2023 - يىلىدا تۈركىيەنى كۈتۈۋاتقان چوڭ خىرىسلار

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (17)

1922569
2023 - يىلىدا تۈركىيەنى كۈتۈۋاتقان چوڭ خىرىسلار

2023 - يىلىدا تۈركىيەنى كۈتۈۋاتقان چوڭ خىرىسلار

2023 - يىلىدا تۈركىيەنى كۈتۈۋاتقان چوڭ خىرىسلار

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (17)

(جان ئاجۇن)

«كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان «2023 - يىلىدا تۈركىيەنى كۈتۈۋاتقان چوڭ خىرىسلار» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

***** ** **** *** *** ****

تۈركىيە ئىنتايىن مۈەككەپ بىر جۇغراپىيەدە چوڭ دۆلەت بولۇش كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئەتراپى گويا ئاتەش چەمبىرى بىلەن ئورالغاننىڭ ئۈستىگە، بىر تەرەپتىن رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى داۋاملىشىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش ۋە دۆلەت ھاكىمىيىتىنىڭ يىمىرىلىشى، تېررورلۇق ۋە پاناھلانغۇچىلار مەسىلىسى تېخىمۇ بەك تۈركىيەنى قىستىماقتا. ئىراقتا تېخىچە مۇقىملىق ئورنىتىلغىنى يوق، ئىراندا ئىجتىمائىي ۋەقەلەر، نامايىش ۋە توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا. كاۋكازدىكى جىددىيچىلىك، قاراباغ ئۇرۇشى ۋە گىرېتسىيە مەسىلىسى قاراپ تۇرماقتا. 2022 – يىلى تۈركىيە ئۈچۈن زور خىرىسلار مەيدانغا كەلگەن يىل بولدى. ئەمما، ئۇلار ئاساسىي جەھەتتىن بىرتەرەپ قىلىندى. ئەمدىلىكتە 2023 - يىل ئالدىمىزدا تۇرۇپتۇ. يەنە زور تەھدىتلەر ۋە ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ياخشى پۇرسەتلەرمۇ كۈتۈپ تۇرماقتا.

جۇغراپىيە بىر تەقدىردۇر.تۈركىيەنىڭ تەقدىرى ياۋروپا بىلەن ئاسىيانىڭ كېسىشىش ئېغىزىدىكى ئوتتۇرا شەرق بىلەن ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن جۇغراپىيەلىك ئورۇنغا جايلاشقانلىقىدۇر. «دۇنيانىڭ قەلبگاھى» دېسەكمۇ بولىدىغان بۇ رايون يەرشارى ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنىڭ مەركىزى، شۇنداقلا ياۋروپا بىلەن ئاسىيا ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۈك. بۇ جۇغراپىيە تەبىئىي ھالدا يەر شارى كۈچ سىنىشىشىنىڭ مەركىزى، چوڭ دۆلەتلەر رايونلۇق كۈچلەر ۋە دۆلەت سىرتىدىكى ئاكتىيورلار بىلەن ۋاكالەت ئۇرۇشى قىلىۋاتقان جاي. بولۇپمۇ 11 - سېنتەبىر ھۇجۇمىدىن كېيىن، ئامېرىكانىڭ ئافغانىستان ۋە ئىراقنى ئىشغال قىلىشى، رايوننىڭ دىنامىكلىرىنى پۈتۈنلەي ئاستىن - ئۈستۈن قىلىۋەتكەن ۋەزىيەتتە تۇرماقتا. ئەرەب باھارىنىڭ تەسىرى ھېلىھەممۇ ھېس قىلىنماقتا. قىسقىسى، بۇ رايون  دائېش ۋە پ ك ك قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى پەيدا بولغان ۋە ئوزۇقلانغان مۇقىمسىز بىر ئويمانلىقتۇر. تۈركىيە بۇ بارلىق ئۆزگىرىشچان ئامىللارغا قارشى كۈرەش قىلماقتا.  ئەمدىلىكتە رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى بارلىققا كەلتۈرگەن گېئپولىتىكىلىق تەسىرلەرگىمۇ كۆكرەك كېرمەي بولمايدۇ.  

شۇنداق، 2023 - يىلىغا نىسبەتەن ئاساسلىق بەلگىلىگۈچى ئامىل ئەلۋەتتە رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇرۇشنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغانلىقى مەلۇم ۋە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ. يەر شارى ئېنېرگىيە تەمىناتىدا رۇسىيەگە يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولار ئاساسىدىكى  چەكلىمىلەر داۋاملاشماقتا. يېمەكلىك ۋە باشقا بىر قىسىم تاۋارلاردىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قىيىنچىلىقلار بار. قىش ئايلىرىنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇرۇشنىڭ كەسكىنلىشىشىنىمۇ مۆلچەرلىگىلى بولىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ ئەھۋال كاۋكاز رايونىدىن ئوتتۇرا ئاسىياغىچە ۋە ئوتتۇرا شەرققىچە بولغان نۇرغۇن رايون خاراكتېرلىك كۈچ تەڭپۇڭلۇقىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ. تۈركىيەگە نىسبەتەن زور پۇرسەت ۋە تەھدىتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر جەريان ئالدىمىزدا تۇرۇپتۇ. ئاخىرىدا تۈركىيە «3 – يول» دەپ تەرىپلەنگەن ئورنىنى 2023 - يىلىدىمۇ ساقلاپ قالىدۇ، لېكىن  غەرب تەرەپنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئېمبارگو بېسىمىغا ئۇچرايدىغانلىقى ئېنىق. شۇنداقتىمۇ تۈركىيە ئۇكرائىنا - رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق ئورناتقۇچى سالاھىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئارقىلىق بولۇپمۇ يەر شارى ئېنېرگىيە ۋە يېمەكلىك بىلەن تەمىنلەش جەھەتتە مۇھىم ئورۇندا تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. رۇسىيە كۈچ بوشلۇقى يارىتىدىغان يېقىن ئەتراپتىكى رايونلاردىمۇ تۈركىيە مۇھىم ھەرىكەتلەرنى ۋە قەدەملەرنى تاشلىشى مۇمكىن. قاراباغ مەسىلىسى، زانگېزور كارىدورى، تۈركمەنىستان گازىنىڭ كاسپىي دېڭىزى ئارقىلىق تۈركىيەگە باغلىنىشى، سۈرىيەدىكى پ ك ك/ي پ گ غا قارشى تاشلىنىدىغان قەدەملەر بەزى ئېھتىماللىقى يۇقىرى مەسىلىلەر سۈپىتىدە ئالدىمىزدا تۇرماقتا.

تۈركىيە ئەلۋەتتە رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن باشقا يەنە، سۈرىيە ۋە ئىراقنى ئاساس قىلغان خىرىسلارغىمۇ دۇچ كېلىدۇ. بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى تۈركىيەگە ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. تۈركىيەنىڭ رۇسىيە ۋە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئوتتۇرىسىدا ئۈچ تەرەپلىك مۇزاكىرە باشلىشىمۇ مۇمكىن. ئەمما، سۈرىيە ھاكىمىيىتى تېخىچە تۈركىيەنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇشنى خالىمايدىغاندەك كۆرۈنمەكتە. شۇڭا، تۈركىيە ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ھەربىي ھەرىكەتنى داۋاملاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئىراقتا بولسا، 2023 - يىلى تولىمۇ ئېنىقسىز بولىدىغاندەك قىلىدۇ. ئىراننىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تەسىرى ۋە ئىراقتا ئەۋج ئېلىۋاتقان مىللەتچىلىكىنىڭ توقۇنۇش يارىتىش يوشۇرۇن كۈچى مەۋجۇت. پ ك ك/ ي پ گ نىڭ ھەر ئىككى دۆلەتتىكى مۇقىمسىزلىقلاردىن پايدىلىنىش ئۇرۇنۇشىمۇ بار. بۇ ئارقا كۆرۈنۈشلەر نۇقتىسىدىن 2023 – يىلى بويىچە تېررورلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپ بولىدىغانلىقى ئېنىق.

يىغىپ ئېيتقاندا، 2023 - يىلى تۈركىيەگە نىسبەتەن ئوتتۇرا شەرقتىىكى نورماللىشىش مۇساپىسى تېخىمۇ كۈچىيىدىغان بىر يىل بولىدۇ. بولۇپمۇ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئىسرائىلىيە شۇنداقلا سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن باشلانغان ۋە داۋاملىشىۋاتقان بۇ نورماللىشىش مۇساپىسى، مىسىر بىلەنمۇ داۋاملىشىدۇ. ئوتتۇرا شەرقتىكى بارلىق ئالاقىدار ئاكتىيورلار زىيان پاتقېقىدىن چىقىشنى ئارزۇ قىلماقتا. بۇ ئەھۋال تۈركىيە ئۈچۈن زور پۇرسەتلەرنى يارىتىشى مۇمكىن.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر