ئىنىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى

بار ئىكەنۇ، يوق ئىكەن. بۇرۇننىڭ بۇرۇنسىدا ئەلگەك سامان ئىچىدە، تۆگە دەللال، بۈرگە ساتىراش ئىكەن. ئانام بۆشۈكۈمنى تەۋرەتكەن كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى ھاۋا ناھايىتى ئوچۇق بولغان ئىكەن.

271964
ئىنىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: بار ئىكەنۇ، يوق ئىكەن. بۇرۇننىڭ بۇرۇنسىدا ئەلگەك سامان ئىچىدە، تۆگە دەللال، بۈرگە ساتىراش ئىكەن. ئانام بۆشۈكۈمنى تەۋرەتكەن كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى ھاۋا ناھايىتى ئوچۇق بولغان ئىكەن. ئۇ كۈنى ئالاھىدە كۈن ئىكەن، چۈنكى ئايشەگۈلنىڭ ئىنىسى ئەلىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىكەن. ئۇ كۈنى قۇياش پارلاق نۇر چېچىپتۇ. گۈل-چېچەكلەر ياپ -يېشىل چىمەنلەرنىڭ ئۈستىدە ئۇياقتىن-بۇياققا ئىگىلىپ ئۇسسۇل ئويناپتۇ. ئايشەگۈل ئۇ كۈنى سەھەر ئورنىدىن تۇرۇپ، ئەڭ چىرايلىق كىيىملىرىنى كىيىپ تارىنىپتۇ. ئايشەگۈل ئىنتايىن خۇشال ئىكەن. چۈنكى ئۇ ئەلىگە تورت تەييارلايدىكەن. ئۇ بۇنىڭدىن ھەم خۇشال بوپتۇ، ھەم بىر ئاز قىزغىنىپتۇ. سەۋەبى، ئۇ كۈنى ھەممە ئىش ئەلى ئۈچۈن پىلانلىنىپتۇ. ئۇ ئەلىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىكەن، ئەمما ھەممە كشىنىڭ ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلگىنىنى كۆرگەندە ئۆزىنى يالغۇز قالغاندەك ھېس قىلىدىكەن. ۋاھالەنكى، ئۇ سەھەر تۇرۇپ، ئەڭ چىرايلىق كىيىملىرىنى ئەلى ئۈچۈن كىيگەن ئىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە ئىشلەتكەن شارلارنى ئېسىپ تەييارلاپتۇ، بىراق ھېچكىم ئۇنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقىنىغا دىققەت قىلماپتۇ. ئايشەگۈل بۇنىڭغا كۆڭلى يېرىم بولۇپ ئولتۇرۇپتۇ. ئانىسى بۇنى كۆرۈپ:
-ئايشەگۈل، نېمىشقا بۇنداق كۆڭلۈڭ يېرىم ھالدا ئولتۇرىسەن؟ بۈگۈن ئىنىڭنىڭ تۇغۇلغان كۈنى، خۇشال ئولتۇرۇشۇڭ كېرەك. تورتنى بىرلىكتە پىشۇرامدۇق، - دەپتۇ.
-ئانا، مەن تورت پىشۇرۇشنى بىلمەيمەن. شۇڭا ساڭا ياردەملىشەلمەيمەن، - دەپتۇ. ئانىسى:
-مەن تورتنى پىشۇرغاندىن كېيىن، سەن بېزىگىن. شاملىرىنى بىرلىكتە قويايلى، - دەپتۇ. ئايشەگۈل:
-بېزىيەلەرمەنمۇ؟ ئەگەر چىرايلىق بولمىسا ياكى تورت بۇزۇلۇپ كېتىپ قالسا، - دەپتۇ. ئانىسى:
-ئۇنداق بولمايدۇ. سەن ماڭا ياردەملەشسەڭ، تورتنى چىرايلىق قىلىپ پىشۇرالايمىز. سەن تېخىمۇ چىرايلىق پىشۇرالايسەن. ئىنىڭ ھازىر كىچىك، ئىنشائاللاھ ئۇمۇ چوڭ بولغاندا تۇغۇلغان كۈنۈڭدە تورت پىشۇرۇشقا ئالدىرايدۇ. قېنى ئەمىسە، ماڭا ياردەملەش. بىللە تورت تەييارلايلى، - دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئايشەگۈل ئانىسىغا ياردەملىشىشكە باشلاپتۇ. ئانا-بالا تورتنى ناھايىتى چىرايلىق قىلىپ پىشۇرۇپتۇ. ئايشەگۈل ئانىسىنىڭ كۆرسەتكىنى بويىچە تورتنى بېزەپتۇ، ئاندىن ئۈستىگە شاملارنى سانجىپ قويۇپتۇ. ھەممە نەرسە تەييار بوپتۇ. ئەلى پىشۇرۇلغان تورتتىن ناھايىتى خۇرسەن بوپتۇ ۋە ئاچىسىغا ئېسىلىپ تۇرۇپ، قايتا-قايتا رەھمەت ئېيتىپتۇ. ئەلىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ناھايىتى چىرايلىق ئۆتۈپتۇ. ئايشەگۈلمۇ ياخشى ئويناپتۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىنىسىنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئويلاپ، قىزغىنىپ خاتا قىلغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىپتۇ. بۇ چۆچىكىمىزمۇ مۇشۇ يەردە ئاخىرلىشىپتۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر