تىكا ئافغانىستاندا رامىزانلىق ياردەملىرىنى تارقاتتى

تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى-تىكا (TİKA) ئافغانىستاننىڭ غەربىدە 600 موھتاج ئائىلىگە يېمەك-ئىچمەك ياردىمى تارقاتتى.

2124631
تىكا ئافغانىستاندا رامىزانلىق ياردەملىرىنى تارقاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تىكانىڭ ھېراتتىكى ئىشخانىسى رامىزانلىق پائالىيەتلەر رامكىسىدا، غەربتىكى ھېرات، نىمرۇز، فاراھ ۋە بادگىس ۋىلايەتلىرىدە، 600 موھتاج ئائىلىگە يېمەك-ئىچمەك ياردىمى تارقاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بىلدۈرۈلىشىچە، ھەربىر ئائىلىگە ئىككى ئاي يەتكىدەك ئۇن، گۈرۈچ، ياغ، ماش، پەمىدۇر قىيامى، چاي ۋە شېكەر قاتارلىق كۈندىلىك تۇرمۇش لازىمەتلىكىلىرى تارقىتىلغان بولۇپ، مېيىپلار، ياشانغانلار ۋە تۇل ئاياللارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈنگەن.

يېمەك-ئىچىمەك ياردەملىرى تارقىتىشنىڭ روزا ھېيتتىمۇ داۋاملىشىدىغانلىقى ۋە رامىزان ئېيى بويىچە 30 توننادىن ئارتۇق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ موھتاج ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر