گېرمانىيەدە قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

ياۋروپانىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىدىن يۈزلەرچە كىشى ئىشتىراك قىلغان «قۇرئان كەرىم تىلاۋەت مۇسابىقىسى» گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا ئۆتكۈزۈلدى.

832354
گېرمانىيەدە قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېرلىن ئىسلام فېدېراتسىيەسى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان مۇسابىقە 2 كۈن داۋاملاشتى؛ بۇ يىل ئىككىنچى قېتىملىقى ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىگە ياۋروپانىڭ 14 دۆلىتىدىن 723 ئوقۇغۇچى بىلەن 100 قارىي ئىشتىراك قىلدى.

نۇرغۇن كىشى مېھمان سۈپىتىدە قاتناشقان مۇسابىقىدە قۇرئان كەرىمنى تولۇق ئوقۇش كاتېگورىيەسى بويىچە بېرلىندىن ئۇسامە ئابدۇلئەزىز بىرىنچى، بوندىن مۇھەممەد فۇدەيل ئىككىنچى، نورۋېگىيەدىن ئۆمەر مۇختەر ئۈچىنچى بولدى. مۇسابىقىدە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەنلەرگە ھەدىيە تارقىتىپ بېرىلدى.

مەزكۇر مۇسابىقىنىڭ ئالدىمىزدىكى يىللاردىمۇ ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر