گوللاندىيەدە قۇرئان كەرىم تارقىتىلدى

گوللاندىيەدە «پادىشاھ كۈنى» (پادىشاھنىڭ تۇغۇلغان كۈنى)» پائالىيىتى دائىرىسىدە ھەرقايسى شەھەرلەردە ئىسلام دىنىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن قۇرئان كەرىمنىڭ گوللاندىيەچە تەرجىمىسى تارقىتىلدى.

2133061
گوللاندىيەدە قۇرئان كەرىم تارقىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «مۇسۇلمانلارنىڭ كۆز قارىشى فوندى جەمئىيىتى» گە قاراشلىق «نېمە ئۈچۈن ئىسلام؟» بۆلۈمىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە پىدائىيلىرى 15 شەھەردە «ئىسلامغا چاقىرىق» ناملىق پائالىيەت ئۇيۇشتۇردى.

پائالىيەتتە پادىشاھنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن شەھەر مەركىزىدىكىلەرگە قۇرئان كەرىمنىڭ گوللاندىيەدە تەرجىمىسى ھەدىيە قىلىندى، ئىسلام ھەققىدە رىسالىلەر – تەشۋىقات ۋەرەقەلىرى تارقىتىلدى ھەمدە ئىسلام دىنى تونۇشتۇرۇلدى.

«نېمە ئۈچۈن ئىسلام؟» بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى بەكىر ئەكىنجى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان گوللاندىيەدە ئىنسانلارنىڭ ئىسلام دىنىغا بولغان قىزىقىشىنىڭ بارغانسېرى زورىيىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«گوللاندىيەلىكلەر قۇرئان كەرىمگە ئىنتايىن قىزىقماقتا، كۆپىنچىسى چوقۇم قۇرئان كەرىم ئوقۇيدىغانلىقىنى بايان قىلماقتا. خۇدايىم بۇيرۇسا، بۇ پائالىيەتلەر ئارقىلىق نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىسلام بىلەن تونۇشۇشى ياكى ئىسلام دىنىغا كىرىشىگە ۋەسىلە بولۇۋاتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر