سوغۇقتا يېرىلغان قوللارنى تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

شىپا بۇلىقى - 24

1779769
سوغۇقتا يېرىلغان قوللارنى تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

(دوكتور مەھمەت ئۇچار)

سوغۇق ھاۋارايىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، تېرە قۇرغاقلىقى دەرھال ئوتتۇرىغا چىقتى. بولۇپمۇ سەزگۈر تېرىسى بار كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، تېرە بەك قۇرغاقلاشقاندا، يېرىلىپ، ھۆل تەمرەتكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تېرىنىڭ تۈزۈلۈشىنى قوغداش، داۋاملىق نەملىكىنى ساقلاش، تېرىنى ئاسراش ئۈچۈن يېتەرلىكتۇر.

يېرىلىپ كەتكەن قوللىرىڭىزنى تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى تۆۋەندىكىچە:

 سۇ:

• تېرىنىڭ نەملىكىنى ساقلاش ئۈچۈن، كۈنىگە ئوتتۇرىچە 2 لىتىر سۇ ئىچىش كېرەك.

• زەيتۇن يېغى:

زەيتۇن يېغى تېرىنى يۇمشاق، يۇمران ۋە نەم ھالەتتە ساقلايدۇ. كۈندە ئىككى قېتىم 5 مىنۇتتىن 10 مىنۇتقىچە ئىللىق زەيتۇن يېغى بىلەن قوللىرىڭىزنى ئۇۋۇلاڭ.  زەيتۇن يېغىنى ئىشلەتمەيدىغان ئەينەك شېشىگە سېلىپ، كۈن بويى بىللە ئېلىپ يۈرۈش ئارقىلىق بۇ ئۇسۇلنى ئاددىيلاشتۇرالايسىز.

ئۇخلاشتىن بۇرۇن قوللىرىڭىزغا زەيتۇن يېغىنى سۈرسىڭىز بولىدۇ. زەيتۇن يېغىنى قوللارغا ئۇۋۇلاپ سىڭدۈرۈپ، پەلەي ياكى پايپاق كىيدۈرسىڭىز، تاڭ ئاتقانغا قەدەر قوللىرىڭىزنى يۇمشىتىدۇ.

• بانان:

كىچىك بىر پارچە باناننى ۋىلكا بىلەن ئېزىپ، مەلھەم قىلىڭ، ئاندىن ئۇنى قولىلىرىڭىزغا سۈرۈپ، يېرىم سائەت ساقلاپ، ئىسسىق سۇ بىلەن يۇيۇڭ، ئاندىن نەملەندۈرگۈچنى قوللىرىڭىزغا سۈرسىڭىز بولىدۇ.

ئىككىنچى ئۇسۇل: مەلھەم قىلىنغان بانانغا ئازراق ھەسەل ۋە زەيتۇن يېغى ئىلاۋە قىلىپ، ئارىلاشتۇرۇڭ، ئۇنى قوللىرىڭىزغا سۈرۈپ، 15-20 مىنۇت كۈتۈڭ، ئاندىن قوللىرىڭىزنى سوغۇق سۇ بىلەن يۇيۇڭ.

• لىمون سۈيى:

ئوخشاش مىقداردىكى لىمون سۈيى، ھەسەل ۋە كاربونات قاتارلىقلارنى ئارىلاشتۇرۇڭ، بۇ ئارىلاشمىنى قوللىرىڭىزغا سۈرۈپ، بىر مىنۇت ئەتراپىدا ئۇۋۇلاڭ، ئاندىن 5 مىنۇت ساقلىغاندىن كېيىن، ئىسسىق سۇ بىلەن قوللىرىڭىزنى يۇيۇڭ. بۇ ئۇسۇلنى ھەپتىدە بىر ياكى ئىككى قېتىم قوللانسىڭىز بولىدۇ.

• ئالوي:

يېڭى ئالوي يوپۇرمىقىنى ئۇزۇن توغراپ، ئىچىدىن يېلىمىنى ئېلىپ، قوللىرىڭىزغا سۈرۈپ، ئۇدا بىرقانچە مىنۇت ئاستا-ئاستا ئۇۋۇلاڭ، ئاندىن 10-15 مىنۇت ساقلاپ، ئىلمان سۇ بىلەن قوللىرىڭىزنى يۇيۇڭ. بۇ ئۇسۇلنى كۈندە 1-2 قېتىم قوللانسىڭىز بولىدۇ.

•  سۇلۇ يارمىسى:

2 قوشۇق سۇلۇ يارمىسىغا يېرىم ياكى 1 ھەسەل قوشۇقى ھەسەل ۋە ئازراق سۇ ئارىلاشتۇرۇپ، خېمىر ھاسىل قىلىڭ، ئەگەر خالىسىڭىز لىمون سۈيى قوشسىڭىزمۇ بولىدۇ، بۇ ئارىلاشمىنى قوللىرىڭىزغا سۈرۈپ، 10 مىنۇت كۈتۈڭ، ئاندىن ئىلمان سۇ بىلەن قوللىرىڭىزنى يۇيۇڭ.

• تەبىئىي ئورگانىك سېرىق ماي زەيتۇن يېغىنىڭ ئورنىنى باسالايدۇ. قوللىرىڭىزنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىغا سېرىق ماي  سۈرسىڭىز، يېرىقلارنى يوقىتىدۇ، قوللارغا دەرھال يۇمشاقلىق ئېلىپ كېلىدۇ. دائىم قوللانغاندا بولسا تېرىڭىزنى قوغدايدۇ.

• قەھۋە قالدۇقىنىڭ پوستنى سويۇش رولى بار بولۇپ، قوللارنى دەرھال يۇمشىتىدۇ.

• چاي دەرىخىنىڭ ئۇچۇشچان مېيى، تاتلىق بادام يېغى، كۈنجۈت يېغى، كوكۇس يېغى قاتارلىق تېرىگە پايدىلىق مايلارنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. بولۇپمۇ سوغۇق ھاۋا، ئورۇقلاش ۋە بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش سەۋەبىدىن تېرىدە كۆرۈلىدىغان يېرىقلاردا بۇ ياغلارنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى يۇقىرىدۇر.

سوغۇقتىن قوغدايدىغان ۋە يېرىلىپ كەتكەن قوللارنى ئاسراشتا قوللىنىلىدىغان ئارىلاشمىلار تۆۋەندىكىچە:

يۇمشاتقۇچى مەلھەم

• 1 قوشۇق زەيتۇن يېغى

• 1 قوشۇق لىمون سۈيى

زەيتۇن يېغى بىلەن لىمون سۈيىنى ئارىلاشتۇرۇپ، قوللىرىىڭىزغا سۈرۈڭ.

نەملىك ساقلاش مەلھىمى

• 1 دانە قاينىتىلغان بەرەڭگە

• 1 چىمدىم ماي چېچەك (قۇرۇق)

• 1 چاي قوشۇقى ۋازېلىن

قاينىتىلغان بەرەڭگە مەلھەمگە ئايلاندۇرۇلىدۇ، ئىچىگە ۋازېلىن ئىلاۋە قىلىنىدۇ، ياخشى ئارىلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، قۇرۇق ماي چېچەكنى ئىلاۋە قىلىپ، تەكرار ئارىلاشتۇرۇشىڭىز كېرەك. بۇ ئارىلاشمىنى قوللىرىڭىزغا سۈرۈپ، ئۇنى قولياغلىق بىلەن ئوراپ، يېرىم سائەت ساقلىغاندىن كېيىن، قوللىرىڭىزنى ئىلمان سۇدا يۇيۇڭ.

يېرىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەلھىمى

• 3 قوشۇق رگۈل سۈيى

• 3 ھەسەل قوشۇقى بادام يېغى

• 2 ھەسەل قوشۇقى لىمون سۈيى

• 1 ھەسەل قوشۇقى ئالما سىركىسى

بارلىق ماتېرىياللار بىر قاچىدا ئارىلاشتۇرۇلىدۇ، ئاندىن بۇ ئارىلاشما ئۇۋۇلاش شەكلىدە قوللارغا سۈرۈلىدۇ، قوللارنىڭ مەلھەمنى ئوبدان سۈمۈرۈشى ئۈچۈن، قوللىرىڭىزنى يالتىراق قەغەز  ياكى  قولياغلىق بىلەن ئورىسىڭىز، ۋەياكى پەلەي كىيسىڭىز بولىدۇ، 30 مىنۇت ساقلىغاندىن كېيىن، قوللىرىڭىزنى ئىلمان سۇ بىلەن يۇيۇشىڭىز يېتەرلىكتۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر