تۈركىيەنىڭ يىپەك يولىدىكى رولى ھەققىدە

تۈركىيەنىڭ يىپەك يولىدىكى رولى ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىمىز.

162912
تۈركىيەنىڭ يىپەك يولىدىكى رولى  ھەققىدە

تۈركىيەدە يىپەك يولى لايىھەسى دېگەن گەپ چىققاندا، ھەممە ئادەمنىڭ خىيالىغا باكۇ-كارس-تىفلىس تۆمۈر يول لىنىيەسى لايىھەسى كېلىدۇ. ئەمەلىيەتتە يىپەك يولى لاھىيەسى ناھايىتى كەڭ ۋە ئەتراپلىق لايىھەلەرنىڭ يىغىنىسىدۇر. تۈركىيەدە بۇ ساھەدىكى خىزمەتلەر ياۋروپا-كاۋكاسىيە-ئاسىيا قاتناش كورىدۇرى لايىھەسى دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلماقتا. مەزكۇر لايىھە 1993-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا قۇرۇلدى. 1998-يىلى تۈركىيە قاتارلىق 12 دۆلەتنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك توختامنامىگە ئىمزا قويدى. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە خىتايدىن ياۋروپاغا پويىزلار 17، 18 كۈندە يېتىپ بارىدىغان بولسا، مەزكۇر لايىھە تولۇق تاماملانغاندا بۇ مۇساپە 10 كۈنگە قىسقىرايدۇ.
تۈركىيەنىڭ گىئوپولىتىك ئورنى تۈركىيەگە شەرق-غەرب قاتنىشىدا ناھايىتى ياخشى پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن. تۈركىيەنىڭ يىپەك يولى لايىھەسىگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق لايىھەلەرگە ئاكتىپ پوزىتسىيەسى تۇتۇشىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە كۈلتۈر قاتارلىق سەۋەبلىرى بار. بۇ تۈركىيەنىڭ تارىخىي جەھەتتىن يېقىن، مەدەنىيەت جەھەتتىن بىر-بىرلىرى بىلەن يېقىن رىشىتىسى بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىش ۋە ئىقتىسادى كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىۋاتقان خىتايغا بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش نۇقتىسىدىن ئىنتايىن مۇھىمدۇر.
تۈركىيە ھازىرغىچە بۇ دائىرىدە ناھايىتى مۇھىم ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقاردى. 2013-يىلى ئۆكتەبىردە ئاسىيا بىلەن ياۋروپا قىتئەلىرىنى دېڭىز ئاستىدىن تۇتاشتۇرىدىغان مارماراي تۇنېلى ئېچىلدى. نۆۋەتتە بوغوز يۇمىلاق ئۆتۈش ئېغىزى ئارقىدىن ئۈستىدىن رىلىستلىق لىنىيە ئۆتىدىغان 3-كۆۋرۈكنىڭ قۇرۇلۇش خىزمەتلىرى تېز سۈرئەتتە ئېلىپ بېرىلماقتا. غايەت زور لايىھە ھېسابلىنىدىغان «قانال ئىستانبۇل لايىھەسى» ۋۇجۇدقا چىققان تەقدىردە تۈركىيە ناھايىتى زور مۇۋاپىقىيەتكە ئېرىشىدۇ.
ئىستانبۇل-ئەنقەرە تېز سۈرئەتلىك پويىز لىنيەسى خىتاي شىركەتلىرىمۇ ئورۇن ئالغان بىرلەشمە شىركەتلەر گۇرۇھى تەرىپىدىن بەرپا قىلىنىپ بۇ يىل خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلدى. ئەنقەرە-تىفىلىس تېز سۈرئەتلىك پويىز لىنىيەسى دائىرىسىدە ئەنقەرە-سىۋاس تېز سۈرئەتلىك پويىز لايىھەسىنىڭ قۇرۇلۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا. كارس-ئەدىرنە، باكۇ-كارس-تىفىلىس تۆمۈر يولى لايىھەسى قۇرۇلۇش خىزمەتلىرىمۇ تېز سۈرئەتتە داۋاملاشماقتا.
4-نۆۋەتلىك خىتاي-ياۋروئاسىيا يەرمەنكىسى دائىرىسىدە «خىتاي-تۈركىيە سودا، سېلىنما ۋە ھەمكارلىق مۇنبىرى» 2-سىنتەبىردە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. 17-19 ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزۈلىدىغان 3-نۆۋەتلىك تىرابزون يىيەك يولى سودا-سانائەتچىلەر ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئۈچۈن تەييارلىق خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا. ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا 21 دۆلەتتىن مىنىستىرلار سەۋىيەسىدە مېھمانلارنىڭ قاتنىشىشى تەخمىن قىلىنماقتا.
تۈركىيە خەلقئارالىق ساھەدىمۇ يىپەك يولى لايىھەسىنىڭ ئەڭ چوڭ قوللىغۇچىسى ۋە ئىجرا قىلغۇچىسىدۇر. 2013-يىلى ئىيۇلدا تۈرك كېڭىشى قاتناش ئىشلىرى مىنىستىرلىرى يىغىنىدا «ئورتاق ھەمكارلىق توختامنامىسى» ئىمزالانغان. تۈرك كېڭىشى «قاتناش كوردىناتسىيە كومىتېتى» باشچىلىقىدا، قاتناشتىن تاموژنىغىچە، مالىيەدىن سوغۇرتىغىچە بولغان نۇرغۇن ساھەدە دۆلەتلەر ئارىسىدا تىرانسىپورت ئىشلىرىغا توسالغۇ بولغان قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشنى نىشان قىلغان كەڭ دائىرلىك تۆت تەرەپلىك «توختامنامە» تەييارلانماقتا.
ئەزەربەيجان-تۈركىيە-ئىران ھەمكارلىقى ئاستىدا ۋۇجۇدقا چىقىدىغان «كارس-ئىغدىر-نەھچىۋان تۆمۈريولى لايىھەسى»دائىرىسىدە ئەرمىنىيە تەرىپىدىن يېتىملاشتۇرۇلغان نەھچىۋاننىڭ كارس ئارقىلىق تۆمۈر يولى بىلەن ياۋروپاغا ئېچىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە. تۈركىيە ئىران بىلەن مەۋجۇت تۆمۈر يول لىنىيەلىرىنى يېڭىلاش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. يىپەك يولى ئۈستىدە ئېنېرگىيە تۇرۇببا لىنيەلىرىمۇ كۈندىن-كۈنگە كۆپەيمەكتە. بۇ جايلاردىكى مۇھىم ئنېرگىيە تىرانسپورت لىنىيەلىرى قازاقىستان-خىتاي نىفېت تۇرۇببا لىنىيەسى، تۈركمەنىستان-ئۆزبېكىستان-قازاقىستان-خىتاي تەبىئىي گاز تۇرۇببا لىنىيەسى، باكۇ-تىفىلىس-جەيھان نېفېت تۇرۇببا لىنىيەسى، باكۇ-تىفلىس-ئەرزۇرۇم تەبىئىي گاز تۇرۇببا لىنىيەسى، جەنۇبىي گاز كورىدۇرى لايىھەسى ۋە تاناپ لايىھەسىدۇر.
تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرلىكى «يىپەك يولى لايىھەسى» دائىرىسىدە كارۋانسارايلارنىڭ قايتىدىن مۇلازىمەتكە ئېچىۋېتىلىشى ئۈچۈن تەييارلىق خىزمەتلىرىنى تېز سۈرئەتتە كۈچەيتمەكتە. بۇنداق بولغاندا تۈركىيەدىكى كونا يىپەك يولى ئۈستىدىكى جايلارغا ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش مەقسەت قىلىنماقتا. يەنە ئىقتىسادشۇناسلار مۇنبىرىمۇ «كارادېڭىز يىپەك يولى لايىھەسى»نى يولغا قويۇپ، رايوننى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقارماقتا.

تۈركىيە يىپەك يولى لايىھەلىرىنى قوللاش ئارقىلىق تەسىر دائىرىسىنى كۈچەيتىشنى، يېڭى بازارلار يارىتىش ئارقىلىق ئىقتىسادنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلماقتا. بۇ دائىرىدە رايون دۆلەتلەر ئارىسىدا مىللىي پۇل بىرلىكى بىلەن سودا قىلىش مەسىلىسىمۇ كېيىنكى مەزگىللەردە كۈچەپ تەكىتلەنمەكتە. مىللىي پۇل بىرلىكى بىلەن سودا قىلىنغىنىدا چىقىم ئازىيىدۇ، شۇنداقلا دوللارنىڭ قىممىتىدە كۆرۈلگەن داۋالغۇشلارنىڭ تەسىرىگە بەك ئۇچراپ كەتمەيدۇ.
يىپەك يولى قايتىدىن جانلانسا ھازارنىڭ سالاھىيىتى قاراباغ ئىشغاليىتىگە ئوخشاش رايونلۇق مەسىلىلەرمۇ ھەل بولىدۇ. بەلكىم ئافغانىستاننىڭ ۋەزىيىتىمۇ نورماللىشىدۇ. ئىرانغا يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولار بېكار بولىدۇ.
يىپەك يولى لايىھەلىرىنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى ئۈچۈن رايوننىڭ ئۇل-ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدىغان سېلىنمىلارنىڭ سېلىنىشى، قانۇنىي چەكلىمە ۋە توسالغۇلارنىڭ بېكار قىلىنىشى، ئورتاق تاموژنا رەسمىيەتلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ۋە دۆلەتلەر ئارا چېگرا ئۆتۈشلىرىنىڭ ئاسانلاشتۇرۇلۇشى، تاموژنا ئېغىزلىرىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇلۇشى، ئارقا سەپ تەمىنات خىزمەتلىرىنى ياخشىلاش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان ئاگېنتلىقلار قۇرۇش كېرەك. تۈركىيە بۇ ئاگېنتلىقلارنىڭ قۇرۇلۇشىغا باشلامچىلىق قىلىشى مۇمكىن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر