بۇ يىللىق مەۋلانا جالالىدىن رۇمىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنىڭ تېمىسى «دوستلۇق ۋاقتى» دەپ بېكىتىلدى
تەلىماتلىرى، ھېكمەتلىك سۆزلىرى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا زور قىزىقىش قوزغىغان مۇتەپەككۇر مەۋلانا جالالىدىن رۇمى ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 749 – خاتىرە يىلى ھەر خىل مۇراسىملار ئۆتكۈزۈلۈپ تەبرىكلىنىدۇ.
1904224
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەۋلانا جالالىدىن رۇمى ۋاپاتىنىڭ 749 – خاتىرە يىلىنىڭ بۇ يىللىق تېمىسى «دوستلۇق ۋاقتى» دەپ بېكىتىلدى؛ كونيا ۋالىيلىق مەھكىمىسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ يىللىق مەۋلانا رۇمىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنىڭ 7 – دېكابىردىن 17 – دېكابىرغىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
باياناتتا، بۇ يىل 86 - قېتىملىقى ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىملار دائىرىسىدە، مەۋلانا مەدەنىيەت مەركىزىدە ساما ئۇسسۇللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ت ر ت «‹Telly› مۇكاپاتى» غا لايىق كۆرۈلدى
تۈركىيە رادىيو-تېلېزىيە ئىدارىسى- ت ر ت «‹Telly› مۇكاپاتى» غا لايىق كۆرۈلدى .