«تۈركىيە مەدەنىيەت يولى فېستىۋالى» داۋاملاشماقتا

دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ كەڭ كۆلەملىك فېستىۋال بولغان «تۈركىيە مەدەنىيەت يولى فېستىۋالى» چەكسىز ھاياجان ئىلكىدە داۋاملاشماقتا.

2150359
«تۈركىيە مەدەنىيەت يولى فېستىۋالى» داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى مەھمەت نۇرى ئەرسوي سامسۇن مۇزېيىدا سامسۇن مەدەنىيەت يول فېستىۋالى باشلانغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، دۇنيا ساياھەت تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئالدىنقى بەش ساياھەت دۆلىتىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى، تۈركىيەنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ پەقەت ساياھەتچىلىك بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«كۆپلۈكى جەھەتتىن رېكورت بۇزۇپ تاشلانغان تاماشىبىنلىرى، ئېرىشىۋاتقان مۇكاپاتلىرى ۋە ئېكسپورت نەتىجىلىرى، تىياتىردىن ئوپېرا ۋە بالېت ئويۇنىغىچە، كىنولىرىدىن تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىغىچە تۈركىيە ھەر ساھەدە ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلماقتا.»

«تۈركىيە مەدەنىيەت يولى فېستىۋالى ھەم ئاشۇ مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ نەتىجىسىدۇر، ھەمدە بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىشىدا تۈرتكىلىك رول ئونايدىغان مۇھىم لايىھەدۇر. دەرۋەقە، بۇ فېستىۋال دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ كەڭ كۆلەملىك فېستىۋالدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر