شىلە ماياكى

بىلىۋېلىڭ - 46

1860256
شىلە ماياكى

شىلە ماياكى

تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئاكتىپ ماياكنىڭ ئىستانبۇلنىڭ شىلە ناھىيەسىدە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

شىلە ماياكى، تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئاكتىپ ماياكتۇر. گەرچە ئۇ دۇنيا رەت تەرتىپىدە كونا بولسىمۇ، يەنىلا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇۋاتقان ئىككىنچى چوڭ ماياكتۇر. شىلە ماياكىنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلغان ئامىل بولسا، ئۇنىڭ قۇرۇلمىسىنىڭ كەڭلىكى ۋە نۇرىنىڭ يىراقتىن كۆرۈنۈشىدۇر. خەلقئارا ئۆلچەم بويىچە 1-دەرىجىلىك كاتېگورىيەگە كىرىدىغان شىلە ماياكىنىڭ نۇرى ھاۋا ئوچۇق كېچىلەردە 35 ئىنگلىز مىلى يىراقلىققا يېتىپ بارالايدۇ، ھەتتا نۇرىنى «ئىستانبۇل بوغۇزى» دىنمۇ كۆرگىلى بولىدۇ.

ماياكنىڭ قۇرۇلۇشى 1858-يىلى باشلانغان بولۇپ، 1859-يىلى تاماملانغان. ئۇنىڭ ياسىلىشىدىن مەقسەت، قىرىم ئۇرۇشى مەزگىلىدە قارادېڭىزدىن «ئىستانبۇل بوغۇزى» غا كىرگەن پاراخوتلارغا ماڭىدىغان يولىنى كۆرسىتىپ بېرىش ئىدى. تاش قۇرۇلمىسىدا تۈرك مېمارلىرىنىڭ ئىمزاسى بولغان شىلە ماياكىنىڭ مېتال زاپچاسلىرى ۋە ئەينەك كىرىستال سىستېمىسى فرانسىيەدە ياسالغان. دېڭىز يۈزىدىن 60 مېتىر ئېگىزلىكتىكى شىلە مايىكىنىڭ راۋىقىنىڭ ئېگىزلىكى 19 مېتىر كېلىدۇ. شەھەر ئېلېكتر ئېنېرگىيەسى بىلەن ئىشلەيدىغان ماياكنىڭ ئۈسكۈنىسى ۋە مۇنار قۇرۇلمىسى ئەسلى ھالىتىنى ئۆز پېتى ساقلاپ كەلمەكتە.

ھەم تارىخىي ھەم سىمۋوللۇق كىملىككە ئىگە مۇھىم قۇرۇلما بولغان شىلە مايىكىنى بۈگۈنكى كۈندە مۇزېي سۈپىتىدە زىيارەت قىلغىلى بولىدۇ. ماياكنىڭ تارىخىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان گاز چىراغلىرى، كونا ئۇسۇلدىكى يورۇتۇش ۋە تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلىرى، بۇ مۇزېي ماياكتا قەدىمكى كىملىكى بىلەن كۆرگەزمە قىلىنىدۇ. ماياكنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى، ئۇنىڭ ھەيۋەتلىك قارادېڭىز مەنزىرىسىدۇر



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر