ئۈچ تەرەپ يىغىنلىرىنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدە

ئۈچ تەرەپ يىغىنلىرىنىڭ ئۈچ تەرەپ ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئۇچرىشىشلىرى سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈلۈشى.

376772
ئۈچ تەرەپ يىغىنلىرىنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدە

ئەزەربەيجان، تۈركىيە ۋە تۈركمەنىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى 2015 – يىلى 28 – ئاۋغۇست كۈنى ئۈچىنچى قېتىم بىر يەرگە جەم بولدى. ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئېلمار مەممەدياروۋ، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، تۈركمەنىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى راشىد مېرېدوۋ ئانتاليادا رېگنۇم مېھمانسارىيىدا ئۇچراشتى. ئۇچرىشىشقا ئۈچ دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەسئۇللىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى.
ئۈچ تەرەپ ئۇچرىشىشىدىن بۇرۇن ئىككى تەرەپ ئۇچرىشىشى ئېلىپ بېرىلدى. ئۈچ مىنىستىر ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى. ئاخىرىدا ئۈچ تەرەپ ئۇچرىشىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
يىغىندا، ئۈچ قېرىنداش دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، ئىقتىسادىي ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئېنېرگىيە، رايونلۇق مەسىلىلەر، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ۋە ئۆكتەبىردە تۈركمەنىستاندە چاقىرىلىشى پىلانلىنىۋاتقان ئۈچ تەرەپ ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تەرەپلەر قاتناش ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ۋە ئۈچ دۆلەتنىڭ بۇ ساھەدىكى مەۋجۇت ئالاھىدىلىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرش مەقسىتىدە «ئافغانىستان – تۈركمەنىستان – ئەزەربەيجان – تۈركىيە» قاتناش كارىدورىنىڭ بەرپا قىلىنىشى مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى. 2015 – 2017 – يىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رامكا پىروگراممىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى. مىنىستىرلار كېڭىشى ۋە ئاشخابادتا چاقىرىلغان يىغىنلاردا ئېلىنغان قارارلار كۆزدىن كەچۈرۈلگەن يىغىندىن كېيىن، ئورتاق ھەمكارلىق كېلىشىم لايىھەسى ئىمزالاندى. ئىمزا مۇراسىمدىن كېيىن مىنىستىرلار قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.
مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتىقىدا، «بۇ ئۈچ تەرەپ ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىدا ئۈچ دۆلەت ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىي ۋە رايونلۇق مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردۇق. بولۇپمۇ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى، قاتناش، تۆمۈر يول، تاش يول قاتارلىق نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق. نىشانىمىز بۇ مەسىلىلەردە رايونلۇق كۈچ ئىكەنلىكىمىزنى جارى قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت، ئاشخابادتا ئېلىنغان قارارلار نەتىجىسىدە باشقا مىنىستىرلار ئارا ئۇچرىشىشلارمۇ ئېلىپ بېرىلدى، بۇ ئۇچرىشىشلار ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدۇ» دېدى.
ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئېلمار مەممەدياروۋ، بۇ ئۇچرىشىشلارنىڭ پەقەت ئۈچ دۆلەت ئۈچۈنلا ئەمەس، رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈنمۇ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ساياھەت مەسىلىسىدىمۇ ھەم تۈركمەنىستان ھەم ئەزەربەيجاننىڭ ساياھەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا تۈرتكىلىك رول ئويناۋاتقانلىقىنى، بۇ ھەقتە تۈركىيەنىڭ تەجرىبىلىرىدىن پايدىلىندىىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
تۈركمەنىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مېرېدوۋ، «ئۇچرىشىشتا ساياھەت ۋە تەنتەربىيە ساھەلىرىدىمۇ ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرۇلۇق ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردۇق، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئۇچرىشىشلىرىنى رامكا پىروگراممىسى دائىرىسىدە ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى. مېرېدوۋ، ئەڭ بۈيۈك نىشانلىرىنىڭ بۇ يىلنىڭ ئاخىرقى ئايلىرىدا ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى بىلەن تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسىنى تۈركمەنىستاندا كۈتۈۋېلىش ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.
:::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::
بىرىنچى قېتىملىقى 2014 – يىلى 26 – ماي كۈنى باكۇدا، ئىككىنچى قېتىملىقى 2015 – يىلى 29 - فېۋرال كۈنى ئاشخابادتا چاقىرىلغان ئۈچ تەرەپ ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىقىنى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتتى دېيىش مۇمكىن. ئۆكتەبىردە تۈركمەنىستاندا ئۈچ تەرەپ ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئۇچرىشىشى ئىشقا ئاشقان تەقدىردە، تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان رەھبەرلىكىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بۇ ئۇچرىشىشلار تولۇق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن بولىدۇ. چۈنكى كۈزدە چاقىرىلىدىغان ئۈچ تەرەپ دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا رايوننىڭ كېلەچىكىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم قارارلار ئېلىنىشى مۇمكىن.
ئانتاليادا چاقىرىلغان يىغىننىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى بولۇپمۇ قاتناش ۋە ئېنېرگىيە مەسىلىلىرىگە تېخىمۇ كۆپ ئەھمىيەت بېرىلىشى بولدى. دەرۋەقە، قاتناش بىلەن ئېنېرگىيە مەسىلىسى بىر – بىرىدىن زادى ئايرىلالمايدىغان مۇھىم مەسىلە بولۇپ، بۇ ئۈچ دۆلەتنى غەرب بىلەن تۇتاشتۇرۇش جەھەتتىنمۇ ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. ھازار رايوننىڭ ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنىڭ غەربكە يەتكۈزۈلۈشى ياكى تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا تېخىمۇ قىسقا يولدىن يېتىپ بارالىشى ئۈچۈنمۇ بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىگە توغرا كېلىدۇ. ئوغۇزخاننىڭ نەۋرە – چەۋرىلىرىنىڭ قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتلىرىنى تۈرلۈك ساھەلەردە يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش ئىرادىسى قەتئىيدەك قىلىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر