ھالال ۋە ھارام سەزگۈرلۈكى (ئاۋازلىق)

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۇمە خۇتبىلىرى - 50

874012
ھالال ۋە ھارام سەزگۈرلۈكى (ئاۋازلىق)

 

ئەزىز مۇئمىن قېرىنداشلار! جۈمە كۈنىڭلار مۇبارەك بولسۇن!

ئاللاھ تائالا يۇقىرىقى ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:

«ئى مۇئمىنلەر! بۇ ھاراق، قىمار، تاش تېكىش، پال ئوقلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى پاسكىنا شەيتانىي قىلىقلاردۇر. شۇڭا بۇلاردىن ساقلىنىڭلار، ئۈمۈدكى، سىلەرگە بەخىتيارلىق نىسىپ بولغاي»[1].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس شەرىپتە مۇنداق دەيدۇ:

ھالالمۇ ئېنىق ۋە ھاراممۇ ئېنىقتۇر. بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بەزى شۈبىھىلىك ئىشلار باركى، ئىنسانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇلارنى بىلمەيدۇ. كىمكى شۈبھىلىك نەرسىلەردىن ئۇزاق تۇرسا، دىنىنى ۋە شەرىپىنى قوغدىغان بولىدۇ. كىمكى شۈبىھىلىك نەرسىلەرگە پاتسا، ھارامغا پاتقان بولىدۇ»[2]

ئەزىز قېرىنداشلار! ئۇلۇغ رەببىمىز ئىنساننى ئەڭ قىممەتلىك مەخلۇق قىلىپ يارىتىپ، پاك تەبىئىتىنى قوغداش ۋە ئەبىدىيلىك نىجاتلىققا ئېرىشىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا بەزى چەك - چېگرالارنى سىزىپ بەرگەن. ھاياتىمىز بويىچە رېئايە قىلىشىمىز كېرەكلىك بۇ چەك - چېگرالارنى بىز ھالال ۋە ھارام دەپ ئاتايمىز.

ھالال؛ يارىتىلىشىمىزنىڭ غايە ۋە ھېكىمىتىگە ئۇيغۇن  گۈزەللىكلەر بولسا، ھارام؛ ئەڭ ئەزىز قىلىپ يارىتىلغان بىز ئىنسانلارنىڭ غۇرۇرى ۋە كىشىلىك سالاھىيىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ناچارلىقلاردۇر.

ھالال؛ ئاللاھنىڭ رىزاسىغا ئۇيغۇن سۆز، مۇئامىلە، پوزىتسىيە بولسا، ھارام؛ ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ۋە ئىنسانلارنىڭ ئەيىبلىشىگە سەۋەب بولىدىغان يامان قىلمىشلاردۇر.

ھالالنىڭ كويىدا بولۇش ئاللاھقا بولغان ئىمانىمىزنىڭ يەنى، ئۇنىڭغا بەرگەن بەندىچىلىك ۋەدىمىزگە بولغان ساداقىتىمىزنىڭ ئىزھارى ھېسابلانسا، ھارامغا مىلىنىش؛ بۇ ۋەدىنى نەزەردىن ساقىت قىلغانلىق بولىدۇ.

ھالالنىڭ ئارقىدىن يۈگرىشىمىز ئىنسانغا يارىشىدىغان، پاك ۋە شەرەپلىك بىر ھايات كەچۈرۈش تىرىشچانلىقى ھېسابلانسا، ھارامغا چۆكۈش؛ زىھنىنى ۋە قەلبىنى مەينەت قىلش، ھاۋايى – ھەۋەس، ئارزۇ – ئىستەكلىرىنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قلىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئىنسان ھالالغا قانچە يېقىنلاشقانسىرى خاتىرجەملىككە شۇنچە يېقىنلاشقان بولىدۇ. ھارامغا ئىنتىلگەنلەرنىڭ ئاقىۋىتى بولسا، پۇشايمان ۋە ئازابتىنلا ئىبارەت بولىدۇ. ھالال ۋە ھارامغا بولغان سەگۈرلۈكىنى يوقۇتۇپ، ئىسراپ قىلىنغان ئۆمۈرنىڭ ئاقۋىتى ھالاكەتتىن باشقا نەرسە بولمايدۇ.

ئەزىز قېرىنداشلار! دىنىمىزدا ھېچ كىشىنىڭ ئۆز ئارزۇسىغا بىنائەن ھالال ۋە ھارامنىڭ بەلىگلەش ھوقۇقى بولمايدۇ. قۇرئان كەرىمنىڭ رەھمەتكە تولغان ئايەتلىرىگە ئىمان ئېيتقان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇتلۇق يولىدا ماڭغان ھەر قانداق مۆئمىن، ھالال ۋە ھارام سەزگۈرلىكىگە ئىگە بولۇشى لازىم. مۆئمىنلەر ئىماننىڭ تەقەززاسى سۈپىتىدە ئاللاھنى ياخشى كۆرىدىغان، چەك – چېگرالارنى ۋە ئۆزىنى تونۇيدىغان كىشىلەردۇر. مۆئمىنلەر ۋىجدان ۋە كۆيۈم – شەپقەتنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، ھېچ كىشىگە ئازار بەرمەيدۇ. پەرۋاسىز، ھۆرمەتسىز ۋە ئىپپەتسىزلەرچە مۇئامىلە قىلىپ، ئۆز ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ شەرىپىنى ئاياق ئاستى قىلمايدۇ.

مۆئمىن بۇ ئۆتكۈنچى دۇنيادا ساناغلىق ئۆمرىنى پالچىلىق، قىمار، لاتارىيە ئويۇنلىرى، ئۆسۈم، پاراخورلۇق، جازانىخورلۇق ۋە ئوغىرلىققا ئوخشاش ناھەق تاپاۋەتلەر ئۈچۈن ئىسراپ قىلمايدۇ. ئاللاھ ئامانەت قىلغان بەدىنىنى ھاراق ۋە زەھەرلىك چېكىملىك بىلەن زەھەرلىمەيدۇ. ھالال بولمىغان يېمەك - ئىچمەكلەر بىلەن سالامەتلىكىگە زىيان سالمايدۇ.

مۆئمىن شۇنداق ئىنسانكى، يېتىمنىڭ مېلىغا قول ئۇزاتمايدۇ. بەندىلەرنىڭ ۋە خەلقنىڭ ھەققىگە چاڭ سالمايدۇ. ئايالى ۋە پەرزەنتلىرىگە، ئاتا – ئانا، قوشنا ۋە ئۇرۇق – تۇغقانلىرىغا ناچار مۇئامىلە قىلمايدۇ. يالغانچىلىق، يالغان شاھىت بولۇش، تۆھمەت ۋە بولمىغۇر سۆزلەر بىلەن تىلىنى كىرلەتمەيدۇ. ئامانەتكە قەتئىي خىيانەت قىلمايدۇ. ۋەدىسىدىن يېنىۋالمايدۇ. پىتنە – پاساتنىڭ ئارقىدىن يۈگۈرمەيدۇ. بۇزۇقچىلىق قىلمايدۇ.

ئەزىز قېرىنداشلار! مۆئمىنلەر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھالال ۋە ھارامنىڭ چەك – چېگرالىرىغا تۇتقان پوزىتسىيەيىمىزگە قاتتىق دىققەت قىلىشىمىز لازىم. قېنى ھەممەيلەن ئۆزىمىزدىن مۇنداق سوئاللارنى سوراپ باقايلى! 

بىز راستىنلا ھالال ۋە ھارام سەزگۈرلىكىمىزنىڭ دائىرىسى ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرىۋاتامدۇق؟ ياكى بۇ نۇقتىدا پەرۋاسىزلىق قىلىۋاتامدۇق؟ 

گۇناھنى پەرۋايىمىزغا ئالماي، ھارامدىن قاچماي، دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەختىيارلىقىمىزنى خەۋپكە ئىتتىرىۋاتامدۇق يوق؟

ياكى چىن يۈرەكتىن تەۋبە قىلىپ، قايتا تەكرارلىماسلىق ئۈچۈن خاتالىقلىرىمىزدىن ۋاز كېچىۋاتامدۇق؟

شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى، مۆئمىنگە يارىشىدىغىنى، ھالال ۋە ھارامغا نىسبەتەن سەگەك بولۇشتۇر. ئىنسان خاتالىق ئۆتكۈزىشى مۇمكىن، بىراق خاتالىق ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ ئەڭ پاراسەتلىكى، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە خاتادىن قايتقان ۋە تەۋبە قىلالىغانلاردۇر. 

خۇتبىمىزنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ دۇئاسى بىلەن ئاخىرىلاشتۇرماقىمىز:

«ئى ئاللاھىم! شەرق بىلەن غەربنىڭ ئارىسىنى ئۇزاقلاشۇرغانغا ئوخشاش مەن بىلەن گۇناھلىرىمنىڭ ئارىسىنىمۇ ئۇزاقلاشتۇرغىن!

ئى ئاللاھىم! ئاپئاق كېيىمنى كىردىن تازىلانغاندەك مېنىمۇ گۇناھلىرىمدىن پاكلىغىن!»[3] ئامىن!

 

 


[1] - سۈرە مائىدە، 90 ئايەت

[2] - بۇخارى

[3] - بۇخارى



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر