بۈگۈن 23-ئاپرېل...

بۈگۈن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئېچىلغانلىقىنىڭ خاتىرە كۈنى... بۈگۈن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك بالىلارغا سوۋغا قىلغان 23-ئاپرېل ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى...

2130938
بۈگۈن 23-ئاپرېل...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىدىكى ئەڭ چوڭ قەدەم بۇنىڭدىن دەل 104 يىل ئىلگىرى تاشلاندى... تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجىلىسى (ت ب ب م) يىغىن چاقىردى، ئانادولۇ ئۇرۇشتىن ئەمدىلا چىققان بولۇپ، ھارغىن ئىدى. تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجىلىسىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن خەلق مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ رەھبەرلىكىدە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشنىڭ قەدىمىنى تاشلىدى. شۇ لەھزىلەردىن كېيىن، ئىگىلىك ھوقۇقى شەرتسىز ھالدا خەلقكە تەۋە ئىدى.

23-ئاپرېل بىر ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان بىر بايرام سۈپىتىدە تەبرىكلەنمەكتە.

ئاتاتۇرك باشتىن-ئاخىر ئازادلىقنى مەجلىس ۋە خەلقنىڭ ئىرادىسى ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈشنى ئويلايتتى. ئۇ ھەر بىر ھەرىكىتىدە خەلقكە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر ئىرادىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشاتتى. ئۇ ھەمىشە: «پۈتۈن جاھان شۇنى بىلىشى كېرەككى، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ مىللەتنىڭ بېشىدا مەنسەپ يوق، پەقەت بىرلا كۈچ بار، ئۇ بولسىمۇ مىللىي ئىگىلىك ھوقۇقتۇر» دەيتتى.

مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك خەلقنىڭ تەقدىرىنى خەلقنىڭ ئۆزى بەلگىلىشى كېرەكلىكىنى يۇقىرىدىكى سۆزى ئارقىلىق ئىزاھلايتتى. ئۇ پەقەت بىرلا ھوقۇقنىڭ بارلىقىنى، ئۇ بولسىمۇ خەلقنىڭ قەلبى ۋە ۋىجدانى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قوياتتى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجىلىسى 1920-يىلى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى جۈمە نامىزىدىن كېيىن خەلقنىڭ دۇئاسى بىلەن ئېچىلدى، 1921-يىلى 23-ئاپرېل بايرام سۈپىتىدە تەبرىكلىنىشكە باشلاندى، 1929-يىلى 23-ئاپرېل مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك بالىلارنى ئىگىلىك ھوقۇقنىڭ ئاساسىي دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ بايرامنى بالىلارغا ھەدىيە قىلدى. ئەنە شۇ كۈندىن بۇيان 23-ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى سۈپىتىدە تەبرىكلىنىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر