تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 09.05.2014

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

64399
تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 09.05.2014

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «سانائەت دۇنياسى مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش سۈرئىتى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتمەكتە» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، تەرەققىياتنىڭ باشلامچىسى ھېسابلىنىدىغان سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ، مارت ئېيىدا % 4.2 ئاشقانلىقىنى يازدى. گېزىت، بىلىم، سانائەت ۋە تېخنولوگىيە ئىشلىرى مىنىستىرى فىكرى ئىشىقنىڭ، مارت ئېيىدا سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىسلەپچىقىرىشتا ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۇدا 3 ئايدىن بۇيان مۆلچەردىكىدىنمۇ يۈكسەك سەۋىيەدە قولغا كەلتۈرۈلۈۋاتقان مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ ئەسلىدە سانائەتچىلەرنىڭ ھۆكۈمەت ۋە مۇقىملىققا ئىشىنىدىغانلىقىنىڭ نامايەندىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.
«‹سىتار› گېزىتى»، «ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمى ۋە سابىھا گۆكچەن ئايرودۇرۇمىغا مۇكاپات» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئىستانبۇلنىڭ ئىككى ئايرودۇرۇمىىغا ئەنگىلىيە مەركەزلىك ئاۋىياتسىيە ۋە خەۋەر ئانالىز تور بېتى Anna.aero دىن مۇكاپات كەلگەنلىكىنى يازدى. گېزىت، ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمنىڭ ئۇچۇش تورىغا ئىلاۋە قىلىنغان 20 يېڭى نۇقتا ئارقىلىق Euro Annies 2014 مۇكاپاتلىرىدا «ئەڭ كۆپ يېڭى ئۇچۇش نۇقتىسىغا ئىگە ئايرودۇرۇم» ئۇنۋانىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى. گېزىتنىڭ خەۋىرىدە، ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمنىڭ، يولۇچىلارغا ئەلا مۇلازىمەت قىلىش جەھەتتىنمۇ ئۆز كاتېگورىيەسىدە دۇنيا بويىچە ئەڭ مۇنەۋۋەر 10 ئايرودۇرۇم قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقى ئەسكەرتىلدى. گېزىت، ئىستانبۇل سابىھا گۆكچەن خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنىڭ بولسا «ياۋروپانىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان ئايرودۇرۇمى» مۇكاپاتىغا لايىق كۆرۈلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.
«‹ساباھ› گېزىتى»، «يۇنىكلو تۈركىيەنى مەھسۇلات بازىسىغا ئايلاندۇرىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، 1 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان تۈركىيەدە كۆپ مىقداردا مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغۇزۇش ئۈچۈن فابرىكا ئىزدەۋاتقان ياپونىيەنىڭ يۇنىكلو كىيىم - كېچەك شىركىتىنىڭ، 3 شىركەت بىلەن كېلىشىم تۈزگەنلىكىنى يازدى. گېزىت، شىركەتنىڭ تى شەكىللىك مايكا بىلەن جېنىس شىم ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن يېشىم تەكستىل، ئىمتەكس ۋە تايەكس شىركەتلىرى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى. گېزىتنىڭ خەۋىرىدە، تۈركىيە كىيىم - كېچەك سانائەتچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن 4 - نۆۋەتلىك ئىستانبۇل مودا كونفېرانسىدا سۆز قىلغان يۇنىكلو گۇرۇھى شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى يوشىھىرو كۇنىئىنىڭ، «ياۋروپادىكى سودا ئىشلىرىمىزنى تۈركىيە ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇشنى پىلانلاۋاتىمىز. بۇ مەقسەتتە تۈركىيەدە ئىش بېجىرىش ئورنى ئاچىمىز» دېگەن سۆزلىرى نەقىل كەلتۈرۈلدى.
«‹ مىللىيەت› گېزىتى»، « NASA مارستا پارنىك قۇرىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (NASA) نىڭ، مارسقا قويۇپ بېرىدىغان كېيىنكى ماشىنا ئادەمنىڭ نىشانىنىڭ سەييارىدە ئۆسۈملۈك يېتىشتۈرۈش ئىكەنلىكىنى يازدى. گېزىت، ماشىنا ئادەم بىلەن بىرلىكتە قويۇپ بېرىلىدىغان ئۇرۇقلارنىڭ سەييارىنى پاسكىنا قىلىۋەتمەسلىكى ئۈچۈن پارنىكنىڭ ئىچىدە قالىدىغانلىقى، مارسقا يېتىپ بېرىپ، 15 كۈن كېيىن ئۇرۇقلارنىڭ بىخ ئۇرۇشىنىڭ تەخمىنەن قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى. گېزىتنىڭ خەۋىرىدە، بۇ سىناق ئۈچۈن قىزىل سەييارىگە دۇنيا ھاۋاسى بىلەن سۇ ئېلىپ بېرىشنىڭ مۇمكىن ياكى ئەمەسلىكى، مارستا ئۆسۈملۈكلەر ئۈچۈن ئۇيغۇن شارائىتنى ياراتقىلى نپ بولمايدىغانلىقىنىڭ ئېنىقلاپ چىقىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر