ئەنگلىيە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشكە مەجبۇرمۇ؟

دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزى

901747
ئەنگلىيە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشكە مەجبۇرمۇ؟

خىتاي زىيارىتىنى ۋۇخەن شەھىرىدىن باشلىغان ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مېي  خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچىڭا بىلەن كۆرۈشتى. مېيى كۆرۈشۈشتە، زىيارىتىنىڭ ئەنگلىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئالتۇن دەۋىرنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى ۋە بارلىق مەسىلىلەرنى ئوچۇق-ئاشكارە كېڭەش قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى، ئۇ يەنە خىتاي بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمى ھاسىل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ. ئەنگلىيە شىركەتلىرىنى خىتايدىكى پائالىيەتلىرىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشقا چاقىردى.  خىتايدا ئۈچ كۈن زىيارەتتە بولىدىغان مېي ئەنگلىيە شىركەتلىرىنىڭ خىتايغا تېخىمۇ كۆپ ئىكسپورت قىلىپ زىياننى تولدۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. لېكىن ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئالتىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئەنگلىيە بىلەن ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان خىتاي ئارىسىدىكى سودا ھەجىمى تولىمۇ تۆۋەن. ئەنگلىيە تاۋار ۋە مۇلازىمەت ئىسكپورتىنىڭ %3نى خىتايغا ئەۋەتىدۇ. ئىمپورتنىڭ %7ى بولسا خىتايدىن كېلىدۇ. خىتاي بىلەن ئەنگلىيە ئارىسىدىكى سودا ئومۇمىي قىممىتى 84 مىليارد دوللار ئەتراپىدا. ئەنگلىيە خىتايغا ئاپتوموبىل، نېفىت مەھسۇلاتلىرى ۋە ساياھەت مۇلازىمەتلىرى ئېكسپورت قىلىدۇ، خىتاي تېلېگراف ئۈسكۈنىلىرى، كىيىم-كىچەك،  ئېلېكترونلۇق ۋە سانائەت مەھسۇلاتلار ئېكسپورت قىلىدۇ. بەزى ئانالىزچىلار خىتاي بىلەن ئەنگلىيە ئارىسىدىكى رەسمىي سودا كېلىشىمىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن 5 يىلدىن 10 يىلغىچە ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.  لوندون ئۇنىۋېرىستېتى خان جەمەتى ئىنىستېتۇتى خىتايشۇناس كېرري بىروۋىن 30-يانۋاردا دىپلوماتىيە ئائىلىسى توغرىسىدا مەخسۇس ماقالە يېزىپ، خىتاينىڭ ئەنگلىيەنى «يالۋارغۇچى » سۈپىتىدە كۆرىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئىككى تەرەپنىڭ «باراۋەر سالاھىيەتتە»ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر