ئەردوغان: قۇددۇس قولدىن كەتسە، مەدىنىنى قوغداپ قالغىلى بولمايدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قۇددۇس مۇسۇلمانلارنىڭ قولىدىن كېتىپ قالغان تەقدىردە مەدىنىنى قوغداپ قالغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

869542
ئەردوغان: قۇددۇس قولدىن كەتسە، مەدىنىنى قوغداپ قالغىلى بولمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان لۈتفى قىردار يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن «نەجىپ فازىل مۇكاپاتلىرى» پىروگراممىسىدا قىلغان سۆزىدە، سۈرىيەدە پۈتكۈل دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ كېلەچىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان سۇيىقەستلىك پىلاننى بۇزۇپ تاشلىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە قۇددۇس ۋاسىتە قىلىنىپ پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرق رايونى ۋە بارلىق مۇسۇلمانلار نىشان قىلىنغان يېڭى بىر ھۇجۇم باشلاندى. بۇ ھەقتىمۇ چارشەنبە كۈنى ناھايىتى مۇھىم قەدەملەرنى تاشلىدۇق، خۇدايىم بۇيرىسا، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق شۇنداق قىلىمىز. قۇددۇس مۇسۇلمانلارنىڭ قولىدىن كېتىپ قالغان تەقدىردە مەدىنىنى قوغداپ قېلىش مۇمكىن ئەمەس. مەدىنە قولدىن كېتىپ قالسا، مەككىنى قوغداپ قالغىلى بولمايدۇ، مەككە قولدىن كېتىپ قالسا، كەبىنى قولدىن بېرىپ قويىمىز. شۇنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەككى، قۇددۇس دېمەك، ئىستانبۇل دېمەكتۇر، ئىسلامئاباد دېمەكتۇر، جاكارتا دېمەكتۇر. مەدىنە دېمەك، قاھىرە دېمەكتۇر، دەمەشق دېمەكتۇر، باغداد دېمەكتۇر. كەبە دېمەك پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنىڭ ئورتاق شان – شەرىپى، ئار – نومۇسى، ئىپتىخارلىق مەنبەسى ۋە مەۋجۇدىيەت غايىسى دېمەكتۇر. شۇڭا بىز بۇلارنىڭ ھېچبېرىدىن ئەسلا ۋاز كەچمەيمىز. ئاللاھنىڭ ئەمر – پەرمانلىرىنى ئورۇنلاش ۋە ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئامانەتلىرىگە ساھىب چىقىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىزنى ئىشقا سالىمىز.»

دۇنيا تەرتىپىنىڭ بۇزۇق ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇنداق بۇزۇق دۇنيا تەرتىپىنىڭ نۆۋىتى كەلگەندە قىرغاقلارغا ئۇرۇلغان مەسۇم بىر سۈرىيەلىكنىڭ جەسىتى، ئۆيى ۋەيران بولغان، پۈتكۈل ھەق – ھوقۇقلىرى تارتىۋېلىنغان بىر پەلەسىتنلىك سۈپىتىدە ئالدىلىرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «بۇ بۇزۇق دۇنيا تەرتىپى نۆۋىتى كەلگەندە يۇرت – ماكانلىرىدىن ئاممىۋى ھالدا سۈرگۈن قىلىنىپ دەريالاردا، پاتقاقلىقلاردا جان ئۈزۈۋاتقان ئاراكانلىقلار سۈپىتىدە ئالدىمىزغا چىقماقتا، شۇڭا بىز بۇنداق تەرتىپنىڭ ئوڭشىلىشى يولىدا داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز ھەمدە  ئادالەتسىزلىك ئالدىدا قەتئىي سۈكۈت قىلمايمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر