغا ئىگە رايونلار دەپ ئاتىلىدۇ.

ب د ت مائارىپ، ئىلىم – پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ دۇنيا بىيولوگىيەلىك قوغداش ساھەسىدە  2021-يىلى 129 دۆلەتتىكى بىيولوگىيەلىك قوغداش رايونى 714 كە يەتكەن. تۈركىيەنىڭ تۇنجى ۋە بىردىنبىر بىيولوگىيەلىك قوغداش رايونى جامىلى، ئارتۋىن ۋىلايىتىنىڭ بورچكا ناھىيەسىگە جايلاشقان بولۇپ، ئادەتتە ماكاھېل دەپ ئاتىلىدۇ.

بۇ رايون تەبىئىي گۈزەل ئورمانلىقلىرى، ئۆزىگە خاس يەرلىك ئۆسۈملۈكلىرى، تارىخىي جامەلىرى، ساپ كاۋكاز ھەسەل ھەرىلىرى ۋە ئۆزگىچە مەدەنىيىتى شۇنداقلا داڭلىق يايلاقلىرى بىلەن كىشىنى مەپتۇن قىلارلىق گۈزەللىكلەرگە ئىگە.

ئېگىزلىكى 3450 مېتىر كېلىدىغان قارچال تاغ تىزمىلىرىنىڭ ئېتىكىگە جايلاشقان، گىرۇزىيە – تۈركىيە چېگراسىدىكى 3100 ئېگىزلىكتىكى يايلاق قاتناش شارائىتىنىڭ قىيىن بولۇشىغا قارىماي، فوتو- سۈرەت ۋە تەبىئەت سۆيەرلەر ئەڭ ياقتۇرىدىغان ساياھەت مەركەزلىرىدىن بىرى. بۇ رايوننىڭ ھازىرقى ھالىتى 1921 – يىلى رۇسىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان چېگرا كېلىشىمىگە ئاساسەن شەكىللەنگەن. كېلىشىمگە ئاساسەن، بۇ يايلاقتىكى 18 كەنتنىڭ 12سى گىرۇزىيە چېگراسى ئىچىدە، 6 سى تۈركىيەنىڭ چېگراسى ئىچىدە قالغان. گىرۇزىيە چېگراسى جامىلى كەنتىنىڭ تۆۋەن تەرىپىگە جايلاشقان. قىش ۋە ئەتىياز پەسلىدە ماكاھېل يېزىلىرىدا 4-6 ئايغىچە قار بىلەن قاپلانغان يوللار سەۋەبلىك، تۈركلەر ئولتۇراقلاشقان ھەرقانداق رايونغا بېرىش مۇمكىن ئەمەس.

قىش پەسلىدىكى ھاۋارايىنىڭ ناچارلىقى سەۋەبىدىن، يەرلىك كىشىلەر كەنتلەردە جىددىي ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە بورچكاغا ياكى ئارتۋىننىڭ ئورنىغا گىرۇزىيەگە كېتىدۇ. قاتناشنىڭ مۇشۇنداق قىيىن بولۇشىمۇ بۇ رايوننى ئۆزىگە خاس مىسلىسىز ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە قىلغان؛ بۇنىڭ تۈرتكىسىدە، ماكاھېل رايونى يەرلىك خەلقلەرنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا ئۆزىنىڭ تەبىئىتى، ئەنئەنىسى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى بۈگۈنكى كۈنگىچە ساقلاپ قالالىغان.

2006-يىلى ب د ت مائارىپ، ئىلىم – پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن «دۇنيا بىيولوگىيەلىك قوغداش رايونى» قىلىپ بېكىتىلگەن ماكاھېل رايونى ئاھالىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم تۇرمۇش مەنبەسى ھەسەل ھەرىسى باقمىچىلىقى ۋە ھەسەل ئىشلەپچىقىرىشتۇر. ئېگىزلىك پەرقى تۈپەيلى مول بولغان يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرمۇ «ساپ كاۋكاز ھەسەل ھەرىلىرى» گە ساھىبخانىلىق قىلىدۇ. ھەر يىلى ئاۋغۇست ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرى ماكاھېل رايونىدا «ھەسەل فېستىۋالى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. رايون خەلقى خەلقئارالىق مۇنبەرلەردە ھەسەل ھەرىسى باقمىچىلىقى ساھەسىدە ئۆز تەجرىبىلىرى ۋە كەسپىي بىلىملىرىنى ئورتاقلىشالايدىغان دەرىجىدە مۇتەخەسسىسلەشكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر