تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 02.05.2014

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

63497
تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 02.05.2014

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹ ئاخشام› گېزىتى»، «مارتتىكى رېكۇرتتىن كېيىن، ئېكسپورتتا ئاپرېل ئېيىدىمۇ % 11.5 ئېشىش قولغا كەلتۈرۈلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئاپرېل ئېيىدا ئېكسپورتنىڭ بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا % 11.5 ئېشىپ، 13 مىليارد 153 مىليون دوللارغا يەتكەنلىكىنى يازدى. گېزىت، تۈركىيە ئېكسپورتچىلار مەجلىسىنىڭ باشلىقى مەھمەت بۈيۈكئەكشىنىڭ، ئېكسپورتتا «ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈۋاتقانلىقى» نى ئەسكەرتىپ، بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 4 ئېيىدىكى ئومۇمىي ئېكسپورتنىڭ % 9.5 ئېشىش بىلەن 53 مىليارد 428 مىليون دوللارغا يەتكەنلىكىنى ئەسكەرتكەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى. گېزىتنىڭ خەۋىرىدە، ئاپرېل ئېيىدا 2 مىليارد 97 مىليون دوللار بىلەن ئاپتوموبىل ساھەسىنىڭ بىرىنچى، 1.5 مىليارد دوللار بىلەن كىيىم - كېچەك ساھەسىنىڭ ئىككىنچى، 1.4 مىليارد دوللار بىلەن خىمىيىۋى بۇيۇملار ساھەسىنىڭ ئۈچىنچى بولغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
«‹سىتار› گېزىتى»، «تۈركىيە ئىشسىزلىققا قارشى كۈرەشتە مۇسۇلمان دۆلەتلەرگە ئۈلگە بولدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي كىرىزىسكە قارىماي ئىشسىزلىقنى ئۇزۇندىن بۇيان بىر خانىدا تۇتۇۋاتقان تۈركىيەنىڭ، ياشلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى ئاشۇرۇپ ئورۇنلاشتا ئۈلگىلىك دۆلەتكە ئايلانغانلىقىنى يازدى. گېزىت، تۈركىيەنىڭ ئىشسىزلىققا قارشى كۈرەش مەسىلىسىدە ئىسلام دۆلەتلىرىگە ئۈلگە ياراتقانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى. گېزىتنىڭ خەۋىرىدە، تۈركىيە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئورگىنى بىلەن ئىسلام دۆلەتلىرى ئىستاتىستىكا، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلار تەتقىقاتلىرى ۋە مائارىپ مەركىزى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان يىغىندا، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا 20 گە يېقىن مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىنى كۈتۈۋالغانلىقى قەيت قىلىندى. گېزىت، ئىسلام دۆلەتلىرى ئىستاتىستىكا، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلار تەتقىقاتلىرى ۋە مائارىپ مەركىزىنىڭ، ئىشسىزلىق نىسبىتى يۈكسەك سەۋىيەدىكى ئىسلام ئەللىرىگە تۈركىيە يولغا قويۇۋاتقان مودېللارنى تونۇشتۇرغانلىقىنى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئەمگەك كۈچى ساھەسىدە ئىشقا ئاشۇرۇۋاتقان تەلىم - تەربىيە خىزمەتلىرى ۋە تەجرىبىلىرىنى ئورتاقلاشقانلىقىنى تەكىتلىدى.
«‹ مىللىيەت› گېزىتى»، «گېرمانىيەنىڭ تىچىبو شىركىتى ئەڭ كۆپ تۈرك قەھۋەسى ساتىدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، گېرمانىيەنىڭ تىچىبو شىركىتى تۈركىيە شۆبىسىنىڭ باش دىرېكتورى شەناي كۈچۈك تانشۇ بىلەن ئېلىپ بېرىلغان زىيارەت خاتىرىسى توغرۇلۇق مەلۇمات بەردى. گېزىت، تانشۇنىڭ، يۈرۈشلەشكەن مەھسۇلاتلار سىستېمىسى تىزىملىكىگە تۈرك قەھۋەسىنىمۇ كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئۇدا ئىككى يىل جاپالىق ئىزدەنگەنلىكلىرىنى تەكىتلەپ، «دۇنيانىڭ لىدەر قەھۋە ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىدىن بىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تۈرك قەھۋەسىنىمۇ سېتىشىمىز لازىملىقىنى تونۇپ يەتتۇق. شۇنىڭ بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، پىلانىمىزنى شىركىتىمىزنىڭ گېرمانىيەدىكى مەركىزىگە قوبۇل قىلغۇزدۇق. نۆۋەتتە قەھۋەلىرىمىز ئارىسىدا ئەڭ بازار تېپىۋاتقىنى تۈرك قەھۋەسى» دېگەن سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈردى.
«‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «تەنتەربىيە خەۋەرلىرى» سەپىسىدىكى «تالانتلىق تۈرك ماھىر» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئىسپانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ، 40 يىل كېيىن چېمپىيونلار مۇسابىقىسىدە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتناشقان ئاتلېتىكو مادرىد كوماندىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى توغرۇلۇق مەلۇمات بەردى. گېزىت، ئىسپانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ تۈرك ماھىر ئاردا تۇراننى ماختاپ كۆتۈرگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى. گېزىتنىڭ خەۋىرىدە، «تالانتلىق تۈرك ماھىر» دەپ ئاتالغان ئاردانىڭ، تارىخ سەھىپىسىدىن چېمپىيونلار مۇسابىقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ۋاراتاغا توپ كىرگۈزگەن تۇنجى تۈرك ماھىر سۈپىتىدە ئورۇن ئالغانلىقى تەكىتلەندى.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر