ت ر ت ۋورلدنىڭ ھۆججەتلىك فىلىمى ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى-ت ر ت (TRT) نىڭ خەلقئارالىق ت ر ت ۋورلد قانىلى (TRT World) ئىشلىگەن «Off The Grid» قىسىملىق ھۆججەتلىك فىلىمى، ئامېرىكادا ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.

2129304
ت ر ت ۋورلدنىڭ ھۆججەتلىك فىلىمى ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كېنىيەدە قۇرغاقچىلىق ۋە يۇقىرى تېمپېراتۇرا سەۋەبىدىن قاغجىراپ قۇرۇپ كەتكەن ئېتىزلىقلار، مىليونلارچە كىشىنى ئاچارچىلىققا دۇچار قىلدى.

كېنىيەدە تەبىئىي بايلىقلار ئۈچۈن رىقابەت كەسكىنلەشكەنسېرى توقۇنۇشلارمۇ كۆپەيمەكتە. دەريالار قۇرۇپ كەتكەن، ئاشلىق يېتىشمەيۋاتقان بۇ دۆلەتتە، خەلق ياشاش ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا.

ت ر ت ۋورلد قانىلى كېنىيەدە كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە قۇرغاقچىلىققا دىققەتنى بۇراش مەقسىتىدە، ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىدى. «Off The Grid» فىلىمى نىيۇ يوركتا ئۆتكۈزۈلگەن فېستىۋالدا، تېلېۋىزىيە ۋە فىلىم مۇكاپاتلىرى كاتېگورىيەسىدە ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

نىيۇ يورك فېستىۋالى 60 يىلدىن بۇيان دۇنيادا يېڭىلىق ياراتقان مول مەزمۇنلۇق فىلىملەرنى مۇكاپاتلاپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ھەر يىلى فېستىۋالغا يۈزلەرچە فىلىم قاتناشتۇرۇلىدۇ. مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان فىلىملەر، ئالتۇن، كۈمۈش ۋە مىس مېداللار بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر