ئاللاھقا سېغىنىشنىڭ ئەڭ گۈزەل يولى

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۈمە خۇتبىلىرى (09)

679751
ئاللاھقا سېغىنىشنىڭ ئەڭ گۈزەل يولى

ئاللاھقا سېغىنىشنىڭ ئەڭ گۈزەل يولى

قال الله تعالى في كتابه الكريم:

قُلْ أَعُوذُ بِرَبِّ الْفَلَقِ. مِن شَرِّ مَا خَلَقَ. وَمِن شَرِّ غَاسِقٍ إِذَا وَقَبَ. وَمِن شَرِّ النَّفَّاثَاتِ فِي الْعُقَدِ. وَمِن شَرِّ حَاسِدٍ إِذَا حَسَدَ.

 قُلْ أَعُوذُ بِرَبِّ النَّاسِ. مَلِكِ النَّاسِ. إِلَٰهِ النَّاسِ. مِن شَرِّ الْوَسْوَاسِ الْخَنَّاسِ. الَّذِي يُوَسْوِسُ فِي صُدُورِ النَّاسِ. مِنَ الْجِنَّةِ وَالنَّاسِ.

قال رسول الله صلى الله عليه وسلم:

أُعِيذُكُما بِكَلِماتِ اللَّهِ التَّامَّةِ، مِنْ كُلِّ شَيْطانٍ وَهامَّةِ، وَمِنْ كُلّ عَيْنٍ لامَّةٍ

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:

«ئېيتقىنكى، مەخلۇقاتنىڭ شەررىدىن، قاراڭغۇلۇقى بىلەن كىرگەن كېچىنىڭ شەررىدىن، تۈگۈنلەرگە دەم سالغۇچى سېھىرگەرلەرنىڭ شەررىدىن، ھەسەتخورنىڭ ھەسەت قىلغان چاغدىكى شەررىدىن سۈبھىنىڭ پەرۋەردىگارى (ئاللاھ) غا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمەن» (سۈرە فەلەق)

«ئېيتقىنكى، ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى، ئىنسانلارنىڭ پادىشاھى، ئىنسانلارنىڭ ئىلاھى (ئاللاھ)غا سېغىنىپ، كىشىلەرنىڭ دىللىرىدا ۋەسۋەسە قىلغۇچى جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان يوشۇرۇن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن» (سۈرە ناس)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس – شەرىپتە مۇنداق دەيدۇ:

«ھەر تۈرلۈك يامان كۆزلەردىن، يامانلىقتىن ۋە يامانلىق قىلغۇچىلاردىن ئاللاھنىڭ پۈتۈن كەلامىغا، ئۇنىڭ چەكسىز ئىرادىسى ۋە ھۆكمىگە سېغىنىمىز» (بۇخارى)

ئەزىز قېرىنداشلار! بىر ئىنسانغا نىسبەتەن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ خەۋپ مەۋجۇتلۇقىنىڭ غايىسىنى ئۇنتۇش ۋە توغرا يولدىن ئايرىلىپ قېلىشتۇر. بىر ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ چوڭ مەھرۇملۇق، ئاللاھنىڭ چەكسىز رەھمىتىگە سېغىنىشتىن ئۆزىنى مەھرۇم قالغانلىقىدۇر. ئاللاھ تائالا بىزنى بۇ خىل خەۋپلەردىن قوغداپ قالىدىغان، زىيان زەخمىتىگە ئۇچراشتىن توسۇپ قالىدىغان ھايات بەخىش كىتابىمىز قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۆزىگە ئەڭ گۈزەل شەكىلدە بەندىچىلىك قىلىشىمىزنىڭ يوللىرىنى كۆرسىتىپ بەردى. بولۇپمۇ ئۇلۇغ كىتابىزدا بىزگە ھەدىيە قىلىنغان فەلەق ۋە ناس ناملىق ئىككى شانلىق سۈرىدە ئاللاھقا سېغىنغان ھالدا ھايات كەچۈرىشىمىزنىڭ يوللىرىنى ئۆگىتىپ قويدى. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئاللاھقا سېغىنىشنىڭ ئەڭ گۈزەل ئىپادىسى دەپ، باھا بەرگەن بۇ ئىككى سۈرىنى كۆپرەك ئوقۇشىمىزنى تەۋسىيە قىلغان ئىدى. (نەسائىي)

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! فەلەق ۋە ناس سۈرىسى تەۋھىد ئېتىقادىمىزنىڭ ۋە ئاللاھقا بولغان تەسلىمىىيتىمىزنىڭ ئەڭ يېغىنچاق ئىپادىسى بولۇپ، ئاللاھنىڭ رىزالىقىنى ۋە ھىمايىسىنى تەلەپ قىلغان ھالدا ياشاش ئىرادىمىزنىڭ نامايەندىسىدۇر. شۇڭا بىز فەلەق ۋە ناس سۈرىسىنى ئوقۇش ئارقىلىق ھەر تۈرلۈك يامانلىقتىن، زۈلمەت ئىچىدە يولىمىزنى يوقۇتۇپ قويۇشتىن ئاللاھقا سېغىنىمىز. ھەسەت، قەھرى – غەزەپ ۋە نەپرەتنىڭ، باتىل، خۇراپات ۋە ۋەسۋەسىلەرنىڭ مەھكۇمى بولۇپ قىلىشتىن پاناھلىق تېلەيمىز. بۇزۇق نىيەتلىكلەرنىڭ، كۆزى يامانلارنىڭ، قەلبى قاتقان ۋە ۋىجدانىنى يوقاتلارنىڭ شەررىگە قارشى ئاللاھتىن ياردەم تەلەپ قىلىمىز. پىتنە – پاسات ئۇرۇقى چاچقانلارغا ۋە ھېس – تۇيغۇ، چۇشەنچىلىرى بۇزۇق، سۇيىئىستېمالچىلارغا قارشى ئاللاھنىڭ نۇسرىتى ۋە ئىنايىتىنى تەلەپ قىلىمىز. ئۆزىمىزنى خاتىرجەم ھېس قىلىدىغان يىگانە پاناھجايىمىزنىڭ رەببىمىز ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولىمىز.

ئەزىز قېرىنداشلار! فەلەق ۋە ناس سۈرىسى بىزلەرگە ھەر دائىم مۆئمىنگە خاس مەيداندا تۇرۇشنى ۋە ئاڭلىق بىر ھايات كەچۈرۈشنى ئۆگىتىدۇ. چۈنكى بىزنىڭ ۋەزىپىمىز پەقەت يوقسۇللۇققا، قېيىنچىلىققا، چارىسىزلىققا ۋە غەم – قايغۇغا چۈشكەن چېغىمىزدىلا ئەمەس، بەلكى باياشاتلىقتا، شات – خوراملىقتا ۋە ئەڭ كۈچ – قۇدرەتلىك چېغىمىزدىمۇ ئاللاھقا سېغىنىشتىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى تەپەككۈر قىلىش، ئىددىيەمىزنىڭ سېغىنىشى ھېسابلانسا، ئۇنىڭ رەھىم – شەپقىتى ۋە ئەپۇ – مەغپىرىتىنى تىلەپ قىلىش قەلبىمىزنىڭ سېغىنغانلىقى ھېسابلىنىدۇ ھەمدە يەنە، قەلب – ئىددىيەمىزنىڭ ۋە تىلىمىزنىڭ بۇ سېغىنىشىغا (يەنى ئاللاھتىن پاناھلىق تېلىشىگە) پۈتۈن بەدىنىمىزمۇ شېرىك بولۇشى لازىم. چۈنكى رەببىمىزنىڭ دەرگاھىدا ھەقىقىي جىڭغا ئولتۇرىدىغىنى سالىھ ئەمەللىمىزدۇر.

  قىممەتلىك قېرىنداشلار! فەلەق ۋە ناس سۈرىلىرى ئېتىقادىمىز، ھېس - تۇيغۇلىرىمىز ۋە چارىسىزلىقىمىزنى سۇيىئىستېمال قىلىشنى خالايدىغانلارغا قارشى بىزلەرگە ئەقىل -پاراسەتلىك بولۇشنى تەلىم بېرىدۇ. ھېچبىر پانىغا ئەمەس، پەقەتلا ئاللاھقا بەندە بولۇشنى ئۆگىتىدۇ. چۈنكى ھەممەيلەن بىزنى تاشلىۋەتسىمۇ بىزنى قەتئىي تاشلىۋەتمەيدىغان رەببىمىزدىن باشقا نەدىمۇ باشپاناھىمىز بولسۇن؟

ھېچكىشى بىزنى كۆرمىگەن، ھېچكىشى نىدالىرىمىزغا قۇلاق سالمىغان چاغدا، دائىم ئىشىنەلەيدىغان يۆلەنچىكىمىز ئەشۇ ئۇلۇغ رەببىمىز ئەمەسمۇ؟

رەببىمىز ئۆزىگە سەمىمىيلىك بىلەن سوزۇلغان قوللارنى ۋە چىن قەلبتىن قىلىنغان يېلىنىشلارنى قەتئىي بەدەلسىز تاشلاپ قويمايدۇ. ئۇنىڭ رەھمىتىگە سېغىنغۇچىلارنى، رەھىم – شەپقەت دەرۋازىنى چەككۈچىلەرنى ھەرگىزمۇ مەھرۇملۇققا گىرىپتار قىلمايدۇ. قەلبلىرىمىز پەقەت چىن سەمىمىيەت بىلەن پەقەتلا ئۇنىڭغا يۈزلەنسىلا كۇپايە قىلىدۇ. تىللىرىمىز چىن يۈرەكتىن ئۇنى ئۇلۇغلاپ، ئۇنىڭغا يېلىنسا، قوللىرىمىز قەتئىي ئىشەنچ ۋە ساداقەت بىلەن ئۇنىڭغا سوزۇلسىلا كۇپايە قىلىدۇ. 

ئەزىز قېرىنداشلار! سۆزىمىزنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىزگە ئۆگەتكەن تۆۋەندىكى سېغىنىش دۇئالىرى بىلەن ئاخىرلاشتۇرماقچىمىز:

«ھەر تۈرلۈك يامان كۆزلەردىن، يامانلىقتىن يامانلىق قىلغۇچىلاردىن ئاللاھنىڭ پۈتۈن كەلامىغا، ئۇنىڭ چەكسىز ئىرادىسى ۋە ھۆكمىگە سېغىنىمىز» (بۇخارى)

«ئى ئاللاھىم! قولاقلىرىمىزنىڭ شەررىدىن، كۆزىمىزنىڭ شەررىدىن، تىلىمىزنىڭ شەررىدىن، قەلبىمىزنىڭ شەررىدىن، ھاۋايى – ھەۋەسلىرىمىزنىڭ شەررىدىن ساڭا سېغىنىمىز» (تىرمىزى)

«ئى ئاللاھىم! ئاجىزلىقتىن، ھورۇنلۇقتىن، بېخىللىقتىن، قۇروقۇنچاقلىقتىن ۋە قەبىر ئازابىدىن ساڭا سېغىنىمىز» (مۇسلىم)

ئامىن سۈممە ئامىن!



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر