ي ت ب: سۈرىيەلىك بالىلار ئۈچۈن مەدەنىيەت – سەنئەت پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇردى
تۈركىيە سىرتىدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەر ئورگىنى (YTB – ي ت ب)، سۈرىيەلىك بالىلار ئۈچۈن مەدەنىيەت – سەنئەت پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە سىرتىدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەر ئورگىنى (YTB – ي ت ب)، سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرۇلغان فىرات قالقىنى ۋە زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا ياشايدىغان سۈرىيەلىك بالىلار ئۈچۈن مەدەنىيەت – سەنئەت پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇردى.
تۈركىيە سىرتىدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەر ئورگىنىنىڭ 10 – نويابىردىن 14 – نويابىرغىچە داۋاملىشىدىغان «سۈرىيە كۆڭۈل جۇغراپىيەسى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئۇچرىشىشى» ناملىق پائالىيىتىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدا، فىرات قالقىنى ۋە زەيتۇن شېخى ھەرىكەتلىرى رايونىدا ياشايدىغان 500 سۈرىيەلىك بالا ئۈچۈن ھەرخىل مەدەنىيەت – سەنئەت پائالىيەتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
جەرابلۇستىكى پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان سۈرىيەلىك بالىلار، ئۆزلىرى ئۈچۈن تەييارلانغان سىزما فىلىم، ھاجىۋات – قاراگۆز سەھنە ئويۇنلىرى ۋە «رافادان تايفا» دېگەندەك نومۇرلارنى كۆردى.
مۇسابىقىلەردە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بالىلار، ئويۇن باغچىلىرىدا قانغۇچە كۆڭۈل ئاچتى. پائالىيەتتىن كېيىن بالىلار ھەرخىل تائاملار بىلەن مېھمان قىلىندى.