تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 04.05.2014

بۈگۈنكى تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

63482
تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا بۈگۈن 04.05.2014

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹يېڭى شەپەق› گېزىتى»، «ئۇكرائىنا ئىچكى ئۇرۇش گىردابىغا بېرىپ قالدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، رۇسىيە تەرەپدارلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان قالايمىقانچىلىقنىڭ ئۇكرائىنانى ئىچكى ئۇرۇش گىردابىغا سۆرەپ كىرىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى يازدى. گېزىتنىڭ خەۋىرىدە، ئودېسادا 40 تىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋەقەلەردىن كېيىن توقۇنۇشنىڭ دائىرىسىنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، رۇسىيەلىك ۋەكىللەرنىڭ موسكۋانى ئۇكرائىناغا ئەسكەر ئەۋەتىشكە چاقىرغانلىقى قەيت قىلىندى.
«‹ مىللىيەت› گېزىتى»، «ئۆي - ماكانلىرى مازارلىرىغا ئايلاندى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئافغانىستاننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بەدەخشان ۋىلايىتىدىكى ئاب بارىق يېزىسىدا مەيدانغا كەلگەن يەر كۆچۈش ئاپىتىدە كەم دېگەندە 350 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى يازدى. گېزىتنىڭ خەۋىرىنىڭ داۋامىدا، مىڭلارچە كىشىنىڭ تۇپراق ئاستىدا قالغان بولۇشىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، تۇپراق ئاستىدا قالغانلارنىڭ سانىنىڭ 2 مىڭ كىشىگە يېتىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقى ئەسكەرتىلدى. گېزىت، پاتقاقلىق تۈپەيلى ئىزدەش - قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقى ئۈچۈن، يېزىنىڭ ئاممىۋى قەبرىستانلىق سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.
«‹سىتار› گېزىتى»، «مېرس ۋىرۇسى ئامېرىكغىمۇ تاشتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا بىر سەھىيە خادىمىنىڭ كۆپىنچە ئەرەب قولتۇقى دۆلەتلىرىدە كۆرۈلىدىغان بىر نەپەسلىنىش سىستېمسى كېسەللىكى بولغان مېرس ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى يازدى. گېزىتنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: «كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش مەركىزى، ھىندىئانادىكى كېسەلنىڭ كىملەر بىلەن ئالاقە قىلغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىشقا تىرىشماقتا. كېسەللىك بايقالغان 2012 - يىلدىن بېرى ئەڭ كۆپ مېرس ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ھادىسىسى 2014 - يىلى ئاپرېلدا كۆرۈلدى. تارقىلىش دائىرىسى سەئۇدى ئەرەبىستان بولۇپ، پەقەت 29 - 30 - ئاپرېل كۈنلىرىلا 26 كىشى مېرس ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى.»
«‹خەۋەر تۈرك› گېزىتى»، «كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسىسىز يېڭى يۈز» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، 34 ياشلىق مۇھىتتىن ئىشىقنىڭ، پىروفېسسور دوكتور مەھمەت مۇتافنىڭ ئوپېراتسىيەسى ئارقىلىق «يېڭى يۈز» گە ئىگە بولغانلىقىنى يازدى. گېزىتنىڭ خەۋىرىدە، گازىئانتەپتە، 17 ياش ۋاقتىدا ئۆيىگە ئوت كەتكەندە يۈزى كۆيۈپ كەتكەن، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدا 50 تىن ئارتۇق ئوپېراتسىيە قىلدۇرغان بولۇشىغا قارىماي ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغانلىقى ئۈچۈن سىرتقا چىقمايدىغان 34 ياشلىق مۇھىتتىن ئىشىقنىڭ، گازىئانتەپ مېدىتسىنا فاكۇلتېتى، پىلاستىكىلىق ۋە ھۆسن تۈزەش ئوپېراتسىيەسى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى پىروفېسسور دوكتور مەھمەت مۇتافنىڭ ئوپېراتسىيەلىرى ئارقىلىق «يېڭى يۈز» گە ئىگە بولغانلىقى تەكىتلەندى.
«‹ ئاخشام› گېزىتى»، «3 مىڭ 600 ئۆيگە يېڭى قوشنا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، جەزبىدارلىق دۆلەتكە ئايلانغان تۈركىيەدە بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى چارىكىدە چەتئەللىكلەرنىڭ تۈركىيەدىن 3 مىڭ 640 ئۆي سېتىۋالغانلىقىنى يازدى. گېزىت، چەتئەللىكلەرنىڭ پەقەت مارت ئېيىدىلا تۈركىيەدىن 1362 ئۆي سېتىۋالغانلىقىنى، ئاپرېلدا ئىستانبۇلدىن 478، ئانتاليادىن 459 ئۆي سېتىۋالغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر