ئېنېرگىيە ئۇرۇشى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (31)

1805632
ئېنېرگىيە ئۇرۇشى

ئېنېرگىيە ئۇرۇشى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (31)

(جان ئاجۇن)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئېنېرگىيە ئۇرۇشى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

***** ** **** *** *** ****

رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئىشغالىيىتى بىلەن باشلانغان جەرياندا ئېنېرگىيەنىڭ قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەنلىكىگە يەنە بىر قېتىم شاھىت بولدۇق. ئارىلاشما ئۇرۇش ئۇقۇمىدا، ئەنئەنىۋى ئۇسۇللار بىلەن بىرگە ئېنېرگىيە كوزىرىمۇ ۋاستىلاشتۇرۇلۇپ، ئۇرۇش قورالى سۈپىتىدە دۈشمەنلەرگە قارشى ئىشلىتىلىدىغان ئېلېمېنتقا ئايلاندى. رۇسىيە نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش كۈچىنى ئىشلىتىۋاتقان بولسا، ئامېرىكا دەل قارشى مەيداندا رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە ئېكسپورت قىلىشىنى توسۇشقا تېرىشماقتا. بۇ ۋەجىدىن ئېنېرگىيە باھاسىمۇ ئۆسۇپ كەتمەكتە.

 رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى بىلەن ياۋروئاسىيادىكى گېئوپولتىكىلىق تەڭپۇڭلۇق تەۋرىنىشكە باشلىدى. باشقا نۇرغۇن ئامىللارغا ئوخشاش يەر شارى ئېنېرگىيە بازىرىمۇ ئېغىر داۋالغۇشقا پاتتى.  نېفىتىنىڭ ۋارىل باھاسى تۇيۇقسىز 130 دوللارغا ئۆرلىگەن بولسا، تەبىئىي گازنىڭ باھاسىمۇ يېڭى ئېشىش رېكورتنى ياراتتى. ئاساسىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، دۇنيا ئېنېرگىيە بازىرىنى ئەندىشىگە سالىدىغان ئاساسلىق ئامىل، ئەلۋەتتە رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش جەھەتتە نېفىت ۋە تەبىئىي گازدا ئالدىنقى 3 نىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشى ئىدى.

 ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش رۇسىيەنىڭ ھەم كۈچلۈك، ھەم ئاجىز تەرىپى بولۇپ، رۇسىيە بۇنىڭدىن ھەر يىلى نەچچە يۈز مىليارد دوللار كىرىم قىلغان بىلەن ئەمەلىيەتتە رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادى  ئېكسپورتنى ئاساس قىلىدىغان بىر ئىقتىساد ئىكەنلىكى مەلۇم. ئامېرىكامۇ بۇنى ياخشى بىلىدىغان بولغاچقا ئۇكرائىنا ئىشغالىيىتىنىڭ باشلىنىشى بىلەن تەڭ رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە تەمىناتىنى قەدەممۇ قەدەم چەكلەشكە بولۇپمۇ ياۋروپا دۆلەتلىرىنى باشقا مەنبەلەرگە يۈزلەندۈرۈش ئارقىلىق رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە ئېكسپورتىنى تۆۋەنلىتىشكە تىرىشماقتا. ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ تەبىئىي گازدا رۇسىيەگە بولغان بېقىندىلىقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئاجىزلىقى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىشى بۇ دۆلەتلەرنىڭ رۇسىيەگە قاراتقان سىياسىتىگىمۇ تەسىر كۆرسەتمەكتە. بولۇپمۇ گېرمانىيە، ئىتالىيە، فىرانسىيە قاتارلىق مۇھىم دۆلەتلەرنىڭ تەبىئىي گازدا رۇسىيەگە 40-50 پىرسەنت ئەتراپىدا بېقىندا بولۇپ قېلىشى، ئۇلارنىڭ سىياسەت بەلگىلىشىگىمۇ ئېغىر خىرىسلارنى پەيدا قىلماقتا. بۇ ئەھۋال ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مەزگىلدە روسىيەگە بولغان بېقىندىلىقىنى تۈگۈتۈش ئۈچۈن مۇھىم قارارلارنى ماقۇللىشىغا تۈرتكە بولماقتا.

 ئاخىرقى ھېسابتا، ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش مەيلى قانداق نەتىجىلىنىشىدىن قەتئىي نەزەر، ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مەزگىلدە رۇسىيەگە نىسبەتەن ئېغىر ئىستراتېگىيەلىك زىياننى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ئېنىق. ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ رۇسىيەگە بېقىندىلىقى بىر قانچە يىل ئىچىدە ئاخىرلىشىدۇ. بۇ دۆلەتلەر رۇسىيەگە قارشى بېلىكى تېخىمۇ كۈچلۈك ھالدا سىياسەت تۈزەلەيدىغان بولىدۇ. رۇسىيەدىن باشقا ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەر بولسا، بۇ جەريانلاردىن نەپ ئالىدۇ. ئىران ۋە ۋېنېزۇئېلاغا ئوخشاش دۆلەتلەرمۇ يەر شارى ئېنېرگىيە بازىرىغا قايتىپ كېلىشى مۇمكىن.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر