ۋىرۇس ئىنسانلاردىن ھايۋانلارغا كۆپ يۇقىدىكەن

ۋىرۇسلارنىڭ ھايۋانلاردىن ئىنسانلارغا ئەمەس، بەلكى ئىنسانلاردىن ھايۋانلارغا كۆپ يۇقىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.

2120279
ۋىرۇس ئىنسانلاردىن ھايۋانلارغا كۆپ يۇقىدىكەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كولېج لوندون ئۇنىۋېرستېتى (University College London) نىڭ ئالىملىرى يەرشارى سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىن پايدىلىنىپ، ۋىرۇسلارنىڭ تۈرلەر ئارىسىدىكى تارقىلىشىنى تەتقىق قىلدى.

تەخمىنەن 12 مىليون تەرتىپلىك سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىن پايدىلىنىلغان تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا، ۋىرۇسلار ئىنسانلار بىلەن ھايۋانلار ئارىسىدا ھەرىكەت قىلىدىغان ئەھۋالدا، كۆرۈلگەن ۋەقەلەرنىڭ %64 دە ئىنسانلار ھايۋانلارنى يۇقۇملاندۇرىدىغانلىقى بايقالغان.

تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى بىئولوگ سېدرىك تان (Cedric Tan): «بىز ھايۋانلارغا، ئۇلارنىڭ بىزگە بەرگىنىدىن كۆپ ۋىرۇس تارقىتىمىز» دېدى.

ئۇ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) ئىنسانلارغا يۇققاندىن كېيىن، ئىنتايىن تېز سۈرئەتتە تارقالغانلىقىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى.

ئۇ بۇنىڭ سەۋەبىنىڭ ئىنسانلار نوپۇسىنىڭ كۆپ ۋە دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە تارقالغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىى بىلدۈردى ۋە تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ بۇ نەتىجىنى كۈتمىگەنلىكىنى، بىراق «ئۆتمۈشكە قارىغاندا مەنتىقىلىق» ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە، ۋىرۇسلارنىڭ ئىنسانلاردىن ھايۋانلارغا يۇقىشىنىڭ، نەسلى تۈگەش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان نۇرغۇن ھايۋان تۈرلىرى ئۈچۈن تەھدىت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مەزكۇر تەتقىاقت نەتىجىسى «تەبىئەت ئېكولوگىيەسى ۋە تەدرىجىي تەرەققىيات ژۇرنىلى» (Nature Ecology and Evolution) دا ئېلان قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر