ئاسمانغا قارىغىنىمىزدا، يۇلتۇزلارنى ئەمەس سۈنئىي ھەمراھلارنى كۆرەمدۇق؟

«كۆزنەك» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا، يەر شارىغا يېقىن سۈنئىي ھەمراھلارنىڭ ئىلمىي كۆزىتىشلەر ۋە ئاسترونوگرافىيە ئۈچۈن ساقلىنىۋاتقان مەسىلىگە ئايلىنىشقا باشلىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى دىققتىڭلارغا سۇنىمىز!

1894245
ئاسمانغا قارىغىنىمىزدا، يۇلتۇزلارنى ئەمەس سۈنئىي ھەمراھلارنى كۆرەمدۇق؟

ئاسمانغا قارىغىنىمىزدا، يۇلتۇزلارنى ئەمەس سۈنئىي ھەمراھلارنى كۆرەمدۇق؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: دۇنيا نوپۇسى ۋە چوڭ شەھەرلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ پەيدا بولغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى نۇر بۇلغىنىشى بولۇپ، ئۇ تەبىئىي ھالدا ئاسماننىڭ ئارقا تەرەپ يورۇقلۇقىنى ئاشۇرۇۋەتتى. نەتىجىدە، چوڭ شەھەرلەردە ياشايدىغانلار پەۋقۇلئاددە چاقناپ تۇرىدىغان يۇلتۇزلار، تۇرغۇن يۇلتۇزلار، يەر شارىغا يېقىن يەردىكى بىر قانچە سەييارە ۋە ئاينى ھېسابقا ئالمىغاندا، كېچىسى نورمال كۆزلىرى بىلەن ئاسمان جىسىملىرىنى كۆرەلمەيدىغان ھالەت شەكىللەندى.

ئەھۋال مۇشۇنداق بولغاچقا، چوڭ شەھەرلەردە سامان يولىنى كۆرۈش چۈشكە ئايلاندى. بولۇپمۇ سۈنئىي ھەمراھ تېخنىكىسىنىڭ ھەم دۆلەت ھەم خۇسۇسىيلار ئىگىلىكىدىكى ساھەلەردە بىردەك تەرەققىي قىلىشى، سۈنئىي ھەمراھ بۇلغىنىشىدىن ئىبارەت يېڭى بىر بۇلغىنىش تۈرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.

شۇنداق، ھازىرغىچە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن بوشلۇققا يوللانغان سۈنئىي ھەمراھلار سانى 11 مىڭدىن، ئوربىتىسىدا ئايلىنىۋاتقان سۈنئىي ھەمراھلار سانى يەتتە مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. نۆۋەتتە، بۇ سۈنئىي ھەمراھلارنىڭ  تۆت مىڭى ئاكتىپ مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ، قالغانلىرىنىڭ  بەزىلىرى كېرەكسىز نەرسىلەر سۈپىتىدە بوشلۇقتا لەيلەپ يۈرمەكتە، يەنە بەزىلىرى يىغىۋېلىنىدىغان كېرەكسىز نەرسىلەر سۈپىتىدە يەر شارىغا چۈشۈرۈلۈشىنى كۈتۈپ تۇرماقتا.

سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقى 1957 - يىلى تۇنجى سۇنئىي ھەمراھى «سپۇتنىك-1»نى  بوشلۇققا قويۇپ بەرگەندىن بۇيان ئالەم بوشلۇقىغا ئىلمىي تەتقىقات، مېتېئورولوگىيە، ئۇچۇر – ئالاقە ۋە ھەربىي ئىشلاردا پايدىلىنىش مەقسىتىدە مىڭلارچە سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىلدى. نۆۋەتتە يەر شارى ئەتراپىدا ئامېرىكانىڭ  2027، خىتاينىڭ 224، ئەنگلىيەنىڭ 129، رۇسىيەنىڭ 83 ۋە ياپونىيەنىڭ 82 سۈنئىي ھەمراھى بار.

سۈنئىي ھەمراھلار ئەڭ كۆپ تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئىككى ساھە، كىچىك سەييارە (مېتېئورىت) كۆزىتىشلىرى بىلەن ئاسترونوگرافىيە (بوشلۇق فوتوگرافچىلىقى) ساھەسى بولۇپ قالدى. گەرچە يەر شارىغا يېقىن يەرلەردىكى سۈنئىي ھەمراھلارنىڭ بوشلۇقنى كۆزىتىش خىزمەتلىرىگە كۆرسىتىۋاتقان تەسىرىدىن ساقلىنىشتا پايدىلىنىشقا بولىدىغان، باشقىچە ئېيتقاندا، سۈنئىي ھەمراھلارنىڭ ئۆتۈش ۋاقىتلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان يۇمشاق دېتاللار، تور بېكەتلىرى ۋە كۆچمە ئەپلەر بولسىمۇ، سانلىرى كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان سۈنئىي ھەمراھلار يۈزىسىدىن بۇ مەسىلىنى ئۈزۈل – كېسىل ھەل قىلىش قىيىنلاشماقتا. ئېلون ماسكنىڭ «ستارلىنك» تۈرى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى قاپلايدىغان ئىنتېرنېت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن مىڭلىغان سۈنئىي ھەمراھنى ئالەم بوشلۇقىغا ئەۋەتىشنى پىلانلىماقتا.

يېقىن مۇساپىلىك سۈنئىي ھەمراھلارمۇ ئىلمىي كۆزىتىشلەرگە تەسىر كۆرسەتمەكتە. ئالەم بوشلۇقى تۈركىيەنىڭ ئەرزۇرۇمدا ياساۋاتقان تۆت مېتىرلىق زور ھەجىملىك تېلېسكوپىغا ئوخشاش مۇھىم تېلېسكوپلار بىلەن ئۈزلۈكسىز كۆزىتىلمەكتە. بۇ كۆزىتىشلەرنىڭ بەزىلىرى كىچىك سەييارىلەرنى كۆزىتىشكە مەركەزلەشمەكتە؛ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يەرشارىغا يېقىن كىچىك سەييارىلەر تەكشۈرۈلۈپ، ئوربىتىلىرى ھېسابلانماقتا.

كىچىك سەييارىلەرنىڭ يەر شارىغا يېقىن يەردىن ئۆتىدىغان – ئۆتمەيدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ يەر شارىغا سوقۇلۇپ – سوقۇلمايدىغانلىقى بۇ خىل كۆزىتىشلەر ئارقىلىق ھېسابلىنىدۇ. بىراق، يەر شارىغا يېقىن يەردىكى سۈنئىي ھەمراھلار بۇ كۆزىتىشلەرگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ۋە ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى — ناسا، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە پىلانېتا مۇداپىئە ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسى قۇرغانىدى.

دۇنيا مىقياسىدا يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىققان بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىزدىنىشلىرى داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر