ئامېرىكادا ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچ كۈنلۈك «تۈرك فېستىۋالى» نەتىجىلىك ئاخىرىلاشتى
ئامېرىكانىڭ ئىللىنوئىس ئىشتاتىغا قاراشلىق چىكاگو شەھىرىدە ئۈچ كۈن داۋاملاشقان «تۈرك فېستىۋالى» غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: روسېمونت رايونىدىكى دونالد ئې ستېفېنس كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن فېستىۋالدا، تۈرك كۈلتۈرىنى زىيارەتچىلەرگە تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن ھەر خىل پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى.
تۈرك دۇنياسىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇسسۇل نومۇرلىرى ۋە داڭلىق جاز سەنئەتچىسى كامىلا فۇرقاننىڭ نومۇرلىرى زىيارەتچىلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلدى.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىدارىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «تۈركىيە ئەسرى» كۆرگەزمىسىدە، تۈركىيەنىڭ تارىخى ۋە تەبىئىي گۈزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان 40 پارچە فوتو - سۈرەت كۆرگەزمە قىلىنغان بولۇپ، زىيارەتچىلەرنىڭ زور قىزىقىشىنى قوزغىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گېرمانىيەدە بىر قەھۋەخانىدا پارتلاش يۈز بەردى
گېرمانىيەنىڭ كۆلىن شەھىرىدىكى بىر قەھۋەخانىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا ئىككى كىشى يېنىك يارىلاندى.