دىن نامىدىن گەپ قىلىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر

ئىنسان ئەقىللىق جانلىق، بىۋاستە ئىنسان ئەقلىگە خىتاب قىلغان دىن ھادىسىسى كائىناتتىكى بارلىق مەۋجۇدات ئىچىدە پەقەت ئىنسان بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك.

107084
دىن نامىدىن گەپ قىلىشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئىنسان ئەقىللىق جانلىق. ئۇ، ئەقىل ئىشلتىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن مەلۇماتلارنى ئانالىز قىلىش قابىلىيىتىگە ئىگە. بىۋاستە ئىنسان ئەقلىگە خىتاب قىلغان دىن ھادىسىسى كائىناتتىكى بارلىق مەۋجۇدات ئىچىدە پەقەت ئىنسان بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك. بۇ سەۋەبتىن دىن، ئەقىل ئىگىسى بولغان، تەپەككۇر كۈچىگە ئىگە ۋە ئويلىغانلىرىنى سۆز ئارقىلىق ئىپادە قىلالايدىغان ئىنسانلارغا كەلگەن. قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، دىننىڭ تەسىر مەركىزىي ئىنساندۇر. ئىنسانلار دىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلار بىلەن ئۇچرىشىدۇ، ئۇنى ئاڭلايدۇ ۋە ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈدۇ. نەتىجىدە يا قوبۇل قىلىدۇ، ياكى رەت قلىدۇ. ھەر ئىككى ئەھۋالدا ئىنسان پىكىر يۈرگۈزۈدىغان ۋە ئويلىغانلىرىنى ئىپادىلەش بىلەن پايدىلىق ياكى زىيانلىق بىر پوزىتسىيە بىلدۈرۈش كۈچىگە ئىگە جانلىق.

دىن ھەققىدە گەپ قىلىش بىلەن دىن نامىغا گەپ قىلىشنى بىر-بىرىدىن ئايرىش لازىم. بىركىشىنىڭ پايدىلىق ياكى زىيانلىق بولسۇن دىن ھەققىدىكى شەخسىي پىكىرلىرىنى، دىنغا تاياندۇرماستىن تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشۈنى دىن ھەققىدە گەپ قىلىش دەپ قاراشقا بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا دىن نامىغا سۆز قىلىنمىغان بولىدۇ. دىن نامىغا گەپ قىلىش بولسا، بىر كىشىنىڭ دىندا بار بولغان مەلۇماتلارنى ياكى ئۆزىگە ئائىت پىكىرلىرىنى دىنغا تاياندۇرۇپ تۇرۇپ ئوتتۇرىغا قويۇشىدۇر. بۇ ئەھۋالدا كىشى بەزىدە دىندا يوق بىر مەلۇماتنى ياكى باشقىچە ئىزاھلاش ئىمكانىيىتى بولمىغان بىر ھۆكۈمنى دىنىي ئاساسلارغا زىت شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇپ سېلىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە بولسا، دىندا يېڭى بىر ھۆكۈم قويۇش ئاللاھقا مەخسۇس ئىش. دىندا بولمىغان ياكى ئۈسىتدە يېڭىدىن مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىشقا يول قويۇلمايدىغان بەزى ساھەلەردە يېڭى ھۆكۈملەر قويۇش كەسكىن چەكلەنگەن.
دىندا بار بولغان بىر ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا قويۇش، تەبلىغ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئىش پەيغەمبەرلەر بىلەن باشلانغان ۋە ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقان كىشىلەر بىلەن داۋاملىشىدۇ. دىننىڭ مۇسۇلمان تەبلىغچىلەر ئارقىلىق قىيامەت كۈنىگىچە داۋاملىشىدىغانلىقى بىر ھەقىقەت.
دىن نامىغا گەپ قىلىش ئىجتىھاد نەتىجىسىدە بولىدىغان بولسا بۇنىڭمۇ ئۆزىگە خاس بەزى شەرتلىرى بار. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىجتىھاد، دىندا ئاساسىي بولمغان ياكى دىندا يېڭىدىن مۇھاكىمە يۈرگۈزۈش مۇمكىن بولمايدىغان بىر مەسىلە ئۈستىدە كىشىنىڭ ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىشىنى ئىپادىلىمەيدۇ. ئەكسىچە ئىجتىھاد- يا ئىبارە ئۈستىدە شەرىئەت قويغۇچى مەقسەت قىلغان مەنا ۋە بۇ مەنانى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن سەرپ قىلىنغان كۈچنى ۋەيا دىننىڭ ئەسلى مەنبەسىدە قالدۇرۇلغان بوشلۇقنى، يەنە دىننىڭ ئەسلى مەنبەسى بەلگىلىگەن ئومۇمىي پىرىنسىپ ئىچىدە شەرىئەت قويغۇچىنىڭ مەقسىتىگە ئۇيغۇن شەكىلىدە تولۇقلاش ئۈچۈن كۆرسىتىلگەن غەيرەتنى كۆرسىتىدۇ. ئىجتىھاد يۈرگۈزگۈچىنىڭ ئىجتىھادى نەتىجىسىدە قولغا كەلتۈرگەن ھۆكۈمى، پۈتۈنلەي ئاساستىكى ياكى تەپسىلاتتىكى بىر دەلىلگە تايىنىدۇ. بۇ جەھەتتىن ئىجتىھاد نەتىجىسدە ئوتتۇرىغا چىققان ھۆكۈمنى ئىنسانلارغا بايان قىلىش دىن نامىغا سۆزلەش دائىرىسى ئىچىدە قىممەتكە ئىگە قىلىنماقتا.
بۇ يەردە ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك مۇھىم مەسىلىلەردىن بىرى پەتىۋا بېرىشتۇر. پەتىۋا بېرىش پۈتۈنلەي دىن نامىغا گەپ قىلىش ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى كىشى پەتىۋا سورىغان مەسىلە ئۈستىدە پەتىۋا بەرگۈچىنىڭ شەخسىي كۆزقارىشىنى ئەمەس، ئاللاھنىڭ مەزكۇر مەسىلە ھەققىدىكى ھۆكمنى سورىماقتا. نەتىجىدە پەتىۋا- يا بار بولغان بىر ھۆكۈمنى بايان قىلىش شەكلىدە ياكى پەتىۋا بەرگۈچىنىڭ سورالغان مەسىلە ھەققىدە ئۆزىنىڭ ئىجتىھادى نەتىجىسىدە ئېرىشكەن ھۆكمىنى ئېيتىپ بېرىشىدىن ئىبارەت. ئەگەر مەسىلە قانۇنىي بىر مەسىلە بولسا، ھاكىمنىڭ ماجرانى ھەل قىلىشتا چىقارغان ھۆكمىمۇ دىن نامىغا گەپ قىلىش ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ھاكىم مەسىلىنى قىلىشتا مەۋجۇت ھۆكۈمنى ئىجرا قىلغاندەك، ھەققىدە بىر ھۆكۈم مەۋجۇت بولمىغان ماۋزۇلاردا ئىجتىھاد قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە.

يۇقىرىدا قىسقىچە سۆزلەپ ئۆتكەن دىن نامىغا گەپ قىلىش شەكىللىرىنى كىشىنىڭ مەقسىدى جەھەتتىن ئىككى نۇقتىدا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. بىرىنچىسى- دىندا بار بولغان ۋە چۈشىنىشتە ئىختىلاپ يوق مەلۇماتنى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈش، يەنى بايان قىلىش شەكلىدە بولىدۇ. ئىككىنچىسى- دىندا بار بولغان، پەقەت چۈشىنىش قىيىن بولغان، دىندا بار بولغان باشقا مەلۇمات سايىسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن مەلۇماتنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى شەكلىدە بولۇشى مۇمكىن. دىندا بار بولغان ۋە چۈشىنىشتە پىكىر بىرلىكى ھاسىل بولغان مەلۇماتنى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈشتە ھېچقانداق ئىختىلاپ يوق.
ئىجتىھاد ھەققىدە ئىسلام ئالىملىرى ئوتتۇرىسىدا ئوخشاش بولمىغان پىكىرلەر مەۋجۇت بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىردەك قوبۇل قىلغان مەسىلە- ھۆكۈم قويۇش سالاھىيىتىنىڭ پەقەتلا ئاللاھقا ئائىت ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت. ئىجتىھاد- ئۇ قويغان ئومۇمىي ھۆكۈملەر ئىچىدە يەنە ئۇ قويغان ھۆكۈملەرنى تەتقىق قىلىشتىن ئىبارەت.
ھەممىدىن ئاۋۋال شۇ نەرسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش كېرەككى، دىنغا ئىشەنمەيدىغان بىر كىشىنىڭ دىن نامىغا گەپ قىلىش سالاھىيىتى يوق. چۈنكى مۇنداق بىر كىشىدە بار بولغان چۈشەنچىنىڭ، ئۇنىڭ دىن نامىغا قىلىدىغان سۆزلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىدا شۈبھە يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن دىن نامىغا گەپ قىلىدىغان كىشىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدا بار بولغان دىنىي ساھەگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق مەلۇماتلارنىڭ مۇجەسسەملەنگەن بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئىككىنچى باسقۇچتا، دىن نامىغا گەپ قىلىدىغان كىشىنىڭ كۈندىلىك ھاياتىنى ئۆزى ئىگە بولغان كۆزقاراشلاغا ماس ھالدا داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك. ئۆزى قولغا كەلتۈرگەن ئجتىھاد نەتىجىسى بويىچە تۇرمۇش كەچۈرمىگەن كىشىنىڭ، مەزكۇر نەتىجىلەرگە تايىنىپ باشقىلارنى ئاگاھلاندۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى قوبۇل قىلىنمايدۇ.
دىن نامىغا گەپ قىلىدىغان كىشىنىڭ ئەخلاق خاراكتېرىمۇ بۇيەردە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. بىر مۇسۇلماننىڭ بارلىق تەپسىلاتلىرىغىچە تەكشۈرۈپ- تەتقىق قىلمىغان دىنىي مەسىلە ھەققىدە گەپ قىلىشى توغرا بولمايدۇ. خۇسۇسەن كەسكىن بولمىغان ئىجتىھادلىق مەسىلىلەردە دىن نامىغا گەپ قىلىدىغان كىشىنىڭ خاتا ھۆكۈم چىقىرىپ قويۇش ئەندىشىسى ئىچىدە بولۇشى دىنىي چۈشەنچىنىڭ ئەخلاقىي تەرىپى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. شۇنىڭ ئۈچۈن دەسلەپكى دەۋر ئىسلام ئالىملىرى بىر مەسىلە ھەققىدە ئىجتىھاد ئېلىپ بارغاندىن كېيىن «توغرىسىنى ئاللاھ بىلىدۇ»، «توغرا بولسا ئاللاھ تەرىپىدىن، خاتا بولسا مەندىن ۋە شەيتاندىن» دېگەندەك ئىبارىلەرنى ھەر ۋاقىت ئىشلىتىپ تۇرۇشنى ئۇنتۇمىغان.
دىن نامىغا گەپ قىلىدىغان ئالىملار بىر مەسىلە ھەققىدە ھۆكۈم چىقارغاندا ئاڭلىغۇچىلارنىڭ پىكىر سەۋىيەسى ۋە شەرت-شارائىتلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقى لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «ئىنسانلار يېڭى مۇسۇلمان بولۇپ، كۇپۇر زامانىغا يېقىن بولمىغان بولسا، ھەمدە بىنا سېلىشقا يەتكۈدەك مەبلىغىم بولغان بولسا، «ھىجىر»دىن بەش زىرا كەلگىدەك يەرنى كەئبىگە قوشۇۋەتكەن بولاتتىم» دېگەن سۆزىنى بۇيەردە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدۇ.
دىن نامىغا گەپ قىلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم تەرىپىدىن يەنە بىرى، گەپ قىلغۇچىنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى جانلىق بولۇشى كېرەك. سالاھىيىتى بولمىغان كىشىلەرنىڭ بۇ ماۋزۇدا جاسارەتلىك بولۇشى كۆپلىگەن خاتالىقلارنى بىللە ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۋن ساھابەدىن باشلاپ دەسلەپكى دەۋر ئالىملىرى پەتىۋا بېرىشتىن يىراق تۇرغان. پەتىۋا بېرىدىغان ماقاملاردا بولۇشنى خالىمىغان.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر