ترامپنىڭ زەپىرى ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن نېمىدىن بېرىدۇ؟ | ئانالىز

«تۈركىيە پەنجىرىسىدىن ئوتتۇرا شەرققە نەزەر» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «ترامپنىڭ زەپىرى ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟» ماۋزۇلۇق تېمىنى ھۇزۇرۇڭلارغا تەقدىم قىلىمىز.

611206
ترامپنىڭ زەپىرى ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن نېمىدىن بېرىدۇ؟ | ئانالىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: 2016 – يىلى 8 – نويابىردا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكىدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا جۇمھۇرىيەتچى قاناتنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى، سودا – سانائەتچى دونالد ترامپ غەلىبە قىلدى. ترامپنىڭ سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى بويىچە ئوتتۇرا شەرق توغرىسىدا بەرگەن باياناتلىرى ئۇنىڭ ئادەتتىكىدىن باشقىچىرەك بىر خىل تاشقى سىياسەتنى يولغا قويىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. شۇڭا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىدە بىر قاتار يېڭىلىقلارنىڭ ھاسىل بولىدىغانلىقىنى ئەركىن – ئازادە ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز مۇمكىن.

ترامپ ئومۇمەن دېموكراتىك ئوبامانىڭ لىبېرال خەلقئارا تاشقى سىياسەت چۈشەنچىسىگە قارشى پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتنى گۈللەندۈرۈشى ئۆز ئالدىغىلا ئارزۇ قىلىنىدىغان بىر ئەھۋال ئەمەس. خەلقئارالىق تەشكىلات ۋە ئىتتىپاقلاردىكى مەۋجۇتلۇقىمۇ شۇنداق. مۇھىمى مۇناسىۋەتلەرنىڭ مالىيەسى. ئەگەر مۇناسىۋەتنىڭ بەدىلى قولغا كەلتۈرۈلگەن نەرسىدىن كۆپ بولسا، ئۇ ھالدا ئۇ يەردە بەزى ئىشلار خاتا كېتىۋاتىدۇ، دېگەنلىك بولىدۇ.

خىزمەتداشلىرى ئىچىدە ئاشقۇن ئوڭچى كىشىلەر بولۇشىغا قارىماي، دونالد ترامپ ئوبامادىن ئىلگىرىكى بۇش دەۋرى سىياسەتلىرىگىمۇ مۇساپە قالدۇرۇپ مۇئامىلە قىلماقتا. ئۇ ھاكىمىيەت ئۆزگەرتىش، دېموكراتىيە ئېكسپورت قىلىش ۋە مىللەت بەرپا قىلىش ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدىكى سۆزلەرنىڭمۇ ترامپ تاشقى سىياسىتىدە ئورنى يوق. ھەتتا ئۇ، قىيىن – قىستاقنىڭ توغرىلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىنمۇ يالتايماي كەلمەكتە. قىيىن – قىستاقنى نېمە ئۈچۈن <كېرەكلىك> دەپ قارايدىغانلىقىغا نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، ترامپنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىنىڭ مۇھىم ئامىللىرىنىڭ بىرى، يەنى <تېررورىزمغا قارشى كۈرەش> ئالدىمىزغا چىقىدۇ.

بەدىلىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر تېررورىزمغا قارشى كۈرەشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىشى بىر قانچە نۇقتىدىن مۇھىم؛ ئۇلارنىڭ بىرىنچىسى، بۇ نۇقتىدىكى تەكىتلەش ئىسلاموفوبىك (ئىسلام ئەندىشىسى) قاراشنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدۇ. نۆۋەتتە تېررورلۇق ئىسلام بىلەن تەڭداش ئورۇندا قويۇلماقتا. ترامپلا ئەمەس، خىزمەتداشلىرىنىڭمۇ بۇ خىل قاراشقا ئىگە ئىكەنلىكى مەلۇم. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، يالغۇز دائېشلا ئەمەس، مۆتىدىل سۇرىيە ئۆكتىچىلىرى ھەتتا مۇسۇلمان قېرىنداشلار ھەرىكىتىمۇ تېررورچىلار ھېسابلىنىدۇ. ئىككىنچىسى، تېررور توغرىسىدىكى يۈزەكى قارىشى يىگىرمە يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا سىرتنىڭ بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتقان رايوندىكى دىكتاتور تۈزۈملەرنى بىئارام قىلىشقا باشلىدى. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، ترامپقا بىرىنچى بولۇپ تېلېفون قىلغان لىدىرنىڭ مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ سىسى بولۇشى ئۆزگىچە مەنىگە ئىگە. تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە دۆلىتى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىدىغانلا بولسا، دۆلەتلىرىدە كىمنى قانداق ئېزىشى ترامپ ھاكىمىيىتى نۇقتىسىدىن ئۇنچىۋالا مۇھىم ئەمەستەك قىلىدۇ. ئۈچىنچىسى، ئوباما دائىرىلىرىنىڭ رايوندا ئىجرا قىلغان يېقىنقى بەش يىلدىكى خاتا سىياسىتى رۇسىيە، ئىران، ئىراقلىق شىئە قوراللىقلىرى، پ ي د ۋە ھىزبۇللاھقا ئوخشاش دۆلەت ۋە تەشكىلاتلارنىڭ مۇھىم ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى. ترامپنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتى ۋە تېررورىزمغا تۇتقان پوزىتسىيەسى بۇ ئۇتۇقلارنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىشىنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ.

ترامپنىڭ تېررورلۇقنى سۈننىي دۇنيادىكى ئاشقۇنلۇق بىلەن تەڭ ئورۇندا قويىدىغانلىقىغا گۇۋاھ بولماقتىمىز. بۇ دائىرىدە، يۇقىرىدىكى سەۋەبكە تايىنىپ رايوندىكى مەۋجۇتلۇقىنى قانۇنىيلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان رۇسىيە بىلەن ئورتاق مەنپەئەت نۇقتىسىدا تېپىشقاندەك قىلىدۇ. مانا بۇ تېپىشىش ترامپ ھاكىمىيىتىنىڭ سۇرىيەدىكى ئەسەد تۈزۈمىگە مەيدان يارىتىپ بېرىدۇ، دەپ ئويلايمىز. مۇھىمى ئىسلامچى كۈچلەردىن تەشكىل تاپقان سۇرىيە ئۆكتىچىلىرىمۇ ترامپقا نىسبەتەن تېررورچى ھېسابلىنىدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، ئەسەدمۇ ياماننىڭ ياخشىسى سۈپىتىدە كۆرۈلىدۇ. يەنە، رۇسىيەنىڭ ترامپ تەرىپىدىن بىر شېرىك، دەپ قارىلىشى ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن ترامپ ھاكىمىيىتى ئارىسىدا بىر مۇرەسسەلەشتۈرگۈچى ۋەزىپىسىنى ئوينايدىغانلىقىنى ئېيتىشىمىز مۇمكىن.

ئەسەدكە <تېررورىزمغا قارشى ئىتتىپاقداش> دەپ قاراۋاتقان ترامپ بىلەن بىرلىكتە، سۇرىيەدە «ئەسەدسىز چارە تېپىش» تىرىشچانلىقلىرىنىڭ پۈتۈنلەي ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ئېيتىش خاتا بولمايدۇ. لېكىن، توقۇنۇشلارنىڭ داۋاملىشىشى سۈرىيەدە يۇرت – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان پۇقرالارنىڭ ئەھۋالىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى سوئالىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ نۇقتىدا ترامپنىڭ تەكلىپى، بىر تەڭپۇڭ رايون تەسىس قىلىپ، ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغۇچىلارنى ئۇ رايونغا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇ يەردە، ترامپنىڭ چىقىش نۇقتىسى ئەلۋەتتە ئۇ كىشىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئەمەس. مۇسۇلمانلارغا ئوتتۇرىغا چىققۇسى خەۋپ، دەپ قارايدىغان ترامپنىڭ مەقسىتى، سۇرىيەدىن غەربكە بارىدىغان مۇساپىرلار ئېقىنىنى كونترول قىلىش بولۇپ، سۈرىيەلىكلەرگە نىسبەتەن ترامپ، ئۈمىدكە ئېچىلغان ئىشىكلەرنى تاقىۋالغۇچى كىشىدىن باشقا بىرى ئەمەس.

سۈرىيەلىكلەر بىلەن بىرلىكتە، ترامپ دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىنىڭ ئەڭ ئېغىر سەلبىي تەسىرىگە ئۇچرايدىغانلارنىڭ پەلەستىنلىكلەر ئىكەنلىكىگە قىل سىغمايدۇ. ترامپ، ھازىرغىچە بولغان ئامېرىكا سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىدىكى ئەڭ رادىكال ئىسرائىلىيە تەرەپدارى بىرى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇنىڭدىن كېيىن، ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەنى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىگە چارە تېپىش سۆھبەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا مەجبۇرلىنىشىنى كۈتۈش توغرا ئەمەس. ترامپ تۇرالغۇ جاي قۇرۇش ۋە كۆچمەنلەر سىياسىتىنىمۇ ئەيىبلەپ باقمىدى. مەسىلىنى تېخىمۇ ۋەھىمىلىك ھالەتكە كەلتۈرۈۋاتقان نۇقتا بولسا، ترامپنىڭ قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ مەڭگۈلۈك پايتەختى، دەپ رەسمىي ئېتىراپ قىلىشتا مەسىلە يوق، دەپ قارىشىدۇر.

ترامپنىڭ ئوباما مەزگىلىدە ھاسىل قىلىنغان يادرو كېلىشىمىگە قارشى ئىكەنلىكىمۇ مەلۇملۇق بىر مەسىلە. لېكىن، بۇ ئەھۋالنىڭ ئىران – ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ناچارلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتىش توغرا بولمىسا كېرەك. ئەكسىچە بۇ ئەھۋال، ئىراندىكى مەزكۇر كېلىشىمگە قارشى بۈركۈت قاناتنى پىراگماتىزمچى ھەسەن رۇھانى ۋە جەۋاد زەرىفكە قارشى كۈچلەندۈرىدۇ.  شۇنداقكەن، بۇ مەسىلە نۇقتىلىق ھالدا ئىران ئىچكى سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. ترامپنىڭ ئومۇمىي ئوتتۇرا شەرق سىياسىتى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئىران ئەۋزەل ئورنىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ھەممىدىن مۇھىمى، ترامپنىڭ تېررورىزمنى نۇقتىلىق ھالدا رادىكاللاشقان سۈننىيلىك بىلەن تەڭداش ئورۇنغا قويۇشى، ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە رۇسىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا ئوچۇق بولۇشىمۇ ئىرانغا پايدىلىق ۋەزىيەت يارىتىدۇ. يەنە كېلىپ، ترامپنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننى ئاشقۇن تەشكىلاتلارغا يۇمشاق مۇئامىلە قىلىش بىلەن ئەيىبلىشى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىتىنى ئىمپورت قىلىشقا خاتىمە بېرىش تەھدىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمۇ ئىرانلىقلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى. ترامپنىڭ يادرو كېلىشىمىنى قايتىدىن مۇزاكىرىگە قويىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىشىنىڭ، پەقەت ئىران ئىچىدىكى مۆتىدىل پىراگماتىزمچى كۈچ مەركەزلىرىنى ئاجىزلىتىدىغان بىر ئىش ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلمەكتە.

قىسقىسى، ترامپنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىنىڭ رايوندىكى مەسىلىلەرنى ئازايتماسلىقى ئۇ ياقتا تۇرسۇن، مەۋجۇت كۈچ مۇۋازىنىتىگە كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىش ئالاھىدىلىكىمۇ يوق.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر