ئاللاھقا قوشۇپ باشقا بىر ئىلاھقا ئىبادەت قىلما

ئاللاھنىڭ زاتىدىن باشقا بارلىق نەرسە يوقىلىدۇ.

1853464
ئاللاھقا قوشۇپ باشقا بىر ئىلاھقا ئىبادەت قىلما

ئاللاھقا قوشۇپ باشقا بىر ئىلاھقا ئىبادەت قىلما

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: قەسەس سۈرىسى، 85 - 88 - ئايەتلەر. ساڭا قۇرئاننى (يەنى ئۇنى تەبلىغ قىلىشنى ۋە ئۇنىڭ ئەھكامىغا ئەمەل قىلىشنى) پەرز قىلغان زات سېنى ئەلۋەتتە قايتىدىغان يەرگە (يەنى مەككىگە) قايتۇرىدۇ، ئېيتقىنكى، «كىمنىڭ ھىدايەت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، كىمنىڭ ئوپئوچۇق گۇمراھلىقتا ئىكەنلىكىنى پەرۋەردىگارىم ھەممىدىن ئوبدان بىلىدۇ»[85]. سەن (پەيغەمبەر بولۇشتىن ئىلگىرى) قۇرئاننىڭ ساڭا نازىل قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلمىغان ئىدىڭ، پەقەت پەرۋەردىگارىڭ رەھمەت قىلىپ (ساڭا ئۇنى نازىل قىلدى)، كاپىرلارغا ياردەمچى بولمىغىن[86]. ساڭا ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى نازىل قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇ ئايەتلەرگە (ئەمەل قىلىش) تىن كاپىرلار سېنى توسمىسۇن، پەرۋەردىگارىڭغا (يەنى ئۇنى بىردەپ بىلىشكە ۋە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشقا) دەۋەت قىلغىن، ھەرگىزمۇ مۇشرىكلاردىن بولمىغىن (يەنى ئۇلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ماسلاشمىغىن)[87]. ئاللاھقا قوشۇپ باشقا بىر ئىلاھقا ئىبادەت قىلما، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھنىڭ زاتىدىن باشقا بارلىق نەرسە يوقىلىدۇ، (مەخلۇقاتتا ئىجرا بولىدىغان) ھۆكۈم پەقەت ئاللاھقا خاستۇر، سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر[88].



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر