ئاكا-ئۇكىلار مۇزىكا ئەترىتى كونسېرت كىرىملىرىنى پەلەستىنلىكلەرگە ئىئانە قىلىدۇ

ئۈچ پەلەستىنلىك ئاكا-ئۇكا قۇرغان «Le Trio Joubran» ناملىق مۇزىكا ئەترىتى ئىستانبۇلدىكى كونسېرتتىن كەلگەن كىرىملەرنى پەلەستىنلىكلەرگە ئىئانە قىلىدىغان بولدى.

2067370
ئاكا-ئۇكىلار مۇزىكا ئەترىتى كونسېرت كىرىملىرىنى پەلەستىنلىكلەرگە ئىئانە قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن مۇزىكىلىرىنى دۇنياغا تونۇتقان «Le Trio Joubran»  24-نويابىر ئىستانبۇلدا كونسىرت بېرىپ، مۇزىكا ھەۋەسكارلىرى بىلەن ئۇچرىشىدۇ.  

«Le Trio Joubran» ناملىق مۇزىكا ئەترىتى ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، كونسېرتتىن كەلگەن كىرىملەرنى قىزىل كرېست جەمئىيىتىگە ۋە پەلەستىندە داۋالىنىشنى ساقلاۋاتقان يارىدارلارغا ئىئانە قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئاكا-ئۇكا سامىر، ۋىسسام ۋە ئادنان جۇبراندىن تەركىب تاپقان مۇزىكا ئەترىتى، بۈگۈنگە قەدەر سەككىز دانە ئالبۇم چىقاردى.

خەلقئارادىمۇ شۆھرەتكە ئىگە بولغان مۇزىكا ئەترىتى «پارىژ ئولىمپىيەسى» دىن «نىيۇ يورك كارنىگ ھال» غىچە بولغان ئوخشىمىغان جايلاردا مىڭلىغان كىشىلەرگە كونسېرت بەردى.

كىنو- فىلىم مۇزىكىلىرىنىمۇ ئىجات قىلىۋاتقان بۇ ئەترەت، 2009-يىلى دۇبەي فېستىۋالىدا «ئەڭ ياخشى نوتا»  بويىچە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر