ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنىڭ ئەھمىيىتى

بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى قۇتلۇق بولسۇن. بۇ گۈزەل كۈندە ئۇلارنىڭ جەمئىيىىىمىزگە، خەلقىمىزگە ۋە بىزلەرگە قىلغان ئېسىل خىزمەتلىرى ۋە قوشقان تۆھپىلىرىنى مەدھىيەلەيمىز ھەمدە چەكسىز ھۆرمەت ۋە تەشەككۈرلىرىمىزنى سۇنىمىز.

417945
ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنىڭ ئەھمىيىتى

 

ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنىڭ ئەھمىيىتى

 

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! تۆۋەندە ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىغا ئاتاپ تەييارلىغان مەخسۇس پىروگراممىمىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.
ھەر قانداق بىر ئىنساننىڭ تەلىم - تەربىيەسىدە ئائىلىىسنىڭ ۋە ئەتراپىدىكىلەردىن باشقا ئەڭ كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىدىغان كىشى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇ تاپتا ھاياتىمىزدا زور ئەھمىيەتلىك ئورۇنغا ئىگە ھېسابلىنىدىغان ئوقۇتقۇچىلىرىمىزغا بېغىشلانغان گۈزەل بىر بايرام كۈنىنى ئۆتكۈزمەكتىمىز. بۈگۈنكى «24 – نويابىر ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى» ئوقۇتقۇچىلارنى ئىپتىخارلاندۇرۇش ئۈچۈن 1981 – يىلى رەسمىي بەلگىلەنگەن ئىدى. مانا شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ھەر يىلى تەبرىكلەپ كەلمەكتىمىز.
** ***** ** *** *** *** ***** *****
1924 – يىلى 24 – نويابىردا ئاتاتۈرك خەلق مەكتەپلىرىنىڭ باش ئوقۇتقۇچىلىرىنى قوبۇل قىلدى. ئاتا تۈرككە باش ئوقۇتقۇچى ئۇنۋانى بېرىلىشىگە، ئۇنىتڭ ھەرپ ئىنقىلابى ۋە شۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيەدە ساۋاتلىقلار نىسبىتىنىڭ تېزلا يۇقىرى ئۆرلىشى ئاساس قىلىنغان ئىدى. ھەرپ ئىنقىلابى بىلەن تۈركىيەدە ئەرەبچە ھەرپلەرنىڭ ئورنىغا لاتىن ھەرىپلىرى ئىشلىتىدىغان بولدى. بۇ ئارقىلىق زامانىۋى دۇنياغا ماسلىشىش نىشان قىلىنغان ئىدى. ھەرپ ئىنقىلابىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ئاتاتۈككە بالقانلار كېڭىشىنىڭ 1928 – يىلى 24 – نويابىردا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىدا «باش ئوقۇتقۇچى» ئۇنۋانى بېرىلىشى قوبۇل قىلىندى. ئاتا تۈركنىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 – يىلى ھېسابلىنىدىغان 1981 يىلىدا بولسا، ھەر يىلى 24 – نويابىرنى تۈركىيەدە ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى قىلىپ تەبرىكلەش رەسمىي قارار قىلىندى.
*** *** ***** **** ***** ***** ****
ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ ھەممىمىزگە نىسبەتەن ئايرىم ئۆزگىچىلىكى بولىدۇ، ئەلۋەتتە. چۈنكى ئوقۇش ۋە يېزىشنى ئۇلاردىن ئۆگەندۇق. تۈنجى ماتېماتىك دەرسىمىزنى ئۇلار بىلەن بىرگە ئىشلىدۇق. سائەت ۋە كالىندارنى ئۇلاردىن ئۆگەندۇق. ئىجتىمائىي ھاياتىمىزغا مۇناسىۋەتلىك پوزىتسىيەلەرنى ئەڭ دەسلەپ ئۇلار ئۆگەتتى. بىزنىڭ ئىجتىمائىي جەمئىيەتكە تۇتقان پوزىسىيەلىرىمىزمۇ ئۇلارنىڭ تەلىم - تەربىيەسى بىلەن شەكىللەندى. ئۆيىمىزدە ئائىلىمىز ۋە خوشنىلىرىمىزغا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزدىكى تۇتقان پوزىتسىيەلىرىمىزمۇ ئوقۇتقۇچىلىرمىزنىڭ تەسىرىدە شەكىللەندى. چىش چوتكىلاشتىن تارتىپ، توپلىشىپ ئويۇن ئويناش، ۋاقىتقا رىئايە، قىلىش ۋە ئاتا - ئانىغا ھۆرمەت قىلىشقىچە بولغان نۇرغۇنلىغان پەزىلەتلىرىمىزگىمۇ ئۇلارنىڭ يېتەكلىشى زور تەسىرلەرنى كۆرسەتتى.
بىز ئوقۇتقۇچىلىرمىزنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئىنتايىن ياخشى كۆردۇق، ئۇلارغا ياراش ئۈچۈن قاتتىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتۇق. تاپشۇرۇقلىرىمىزنى ئىشلىمەي تۇرۇپ مەكتەپكە بېرىشنى ھېچ ئوياپ باقمىدۇق. كېيىنچە ئوقۇش يېشىمىزنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ ئوقۇتچىلىرىمىزمۇ ئالماشتى. ئۇلارنىڭمۇ نۇرغۇن قوللاپ - قۇۋۋەتلەشلىرىگە سازاۋەر بولدۇق. بىراق تۈنجى ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ ئورنى باشقىچە ئىدى ۋە دائىم يەنە شۇنداق باشقىچە بولغۇسى.
دېمىسىمۇ، جەمئىيەتلەرنى ئۆزگەرتىش ۋە كەلگۈسىگە يەتكۈزۈشتە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ رولى ئىنتايىن مۇھىم. مائارىپ سىسىتېمىمىز قانچىلىك ئۈنۈملىك بولسا، كەلگۈسىدىكى ئىنسانلىرىمىزمۇ شۇنچىلىك ئۇتۇغلۇق كىىشلەرگە ئايلىنىدۇ. كەلگۈسىمىزنى قۇرۇپ چىقىشتىكى ئەڭ مۇھىم تۈرتكىلىك كۈچ ھېچ شۈبھىسىزكى ئوقۇتقۇچىلرىمىزدۇر. ئۇلار ئۆمرىمىز بويى يولىمىزنى يورۇتتى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنتمۇ يورۇتۇشنى داۋاملاشتۇرغۇسى.
*** ** **** ** **** **** ***
دەرۋەقە، دىنىمىزمۇ ھاياتىمىزغا دائىر نۇرغۇن تەلىماتلارنى ئۆگەتتى. كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئاساسەن دېگۈدەك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەلىم - تەربىيەلىرى ھاياتىمىزغا تۈس بەردى. ئىسلام دىنىمىز ئىلگىرى سۈرگەن تۈرمۈش ئۇسۇلى ۋە تەلىماتلىرى ھاياتىمىزغا شەكىل بەردى. ياخشى ئىنسان بولۇش، گۈزەل ئەخلاغلىق بولۇش ۋە باشقىلارغا ياردەم قىلىشنى بىزگە تەلىم بەرگەن دىنىمىزنىڭ نۇرىدا ھايات كەچۈرۈشكە تىرىشتۇق.
خۇلاسىلاپ ئېيتقاندا، بۇ بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى قۇتلۇق بولسۇن. بۇ گۈزەل كۈندە ئۇلارنىڭ جەمئىيىىىمىزگە، خەلقىمىزگە ۋە بىزلەرگە قىلغان ئېسىل خىزمەتلىرى ۋە قوشقان تۆھپىلىرىنى مەدھىيەلەيمىز ھەمدە چەكسىز ھۆرمەت ۋە تەشەككۈرلىرىمىزنى سۇنىمىز. بىزنى تەربىيەلىگەن ئوقۇتچىلىرىمىز ئارسىدىكى دۇنيادىن ۋاقىتسىز ئايرىلغان ئۇستازلىرىمىزنىمۇ چوڭقۇر مىننەتدارلىق بىلەن ئاللاھتىن رەھمەت تىلەش ئارقىلىق ئەسلەيمىز. 



خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر