ت ر ت تېلېۋىزىيەسى

 

TRT  تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە ئۇنىڭ مەقسەت-نىشانى

 

مىللىي ۋە رايونلۇق تېلېۋىزىيە قاناللىرى ئارقىلىق، دۆلەت ئىچى ۋە دۇنياغا «توغرا ۋە بىتەرەپ» تارقىتىش بېرىۋاتقان TRT  تېلېۋېزىيەسى، مائارىپ، مەدەنىيەت - سەنئەت، رايونلۇق، دىراما، تەنتەربىيە، مۇزىكا ۋە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى قاتارلىق ساھەلەردىكى پىروگراممىلىرى بىلەن، ئانادولۇنىڭ % 99 قىسمىغا ۋە دۇنيانىڭ پۈتكۈل بولۇڭ پۇچقاقلىرىدىكى خەلق  ئاممىسىنڭ دۇنيادىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە يېڭىلىقلاردىن دەل ۋاقتىدا ئىزچىل، توغرا، تېز ۋە تولۇق خەۋەردار بولۇشى ئۈچۈن كېچە - كۈندۈز خىزمەت ئىشلىمەكتە.

 

TRT؛ كەڭ كۆرۈرمەنلەرنىڭ كەڭ دائىرىلىك دېموكراتىيەگە ۋە قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكىگە ئۇيغۇن ھالدا توغرىنى بىلەلىشىنى، ساغلام ۋە ئەركىن ھالدا ئۆز قارىشىنى ئىپادىلىيەلىشىنى، شۇنداقلا دېموكراتىك جەمئىيەتتە كۆپ سانلىقنىڭ تەكىتلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە، مۇنازىرە ۋە پەرقلىق قاراشلارنىڭ شەكىللىنىشىگە ئىمكان يارىتىپ بېرىدىغان نۇقتىلىق تېمىلاردا، خىلمۇخىل تەھلىل قىلىنغان مەسلىلەردە ئاممىنىڭ ۋاقىپلاندۇرۇلىشىغا ياردەمدە بولۇشنى، ھەمدە مول مەزمۇنلۇق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق كۆرۈرمەنلەرنىڭ مەنىۋى ھاياتىنى بېيىتقاچ، ئۇلارنى تۈرلۈك يېڭىلىقلار ۋە ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەش ۋە كەڭ دائىرىلىك مىللىي مەدەنىيەت جەھەتتىن بىر گەۋدىلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.

 

 

TRT- 1-قانىلى (ئائىلە قانىلى)

1- 1TRT قانىلىنىڭ مەقسىتى، تۈركىيە دائىرىسىدە ئائىلىلەرنى ئاساس قىلغان ئوخشىمىغان ياش، كەسىپ، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت سەۋىيىسىدىكى تېلېۋىزور كۆرگۈچىلەرنى ھۇزۇرلاندۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەلۇماتقا ئىگە قىلىش. قانال بۇنى ئېلىپ بارغاندا مەدەنىيەت سەۋىيەسىنىڭ، ئىتتىپاقلىق، بىرلىك ۋە باراۋەرلىك تۇيغۇلىرىنىڭ مۇستەھكەملىنىشىگە، مىللىي مەدەنىيەت بىرلىكىنىڭ ساقلىنىشىغا ياردەمدە بۇلۇش، خەۋەر ئاڭلىتىش ۋە مۇزىكا ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇشنى نىشان قىلىدۇ. 1TRT قانىلى % 99.9 ساھەسى بىلەن تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ۋە ئىنتېرنېت ئارقىلىق پۈتكۈل دۇنيادىكى كەڭ خەلق ئاممىسىغا كېچە - كۈندۈز مۇلازىمەت قىلماقتا.

 

 

TRT-WORLD قانىلى

TRT-WORLD قانىلى، دۇنياغا تامامەن ئىنگلىز تىلىدا تارقىتىش بېرىدىغان خەۋەر قانىلى بولۇپ، جەسۇر ۋە ئىنساننى چىقىش نۇقتا قىلغان ھالدا ېچە كۈندۈز تارقىتىش بەرمەكتە.

 

 

TRT-HABER قانىلى

TRT-HABER قانىلى، كۈندىلىك مۇھىم خەۋەرلەر، سىياسەت، ئانالىز، مۇنازىرە، تەنتەربىيە، رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر ۋە مەدەنىيەت - سەنئەتنىڭ يېگانە ئادرېسى سۈپىتىدە، تېلېۋىزور كۆرگۈچىلىرىگە ھاياتنىڭ تۈرلۈك رەڭلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا تونۇشتۇرماقتا. شۇڭا قىممەتلىك كۆرۈرمەنلىرىمىز، سىلەرنىڭمۇ  TRT خەۋەر قانىلى ئارقىلىق ئەڭ توغرا ئۇچۇرغا ئىگە بولۇش ھوقۇقىڭىزنى ئىشلىتىشىڭلاردىن قىلچە ئايانماسلىقىڭلارغا تىلەكداشمىز.

خەۋەرلەرنىڭ ئېكرانى TRT-HABER قانىلى ھەممىلا جايدا سىز ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ.

 

 

TRT- SPOR  قانىلى

2010 - يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا رەسمىي تارقىتىش بېرىشكە باشلىغان TRT- SPOR  قانىلى، دۆلەتلىك ۋە خەلقئارالىق بارلىق تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنى نەق مەيداندىن ۋە لېنتىدىن تارقاتماقتا. TRT- SPOR  قانىلى، تەنتەربىيەنىڭ سەر بىر تۈرىگە ناھايىتى زور ئەھمىيەت بەەرمەكتە.

 

TRT- AVAZ قانىلى

 TRT- AVAZ قانىلى، 2009 - يىلى مارت ئېيىدا رەسمىي تارقىتىش باشلىغان بولۇپ، ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان، ئەزەربەيجان، بوسنىيە-گىرتىسگوۋېنا، ئالبانىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق 8 دۆلەتتىن ۋە بۇ دۆلەتلەرگە خاس 8 تىلدا، يىراق شەرقتىن بالقان رايونىغا سوزۇلغان بىپايان زېمىندا ياشاۋاتقان تۈرك خەلقى ۋە تۈرك دۇنياسىغا قارىتا تارقىتىش بەرمەكتە. TRT- AVAZ  قانىلى، مول مەزمۇنلۇق پىروگراممىلىرى ئارقىلىق تۈركىيە ۋە باشقا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ئارىسىدا تىل ۋە چۈشەنچە بىرلىكى ھاسىل قىلماقتا. نۇرغۇنلىغان تۈرك شېۋىلىرىدا «سادا» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان ئاۋاز، تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ئورتاق ساداسى سۈپىتىدە، ئوتتۇرا شەرقتىن كاۋكاز رايونىغا قەدەر 27 دۆلەت ۋە 13 ئاپتونوم جۇمھۇرىيەتتىكى 250 مىليونغا يېقىن نوپۇسقا ئىگە جۇغراپىيەگە خىتاب قىلماقتا.

 

 

TRT - Çocuk(TRT ئۆسمۈرلەر) قانىلى

TRT - Çocukا قانىلى، تۈرك ئۆسمۈرلىرىنىڭ كارتون فىلىملىرىدىن ناخشا - مۇزىكىغا، خەۋرلەردىن تەنتەربىيەگىچە بولغان بارلىق ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرىدىغان بىر قانال بولۇپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ساغلام ئەۋلادلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ھەسسە قوشۇشنى نىشان قىلىدۇ. دۇنياۋى پېداگوگىكا پىرىنسىپلىرىغا ئاساسەن ئەلا سۈپەتلىك، زامانغا لايىق ۋە مەسئۇلىيەتچان تارقىتىشنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىشىلىگە ھەسسە قوشۇش ۋە باشلامچىلىق رولى ئويناشنى ئاساس قىلىپ، تۈرك تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ توغرا ھالدا تونۇشتۇرۇلۇشى، ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆڭۈل ئاچقان ھالدا مەلۇماتقا ئىگە بولۇشىنى مەقسەت قىلىدۇ.

 

 

TRT-BELGESEL(ھۆججەتلىك فىلىم)قانىلى

 TRT- BELGESEL قانىلى، تۈركىيەنى ئىنگىلىزچە، نېمىسچە، فىرانسوزچە، رۇسچە ۋە تۈركچە قاتارلىق بەش تىلدا دۇنياغا تونۇشتۇرۇۋاتقان قانال بولۇپ، كۆرۈرمەنلەرنى تارىخ، جەمئىيەت، تەبىئەت، مۇھىت، تەنتەربىيە، مەدەنىيەت - سەنئەت، ئىلىم - پەن، پەن - تېخنىكا قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلىك فىلىم پىروگراممىلىرى ئارقىلىق مول مەزمۇنلار ۋە مۇھىم ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىمەكتە. ئۆتمۈشنى كەلگۈسىگە تونۇشتۇرۇۋاتقان ۋە تەبىئەتنىڭ ئىزىنى بويلاپ تارقىتىش بېرىۋاتقان بۇ قانال، 2009 - يىلى 17 - ئۆكتەبىر كۈنى رەسمىي خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلدى.

 

 

TRT-MÜZİK (ناخشا - مۇزىكا) قانىلى

تۈركىيەنىڭ ۋە دۇنيانىڭ يېقىملىق ۋە ياڭراق ناخشا - مۇزىكىلىرىنى ئۇچراشتۇرۇۋاتقان  TRTTRT- MÜZİK قانىلى، مۇسابىقە پىروگراممىلىرى، ناخشا - مۇزىكىغا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلىك فىلىملەر، كونسېرت نومۇرلىرى، ئەڭ مۇنەۋۋەر 10 پارچە ناخشا - مۇزىكا ۋە نەق مەيدان پىروگراممىلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا تارقىتىش بەرمەكتە. 2009 - يىلى 16 - نويابىر كۈنى رەسمىي تارقىتىشقا باشلىغان TRT- MÜZİK قانىلى، ئاساسلىقى تۈرك خەلق ۋە سەنئەت ناخشا - مۇزىكىلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا يەرلىك ۋە چەت ئەل ناخشا - مۇزىكىلىرىنى كۆرۈرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنماقتا.

 

 

TRT -ئەلئەرەبىييەقانىلى

تۈركىيەنىڭ  دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بولۇپمۇ رايون دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يەنىمۇ كۈچىيىشىگە تېگىشلىك ھەسسە قوشۇش مەقسىتىدە يولغا چىققان TRT - ئەلئەرەبىييە قانىلىنىڭ، ھەم تۈركىيە ھەمدە ئەرەب دۇنياسىنىڭ ئورتاق تىلى، ئورتاق ئېكرانى، ئورتاق تۇيغۇسى بولۇش مەقسىتىدە چوڭ - كىچىك بارلىق تېلېۋىزور كۆرگۈچىلەرگە خىتاب قىلىپ، ئۆسمۈرلەر، ياشلار، ئاياللار، تەن - سالامەتلىك، ئىقتىسادىي ئۇچۇر، دىراما، ھۆججەتلىك فىلىم، تەنتەربىيە خەۋەرلىرى، ناخشا - مۇزىكا، خەۋەرلەر، مەدەنىيەت - سەنئەت، دىن ۋە ئەخلاق ۋە كۆڭۈل ئېچىش پىروگراممىلىرىن تەشكىل تاپقان مول مەزمۇنلۇق تارقىتىشى 2010 - يىلى ئاپرېل ئېيىدا رەسمىي باشلىدى. ئەرەب تىلىدا سۆزلىشىدىغان 22 ئەرەب دۆلىتى ۋە ئەرەب تىلىدا سۆزلىشىدىغانلارغا قارىتا تارقىتىش بېرىۋاتقان TRT - ئەلئەرەبىييە قانىلى، 350 مىليون نوپۇسقا خىتاب قىلىپ، ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ يەنىمۇ كۈچىيىشىگە ھەسسە قوشۇشنى نىشان قىلماقتا.

 

TRT-TÜRKقانىلى

 TRT-TÜRKقانىلى، دۇنياغا ئاساسلىقى تۈرك تىلىدا تارقىتىش بېرىۋاتقان بىر قانال بولۇپ، تۈركىيەدە تۈرك خەلقى تونۇشتۇرۇلغان پىروگراممىلىرى ھەمدە خەۋەر ۋە مەدەنىيەت - سەنئەت مەزمۇن قىلىنغان تارقىتىشلىرى ئارقىلىق ، چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان ۋەتەنداش ۋە قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تۈركىيە ۋە تۈرك خەلقى بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنى چىقىش نۇقتا قىلىپ، ئۇلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرگە چارە ئىزدەپ، قايغۇ - ھەسرەتلىرىگە ئورتاقلىشىدۇ. قىسقىسى سىز دۇنيانىڭ قەيىرىدە بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر   TRT-TÜRKقانىلى ھەمىشە سىز بىلەن بىللە.

 

 

TRT-KURDİقانىلى

TRT-KURDİقانىلى، TRT نىڭ كوردچە تارقىتىش بېرىۋاتقان قانىلى بىلەن بىرلىكتە، تۈركىيەنىڭ خەلقئارالىق بولۇپمۇ رايون دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بارغانسېرى تەرەققىي قىلىشىغا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشۇۋاتقان بىر قانالدۇر. دۆلىتىمىزنىڭ بىرلىك ۋە پۈتۈنلۈكىنى قوغداشنى مەقسەت قىلىپ، زامانىۋى قانۇن - نىزاملارغا ئاساسەن چوڭ - كىچىك ھەممىگە خىتاب قىلىۋاتقان كوردچە ئائىلە قانىلى بولغان TRT-KURDİقانىلى، 2009 - يىلى يانۋاردا رەسمىي خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلدى.

 

 

TRT-OKUL(مائارىپ) قانىلى

2011 يىلى  رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن TRT-OKULقانىلىدا ئانادولۇ ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن ھازىرلانغان دەرس پىروگراممىلىرى، مائارىپ ۋە مەسەنىيەت پىروگراممىلىرىدىن سىرت يەنە،  TRT تەرىپىدىن ھازىرلانغان ھەرقايسى ياش گۇرۇپپىلىرى نىشان قىلىنغان مائارىپ مەدەنىيەت پىروگراممىلىرى، قىسقا مەلۇماتلار ۋە ياشلار نىشان قىلىنغان تۈرلۈك پىروگراممىلار تارقىتىلماقتا.

 

 

TRT - 3 قانىلى

3TRT -  قانىلى، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (تۈركىيە پارلامېنتى) قانىلى بىلەن ئورتاق تارقىتىش بەرمەكتە. تۈركىيە پارلامېنتىدىن نەق مەيداندىن تارقىتىش بېرىلىدىغان TBMM TV قانىلى بىلەن TRT - Spor قانىلى،öö3 TRT قانىلى ئېكرانىدا بەزىدە نۆۋەت بىلەن تارقىتىش بېرىدۇ.