مەۋلانا ئوقۇغۇچى ئالماشتۇرۇش پىروگراممىسى -1

مەۋلانا ئوقۇغۇچى ئالماشتۇرۇش پىروگراممىسى توغرۇلۇق قىسقىچە ئىزاھات

338216
مەۋلانا ئوقۇغۇچى ئالماشتۇرۇش پىروگراممىسى -1

«ھەققىي بايقاش يېڭى زېمىنلارنى تېپىش ئەمەس، يېڭى كۆز بىلەن قاراشقا مۇناسىۋەتلىكتۇر.» رادىيو ئاڭلىغۇچى دوستلار! يازنىڭ ناھايىتى گۈزەل كۈنلىرىنىڭ بىرىدە،  ر ت ت تۈركىيەنىڭ ئاۋازى رادىيوسىدا ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقان ئۇپۇق سىزىقى ناملىق بۇ پىروگراممىمىزدا  سىلەر بىلەن دىدارلىشىشنىڭ خۇشاللىقى ۋە ھاياجىنىنى ياشاۋاتىمىز.
ئۇپۇق سىزىقى ناملىق پىروگرممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىنى فىرانسۇز يازغۇچى ۋە ئوبروزچى ماركېل پىروستنىڭ سۆزلىرى بىلەن باشلىدۇق. بىزلەرمۇ دۇنياغا يېڭىچە نۇقتىينەزەر بىلەن قاراشنى داۋاملاشتۇرىمىز.
ئۆتكەن ھەپتە سىلەرگە مەۋلانا ئوقۇغۇچى ئالماشتۇرۇش پىروگراممىسىنى بىر ئاز تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەنىدۇق، بۈگۈنمۇ مەزكۇر پىروگرامما ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى داۋاملاشتۇرىمىز. ناۋادا مەۋلانا پىروگراممىسى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىشنى ئويلىساڭلار مۇنۇ ئادرىسقا قارىساڭلار بولىدۇ: mevlana.gov.tr.www
مەۋلانا ئوقۇغۇچى ئالماشتۇرۇش پىروگراممىسى قانداق ئوقۇغۇچىلارغا خىزمەت قىلىدۇ؟ مەۋلانا ئوقۇغۇچى ئالماشتۇرۇش پىروگراممىسى ئوقۇغۇچىلىرى يۇرتىنى ۋە دۇنيانى تېخىمۇ ياخشى تونىماقچى ۋە چۈشەنمەكچى بولغان، يېڭىلىققا مايىل، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، رىقابەت تۇيغۇسى كۈچلۈك، دۇنياۋى ئاڭ ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولغان ئوقۇغۇچىلارنى كۆرسىتىدۇ.  
مەۋلانا ئوقۇغۇچى ئالماشتۇرۇش پىروگراممىسىغا قاتناشماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلار بۇنىڭغا ئوخشاش پىروگراممىلاردىن پايدىلانمىغان بولۇشى كېرەك. 
تېگىشلىك شەرتلەرنى ئادا قىلىپ پىروگراممىدىن پايدىلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلارغا، چەتئەلدا تىزىمغا ئالدۇرغان ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا بەدەلسىز ئوقۇش پۇلى بېرىلىدۇ.
ئوقۇغۇچىلار مەۋلانا ئوقۇغۇچى ئالماشتۇرۇش پىروگراممىسى دائىرىسىدە ئوقۇماقچى بولغان ئالىي مەكتەپكە ئوقۇش پۇلى تۆلىمەيدۇ.
مەۋلانا ئوقۇغۇچى ئالماشتۇرۇش پىروگراممىسىنىڭ باشقا پىروگراممىلاردىن پەرقى مۇنداق: 
دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يولغا قويۇلىۋاتقان رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق ئوقۇغۇچى ئالماشتۇرۇش پىروگراممىلىرى، ئالىي مائارىپ باشقارمىسىنىڭ ئالىي مائارىپنى خەلقئارالاشتۇرۇش نىشانىغا مۇئەييەن دەرىجىدە ھەسسە قوشماقتا. مەزكۇر پىروگراممىغا ئىلتىماس قىلغان ئوقۇغۇچىلار، ئالىي مائارىپنى خەلقئارالاشتۇرۇش نىشانىنىڭ مۇھىم ۋاسىتسىى بولغان مەۋلانا ئوقۇغۇچى ئالماشتۇرۇش پىروگراممىسى دائىرىسىدە، ئالىي مائارىپنىڭ بارغانچە خەلقئارالىشىۋاتقان ئاكادېمىك روھىغا مۇۋاپىق ھالدا ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. ئوخشاشلا مەۋلانا ئوقۇغۇچى ئالماشتۇرۇش پىروگراممىسى كېلىشىمىگە ئىمزا قويغان ۋە ئالىي مائارىپ ئورگانلىرىدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان پۈتكۈل ئوقۇتۇچى ۋە تەتقىقاتچىلارمۇ بۇ پىروگراممىغا قاتنىشالايدۇ.
مەۋلانا ئوقۇغۇچى ئالماشتۇرۇش پىروگراممىسىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن نېمىلەر لازىم؟
مەۋلانا ئوقۇغۇچى ئالماشتۇرۇش پىروگراممىسى ئوقۇغۇچىسى ئۈچۈن ئاساسلىق شەرتلەر تۆۋەندىكىچە:
ئوقۇغۇچىنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بولۇشى، تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئىلمىي نەتىجىسىنىڭ تۆت نومۇرلۇق ئۆلچىمى بويىچە 2.5 بولغان بولۇشى، ماگېستىر ۋە دوكتور ئوقۇغۇچىلارنىڭ بولسا 3 بولۇشى، ئالىي تېخنىكوم ۋە تولۇق كۇرس پىروگراممىلىرىنىڭ تەييارلىق ۋە بىرىنچى سىنىپتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بىلەن تەييارلىق ۋە ئىلمىي تەييارلىق مەزگىلدە بولغان ماگىستىر ۋە دوكتور ئوقۇغۇچىلىرى تۇنجى يىلى بۇ پىروگراممىدىن پايدىلىنالمايدۇ.
مەۋلانا ئوقۇغۇچى ئالماشتۇرۇش پىروگراممىسىدىن پايدىلانماقچى بولغان بىر ئوقۇغۇچى چەتئەلدە تېزىمغا ئالدۇرغان ئالىي مەكتەپكە ئوقۇش پۇلى تۆلەمدۇ؟
ئوقۇغۇچىلار پەقەت مەۋلانا ئوقۇغۇچى ئالماشتۇرۇش پىروگراممىسى ئوقۇغۇچىسى جەريانىدا بۇرۇنقى ئالىي مەكتىپىگە تۆلەيدىغان ئوقۇش رەسمىي پۇلىنى تۆلەشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. شۇڭا چەتئەلدا تېزىمغا ئالدۇرغان يېڭى مەكتپىگە ئايرىم پۇل تۆلىمەيدۇ.
مەۋلانا ئوقۇغۇچى ئالماشتۇرۇش پىروگراممىسىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىنىڭ چەتئەلدىكى ئوقۇش يىلى ئوقۇش تارىخىغا كىرگۈزۈلەمدۇ؟
مەۋلانا ئوقۇغۇچى پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ، باشقا دۆلەتتە ئوقىغان ئوقۇغۇچىنىڭ چەتئەلدىكى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان دەرس ياكى دەرسلەرنىڭ، ئوقۇش كېلىشىمىدە قايسى دەرسلەرگە تەڭ كېلىدىغانلىقى بېكىتىلگەن ۋە ئوقۇغۇچى پۈتكۈل دەسلەردىن لايىقەتلىك بولغان تەقدىردە، ئوقۇشى ئوقۇش تارىخىغا يېزىلىدۇ.
ئوقۇش پۇلى ھەققىدىمۇ ئازراق مەلۇمات بېرەيلى: مەۋلانا ئوقۇغۇچى ئالماشتۇرۇش پىروگراممىسى دائىرىسىدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن تۈركىيەدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا تۈركىيە ئالىي مائارىپ باشقارمىسى ئىجرائىيە كېڭىشى تەرىپىدىن بېكتىلگەن نىسبەتتە، ئوقۇش پۇلى بېرىلىدۇ.
ئوقۇغۇچىلارغا بېرىلىدىغان پۇلنىڭ 70%ى ھەر ئايدا بېرىلىدۇ. قالغان پۇل ئوقۇغۇچىنىڭ دەرسلەردە لاياقەتلىك ياكى ئەمەسلىكىگە قاراپ بېرىلىدۇ. ناۋادا ئوقۇغۇچىغا ئايرىلغان ئوقۇش پۇلى يەتمەي قالغان تەقدىردە، پىروگراممىنىڭ باشقا شەرتلىرىگە رىئايە قىلىش شەرتى بىلەن ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ ئىمكانىيىتى ياكى ئالاھىدە ئوقۇش پۇلى يولى بىلەن ئوقۇغۇچىنىڭ داۋاملىق ئوقۇغۇشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىلىدۇ. شۇنداقلاwww.Mevlana.gov.tr ناملىق تور بېتىدىن دۆلەتلەرگە ئاساسەن كۈندىلىك خىراجەت پۇلى، يول پۇلى ۋە ئايلىق سەھىيە سوغۇرتاسى ئۈچۈن ئايرىلغان راسخوتلارغا قارىساڭلار بولىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر