سۈرە فاتىر ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە (ئاۋازلىق)

قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟ (50)

872835
سۈرە فاتىر ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە (ئاۋازلىق)

تۆۋەندە سۈرە فاتىرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى، نازىل بولغان زامان ۋە ماكانلىرىنى ئاڭلىتىمىز. (ئاۋازلىق)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار ئېسىڭلاردا بولسا كېرەك، «قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ ئالدىنقى بۆلىمىدە سىلەرگە سۈرە سەبەنىڭ نازىل بولغان ۋاقتى ۋە قىسقىچە مەمۇنىنى ئاڭلاتقان ئىدۇق. بۈگۈنكى بۆلۈمىدە، سۈرە فاتىرنىڭ ئاتىلىشى، نازىل بولغان ۋاقتى ۋە مەمۇنىنى ئاڭلىتىمىز.

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

سۈرە فاتىر ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

ئاتىلىشى:

سۈرىنىڭ 1 ـ ئايىتىدىكى «فاطر» دېگەن سۆز ئۇنىڭ ئىسمى بولۇپ بەلگىلەنگەن. بۇ  «فاطر»دېگەن سۆز ئىشلىتىلگەن سۈرە، دېگەنلىك بولىدۇ. سۈرىنىڭ ««المَلاَئِكه»دەپ يەنە بىر ئىسمىمۇ بولۇپ، ئۇمۇ 1 ـ ئايەتتىن ئېلىنغان.

 نازىل بولغان ۋاقتى :

سۈرىنىڭ ئىچكى دەلىللىرى بىلەن ئۇنىڭ ئاساسەن ئوتتۇرا مەككە دەۋرىدە، يەنە كېلىپ، مۇخالىپەتچىلىك راسا ئەۋجىگە چىققان، دۈشمەنلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتىنى مەغلۇپ قىلىش ئۈچۈن خىلمۇخىل ئويۇنلارنى ئويناۋاتقان ۋاقىتتا نازىل بولغانلىقى ئايدىڭلىشىدۇ.

مەزمۇنى:

سۈرىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋھىد چاقىرىقىغا قارشى مەككە كۇپپارلىرى ۋە ئۇلارنىڭ كاتىۋاشلىرى تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەلەرگە، نەسىھەت ئۈسلۇبىدا تەنقىد ۋە تەنبىھ بېرىش، شۇنداقلار تەلىمات ئۈسلۇبىدا چۈشەندۈرۈش ئېلىپ بېرىش مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، مەزمۇن خۇلاسىسى تۆۋەندىكىچە:

«ئى نادارلار! بۇ پەيغەمبەر سىلەرنى چاقىرىۋاتقان يولدا دەل ئۆزىڭلارنىڭ مەنپەئەتى بار. بۇنىڭغا نىسبەتەن سىلەرنىڭ غەزەپلىنىپ، مەككارانە ئۇيۇنلارنى ئويناپ يۈرىشىڭلار ۋە ئۇنىڭغا ئېرىشمەسلىك ئۈچۈن توساق بولۇپ يۇرىشىڭلار ئەمەلىيەتتە پەيغەمبەرگە ئەمەس، ئۆزىڭلارغا قارشى ئىش قىلغانلىقىڭلاردۇر. ئۇنىڭ گىپىگە كىرمىسەڭلار پەقەت ئۆزىڭلارغىلا زىيان سالىسىلەر. قېنى ئۇنىڭ سىلەرگە دەۋاتقانلىرىنى ئويلۇنۇپ باقمامسىلەر كى، ئۇنىڭدا زادى نېمە خاتالىق بار؟ ئۇ شېرىكچىلىككە رەددىيە بېرىۋاتىدۇ. قېنى سىلەر كۆزىڭلارنى يوغان ئېچىپ قاراپ بېقىڭلار، دۇنيادا شېرىكچىلىكنىڭ بىرەر ئاساسى بارمۇ؟ ئۇ سىلەرگە تەۋھىدنىڭ چاقىرىقىنى قىلىۋاتىدۇ؛ قېنى ئەقلىڭلارنى ئىشقا سېلىپ تەپەككەر قىلىپ بېقىڭلاركى، زېمىن، ئاسمانلاردا ياراتقۇچى ئاللاھدىن باشقا ئىلاھلىق سۈپىتىگە ۋە ھوقوق، ئىختىيارلىقىغا ئىگە باشقا بىرەر مەۋجۇتلۇق بارمۇ؟

ئۇ سىلەرگە «بۇ دۇنيادا سىلەر ھەرگىز مەسئۇلىيەتسىز ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئالدىدا ئۆز ئەمەللىرىڭلاردىن ھېساپ بەرمىسەڭلار بولمايدۇ. بۇ دۇنيالىق ھاياتتىن كىيىن يەنە بىر ھايات باشلىنىدۇ ۋە ئۇنىڭدا ھەر كىشى ئۆز ئەمەلىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ» دەيدۇ. قېنى ئۆزىڭلار ئويلۇنۇپ بېقىڭلاركى، بۇنىڭغا قارىتا گۇماندا بولۇپ يۈرىشىڭلار نېمە دېگەن مەنىسىز، ۋە نېمە دېگەن ئاساسسىز؟ ئەجىبا سىلەرنىڭ كۆزلىرىڭلار كىچەيۇ ـ كۈندۈز يارىتىلىشلارنىڭ تەكرالىنىۋاتقانلىقىنى كۆرمەيۋاتامدۇ؟ شۇنداق ئىكەن، سىلەرنىڭمۇ قايتا يارىتىلىشىڭلار سىلەرنى ئەشۇ كىچىككىنە ئىسپىرمىدىن ياراتقان ئاللاھقا نىسبەتەن مۈمكىن بولماسمۇ؟

ئەجىبا سىلەرنىڭ ئەقلىڭلار «ياخشى بىلەن يامان باراۋەر بولماسلىقى لازىم» دەپ گۇۋاھلىق بەرمەمدۇ؟ ئۇنداقتا قېنى ئېيتىپ بېقىڭلاركى، ئەقىلگە ئويغۇن بولغىنى، يامان بىلەن ياخشىنىڭ باراۋەر بولۇپ، توپىغا كۆمۈلگەنچە يوقۇلۇپ كېتىشىمۇ؟ ياكى ياخشىنىڭ ياخشى، ياماننىڭ يامان نەتىجىگە ئىگە بولىشىمۇ؟

ئەمدىلىكتە ئەگەر بۇ ئەقىلگە ئۇيغۇن ھەق گەپلەرنى قوبۇل قىلمىساڭلار ۋە ساختا ئىلاھلارغا بەندىچىلىك قىلىشنى تاشلىماي، ئۆزىڭلارنى يۈگەنسىز، مەسئۇلىيەتسىز، ياۋا تۆگە چاغلاپ دۇنيادا ياشاۋېرىشنى خالىساڭلار، بۇنىڭ پەيغەمبەرگە ھېچقانداق زېيىنى يوق. ھالاكەت سىلەر ئۆزىڭلارنىڭ ئۈستىگە كېلىدۇ. پەيغەمبەرنىڭ پەقەت چۈشەندۈرۈپ قويۇش مەسئۇلىيىتى بار ئىدى. ئەنە ئۇ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ بولدى»

ئايەت داۋامىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قايتا ـ قايتا تەسەللىلەر بېرىلىدۇ ۋە «سەن نەسىھەت قىلىشنىڭ ھەققىنى تولۇق ئادا قىلىۋاتىسەن، شۇنداقتىمۇ ئۇلار گۇمراھلىقتا چىڭ تۇرىۋالسا، توغرا يولنى قوبۇل قىلغىلى ئۇنىمىسا، سېنىڭ ھېچقانداق جاۋاپكارلىقىڭ بولمايدۇ» دېيىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە يەنە «قوبۇل قىلغىلى ئۇنىمىغانلارنىڭ پوزىتسىيەسىدىن غەم قىلىپ يۈرمىگىن، نە ئۇلارنى توغرا يولغا ئەكىلىشنىڭ كويىدا جېنىڭنى ئۇپرىتىپمۇ يۈرمىگىن، ئۇنىڭ ئورنىغا پۈتۈن دىققىتىڭنى گەپنى ئاڭلاشقا تەييار تۇرغانلارغا مەركەزلەشتۇرگىن» دېيىلىدۇ. 

سۈرىدە ئىمان ئېيتقانلارغىمۇ ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە قەتئىي ئىشىنىپ، ھەق يولدا مەھكەم تۇرىشى ئۈچۈن ۋە قەلب ئىرادىسىنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەم بولۇشى ئۈچۈن ئالاھىدە بىشارەتلەر بېرىلىدۇ.

 

 **** ******* ****** ******

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن «قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟» ناملىق پىروگراممىمىزنى مۇشۇ يەردە توختىتىمىز. ئىنشائاللاھ پىروگراممىزنىڭ كېلەر ھەپتىلىك بۆلىمىدە سۈرە ياسىننىڭنازىل بولغان ۋاقتى ۋە قىسقىچە مەزمۇنىنى ئاڭلىتىمىز.

كېلەر ھەپتە يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا دىققىتىڭلار ئاڭلىتىشىمىزدا بولسۇن. خەير خوش.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر