تۈركىيەدە ساياھەت ھەپتىسى

15 – ئاپرېلدىن 22 – ئاپرېلغىچە بولغان ۋاقىت تۈركىيەدە «ساياھەتچىلىك ھەپتىسى» سۈپىتىدە تەبرىكلىنىدۇ.

237227
تۈركىيەدە ساياھەت ھەپتىسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: بۈگۈن ساياھەتچىلىك ھەپتىسىنى تەبرىكلەيمىز. 15 – ئاپرېلدىن 22 – ئاپرېلغىچە بولغان ۋاقىت، دۆلىتىمىزدە «ساياھەتچىلىك ھەپتىسى» سۈپىتىدە تەبرىكلىنىدۇ. ساياھەتچىلىك تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى نۇقتىسىدىن «تۇرخۇنسىز سانائەت» دەپ قارىلىدۇ. تەرەققىيات ۋە ئىقتىسادىي كىرىم نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ھەر قايسى دۆلەتلەر ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي زەنجىرىدە زور كۈچكە ئىگە. قاتناش – تىرانسىپورتتىن مېھمانخانا، يېمەك – ئىچمەك سانائىتىدىن مۇزېيىچىلىق ۋە سوۋغا – سالام بۇيۇملىرىغىچە بولغان، دۆلەتنىڭ بارلىق ئىقتىسادىي ساھەسى ساياھەتچىلىكنىڭ تەسىرىدە ياخشى ئۈنۈملەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ.
ساياھەتچىلىك تەسىر كۆرسەتمەيدىغان ساھە ئاساسەن يوق دېيەرلىك. دۆلەت ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئايلىنىش سانىنىڭ ئېشىشى ۋە يېمەك – ئىچمەككىچە بولغان پۈتۈن كەڭ قاتلامدىن ئېلىنغان باجلاردىن كىرىم قىلىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بۇنىڭدىن ھەم پۇقرالار ھەمدە دۆلەت كىرىمىنى ئاشۇرىدۇ. ساياھەتچىلىك بىر تەرەپتىن كىشىلەرنىڭ پاراۋانلىقىنى ئاشۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم ھەسسە قوشىدۇ. دۆلىتىمىز ساياھەتچىلىكتىن قىلىنغان كىرىم بىلەن سېلىنمىغا مەنبە تاپىدۇ.
ساياھەتچىلىكتە كىرىمنى ئاشۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاسان يولى مېھمانخانا سانى ۋە سۈپىتىنىڭ ئاشۇرۇلۇشىدۇر. بۇ يولدا تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا دۆلىتىمىزنىڭ رىغبەتلەندۈرۈش سىياسىتى نەتىجىسىدە مۇھىم خىزمەتلەر ئىشلەنمەكتە. بىر تەرەپتىن خۇسۇسىي شىركەتلەرنىڭ تىرىشچانلىقى، يەنە بىر تەرەپتىن ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى، ساياھەتچىلىكنى دۆلىتىمىز ئۈچۈن مۇھىم ئىقتىسادىي كىرىم مەنبەسىنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردى.
ساياھەتچىلىكنى پەقەت يازلىق تەتىل دەپلا چۈشەنمەسلىك لازىم. دۆلىتىمىزدە يېقىنقى يىللاردا ئارشاڭ ۋە كونگرە ساياھەتچىلىك ساھەسىدە مۇھىم ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. سەھىيە ساياھەتچىلىكى تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان تۈرلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. سەھىيە ساياھەتچىلىكىدە غەربىي ياۋروپا ۋە بالقان رايونىدىن ئوتتۇرا ياۋروپاغىچە بولغان رايونلاردىن كەلگەن ۋە كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان كىشىلەرگە داۋالاش مەقسىتىدە مۇلازىمەت بېرىلىدۇ. بۇنىڭدا باھا ۋە سۈپەت جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقلار دۆلىتىمىزنى ئالدىنقى پىلانغا چىقارماقتا.
تەنتەربىيە ساياھەتچىلىكىمۇ مۇھىم تاللاش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. قار تېيىلىش ۋە سۇ تېيىلىش قاتارلىق تۈرلەرنى كۆزدە تۇتقاندا، دۆلىتىمىز مۇھىم يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە. دۆلىتىمىزنىڭ ھەممە جايلىرىدا بۇ خىل ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پۈتۈنۈنلەي مۇمكىن. خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ تەنتەربىيە كوماندىلىرىنىڭ يازلىق ۋە قىشلىق لاگېر پائالىيەتلىرى ئۈچۈن دۆلىتىمىزنى تاللىغانلىقىنى خەۋەر قىلىپ تارقىتىشى، دۆلىتىمىزنىڭ تونىتىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. تېلېۋىزور، رادىيو ۋە گېزىتلەردە داڭلىق كوماندىلارنىڭ تۈركىيەدە لاگېر قۇرۇشى خەۋەر بولىدۇ. بۇنىڭدا، ساياھەتچىلىك ۋاستىلىك بولسىمۇ تونۇتۇلغان بولىدۇ. ساياھەتچىلىكنىڭ خىلمۇ خىل بولۇشى ۋە 12 ئايغا تارقىلىشى ساياھەتچىلىكنىڭ ئىزچىللىقىغا ئىمكان يارىتىدۇ.
ياز پەسلىدە رۇسىيە، گېرمانىيە، ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى ۋە يىراق شەرق دۆلەتلىرىدىن دۆلىتىمىزگە ساياھەتچىلەر كېلىدۇ. بىر مېھمانخانىدا ئەرەب ۋە يەھۇدىي ساياھەتچىلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ. ساياھەتچىلەردىن تۈركىيەگە كېلىشتىكى سەۋەبلەرنى سورىغىنىمىزدا، خەلقنىڭ ساياھەتچىلەرگە بولغان مۇئامىلىسى، مەدەنىيەت بايلىقى ۋە تەبىئىي مەنزىرەنىڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. خەلقىمىزنى ساياھەتچىلىكتىكى يوشۇرۇن كۈچىمىزنى تېخىمۇ ئاشۇرىدىغان بۇ تېمىلاردا مەلۇماتقا ئىگە قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ پۈتۈن قاتلاملىرىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدىغان ساياھەتچىلىك كىرىملىرىمىزنى كۆپەيتىشنىڭ، ئۆزىمىزنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. ساياھەتچىلەر بىلەن ئۇچراشقان ھەر بىر كىشى كۈلۈمسىرەپ، تۈركلەرنىڭ خاراكتېرىدە ئەسلىدىلا مەۋجۇت بولغان مېھمانلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان ئالاھىدىلىكىمىزنى كۆرسىتەلىشى مۇمكىن. ساياھەتچىلەرگە ناچار مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارنى ئالداشقا ئۇرۇنىدىغان ۋە جەمئىيىتىمىز تەرىپىدىن قەتئىي قوبۇل قىلىنمايدىغان قىلمىشلاردىن يىراق تۇرۇش كېرەك. بۇنداق ناچار قىلمىشلارنى كۆرگەن ۋاقتىمىزدا، دەرھال مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئىنكاس قىلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئالدام خالتىغا چۈشۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايمىز. چەت ئەللەردە ياشايدىغان تۈركلەر قوشنىلىرىغا ۋە دوستلىرىغا دۆلىتىمىزنى تونۇشتۇرالايدۇ. بىزنى كۆرگەن ياكى بىر قانچە قېتىم دۆلىتىمىزگە كېلىپ، ساياھەت قىلغان چەت ئەللىكلەر دۆلىتىمىزدە كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنى، ساياھەت جەريانىدىكى گۈزەل ئەسلىمىلىرىنى دوست – بۇرادەرلىرىگە ئاڭلىتىپ، ئۇلارنى دۆلىتىمىزنى ساياھەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرەلەيدۇ.
مەيلى تۈركىيەلىك بولسۇن ياكى بولمىسۇن، قۇياش نۇرى، تەبىئىي گۈزەللىكى ۋە مەدەنىيەت بايلىقى بىلەن شەرەپ ھېس قىلىدىغان دۆلىتىمىزنىڭ خالىس ساياھەت ئەلچىسى بولۇشنى خالايدىغانلارغا چوڭقۇر سالىمىمىزنى يوللايمىز....


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر