تىكا رامىزانلىق ياردەم خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى-تىكا رامىزانلىق پىروگراممىلىر رامكىسىدا، قۇددۇس، بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا ۋە مولدوۋادا يېمەك-ئىچمەك بولاقلىرى تارقاتتى.
![تىكا رامىزانلىق ياردەم خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/e308/4965/0fe3/65fd316243b99.jpg?time=1722044810)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تىكا ئاگېنتلىقنىڭ رامىزانلىق خىزمەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات ئېلان قىلدى.
قەيت قىلىنىشىچە، تىكا بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنانىڭ ترېبىنژې شەھىرىدە ئىپتار پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن ۋە خەلق ئاممىسىغا يېمەك-ئىچمەك بولىقى تارقاتقان.
تىكا بىلەن پەلەستىن ئىجتىمائىي تەرەققىيات مىنىستىرلىقى قۇددۇس ۋىلايەتلىك ئىدارىسىنىڭ ھەمكارلىقىدا، قۇددۇس ۋە ئەتراپىدا ياشاۋاتقان 500 ئائىلىگە كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى ھەمدە يېمەك-ئىچمەك بولىقى تارقىتىلغان.
مەلۇماتتا بىلدۈرۈلىشىچە، مولدوۋا پايتەختى كىشىنېۋدە تىكا تەرىپىدىن تەييارلانغان يېمەك-ئىچمەك بولاقلىرى دۆلەت مىقياسىدىكى 4 مىڭ ئائىلىگە تارقىتىپ بېرىلىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، رامىزان بويىچە مولدوۋاغا قاراشلىق گاگاۋۇز ئاپتونوم رايونى ۋە مولدوۋانىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھىرى بېلتس قاتارلىق شەھەرلەردە، 2500 ئائىلىگە يېمەك-ئىچمەك بولىقى تارقىتىلىدىكەن.